ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

كىچىككىنە ھېكايە، زور مەنە (ئىپار تەرجىمىسى)

يوللانغان ۋاقتى: 04:46 08-08-2012 مەنبە: ئېنتىرنىت ئاپتورى: ئىپارتەرجىم كۆرۈلۈشى: قېتىم
شەۋقىيە تورى- ئىپار تەرجىمىسى ئۈچ چوڭ دوختۇر بىر تىببىي ئىلىم پېروفىسسورى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئەتراپىدىكى دوختۇرلارغا مۇنداق دەپتۇ: ـ

شەۋقىيە تورى- ئىپار تەرجىمىسى

ئۈچ چوڭ دوختۇر
بىر تىببىي ئىلىم پېروفىسسورى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئەتراپىدىكى دوختۇرلارغا مۇنداق دەپتۇ:
ــ ھازىر مەن سىلەرگە ئۈچ نەپەر چوڭ دوختۇرنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىمەن.
شۇ يەردە تۇرغان دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى كۆڭلىدە بۇ ئۈچ ئىسىمنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ ئۆز ئىسمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىپتۇ.
  پېروفىسسور گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
ــ بۇ ئۈچ چوڭ دوختۇر: سۇ، ھەرىكەت ۋە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش.

شاپائەت
   سوغۇق قاراڭغۇ كېچە، ئوتنىڭ يېنىدىكى ياغاچ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى.
  ــ سەن قەيەردە؟!ــ دەپ توۋلىدى ئوت.
ــ مەن شەپقەتچىمگە قاراۋاتىمەن،ــ ئىچكىرىكى ئۆيدىن ياغاچنىڭ ئۈنلۈك جاۋابى ئاڭلاندى.
  ئىچكىرىكى ئۆيدىكى كارىۋاتتا، تىنىقى ئارانلا قالغان بىر بوۋاي دىرىلدەپ تىتىرىگىنىچە ياتاتتى.
« ھەئە، ئۇ 40يىل ئىلگىرى مېنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن ئادەم شۇ. ھازىر ئۇ قېرىپ قالدى، بالا-چاقىلىرى ھەممىسى باشقا يەردە، ئائىلىسىدە يالغۇز ئۆزىلا قالدى،ــ ياغاچ ئەستايدىللىق بىلەن ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دېدى،ــ ئەمدى ياردەم قىلمىسام، ئۇ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ دېگەن 40 يىل ئىلگىرى مېنى ئۆستۈرگەن، كۆڭۈل قويۇپ سۇغارغان، يېتىشتۈرۈپ ياراملىق قىلغان ئادەم. ئۇ بولمىغان بولسا، مېنىڭ تاغنى بىر قاپلىغان ئەۋلادلىرىم بولمايتتى، بۈككىدە ئورمانلىق بولالمايتتۇق. ئەمدى ئۇنى ئىسستىپ قويمىسام ئۇ توڭلاپ قالىدۇ.»
ياغاچ ئوتقا ۋارقىراپ تۇرۇپ:ــ سەن بۇ ياققا كېلىپ، مېنى قۇچاقلا!ـ دېدى.
ئوت ياغاچنى قۇچاقلىدى، ئۇنىڭدىن تارقالغان ئىسسىقلىق بوۋاينى قۇتقۇزۇپ قالدى.
ــ باشقىلارنى ئىسسىتىش ئۈچۈن، ئاۋۋال ئۆزۈم كۆيۈشۈم كېرەك،ــ ياغاچ شۇنداق دەپ كۈلۈمسىرىگىنىچە كۈلگە ئايلاندى.
ئوت يىغلىدى، تارام-تارام كۆز ياشلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويدى.

قەلب پادىشاھى
بىر كۈنى، بىر يولۇچى كېتىۋېتىپ يول ياقىسىدا بارار جايى يوق بىر سەرگەرداننى كۆرۈپ قاپتۇ. يولۇچى مېڭىشتىن توختاپ، ھەميانىدىن ئازراق پارچە پۇل ئېلىپ سەرگەردانغا بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:
ــ پەرۋەردىگارىم سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، دوستۇم!ــ دەپتۇ.
ــ پەرۋەردىگارغا رەھمەت،ــ دەپتۇ سەرگەردان،ــ ئەمما، مەن بەختسىز ئادەم ئەمەسمەن.
ــ بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ــ سوراپتۇ يولۇچى.
ــ مۇنداق گەپ،ــ يولۇچى سۆزىنى داۋام قىپتۇ،ــ قۇياش كۆتۈرۈلگەندە مەن پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىمەن، يامغۇر ياغقاندىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن، قورسىقىم تويغاندا رەھمەت ئېيتىمەن، ئاچلىققا چىداشلىق بەرگىنىمدىمۇ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا رەھمەت ئېيتىمەن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى مېنىڭ خاھىشىم، پەرۋەردىگارنى خۇشال قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنى شادلاندۇرىدۇ، شۇڭا مەن بەختلىكمەن. نېمىشقا ئۆزۈمنى بەختسىز دېگۈدەكمەن؟
  يولۇچى ھەيرانلىق بىلەن قاراپ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:ــ سىز كىم بولىسىز؟
ــ مەن بىر پادىشاھ،ــ قەددىنى رۇسلاپ، مەيدىسىنى كەرگىنىچە شۇنداق دەپتۇ سەرگەردان.
ــ ئەمسە، سىز ئىدارە قىلىدىغان پادىشاھلىق قەيەردە؟!
ــ قەلبىمدە!


( خەنزۇچە ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق بىرىنچى سانى 51-بەتتىن تەرجىمە قىلىندى) 

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر