باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-14

نورۇز گۈلى پەسلى 桜の季節

«بلوگ ھەققىدە» نامىدىكى يازمىمىزدا يازغىنىمىزدەك، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ ئېچىلىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا ئۇنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، قايسى جايلاردا ۋايىغا يەتكەنلىكى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.نورۇز گۈلى ئېچىلىپ بىرەر ھەپتىلەردە توزۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياپونلۇقلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ھەم ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن.(رەسىملەرنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئۆتكەن يىلى نورۇز گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان پەيتتە ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدى.
چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

نورۇز گۈلى قارىماققا ئۆرۈك چېچىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

بۇ يىل سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەپتىدەك كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى يېرى شۇ بولدىكى، نورۇز گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىنكى 10 كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تۇردى. گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغانلارمۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولدى.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-03-16

كاندا دەرياسى 神田川

كاندا دەرياسى (神田川)- توكيونىڭ مىتاكا (三鷹) شەھىرىدىكى ئىنوكاشىرا (井の頭، قۇدۇق بېشى دېگەن مەنىدە) دىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ ئېقىپ، توكيونىڭ بىر شەھىرى ۋە سەككىز رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.6 كىلومېتىر، توكيو دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك دەريالارنىڭ ئىچىدىكى دەريا ۋادىسى ئەڭ كەڭ دەريا بولۇپ، توكيونىڭ ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغىنىغا قارىماستىن، پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق بولۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا كۆۋرۈك بەكمۇ كۆپ. ئېقىپ ئۆتىدىغان جايلارنىڭ مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە.


دەريانىڭ مەنبەسى بولغان ئىنوكاشىرا بۇلىقى


توكيو مەركىزىي ھۆكۈمەت بىناسى (都庁) ئەتراپى


تاكادانوبابا (高田馬場) ئەتراپى


پايتەخت 5- نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاستى


نىخونباشى (日本橋 ياپون كۆۋرۈكى)


JR ئوچانومىزۇ (御茶ノ水) ۋوگزالىدىن كۆرۈنۈشى


سۇمىداگاۋا (隅田川) دەرياسىغا قوشۇلۇش ئورنى

ساكۇرا ۋە كانداگاۋا (دەرياسى)
  

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا (Pictures from Wikipedia)

2009-03-05

توكيو مۇنارىسى 東京タワー

بۈگۈن توكيونىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان توكيو مۇنارىسى بىلەن يۈزەكى تونۇشۇپ چىقايلى.
توكيو مۇنارىسى- توكيونىڭ مىناتو رايونىغا جايلاشقان ئېلېكتېر دولقۇنى تارقىتىش مۇنارىسى بولۇپ، شوۋانىڭ 33- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى پۈتكەن. ئۇنى ياساشقا جەمئىي 4200 توننا پولات ماتېرىيالى كەتكەن. ئومۇمىي ئېگىزلىكى 332.6 مېتىر، پارىژدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن 8.6 مېتىر ئېگىز.

بۇ مۇناردا 9 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رەقەملىك ۋە ئانالوگ سىگنالى، 5 رادىئو ئىستانسىسىنىڭ FM سىگنالى تارقىتىلىدۇ.



يەر يۈزىدىن 120 مېتىر ۋە 223 مېتىرلىق قىسمىدا كۆرۈش سۇپىسى بار بولۇپ، بۇ يەردىن توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سايتاما، چىبا، كاناگاۋا ناھىيىلىرى ۋە داڭلىق فۇجىسان تېغىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تۆۋەنكى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ بېلەت باھاسى 820 يېن، ئۈستىدىكى كۆرۈش سۇپىسى ئۈچۈن يەنە 600 يېنلىق بېلەت كېتىدۇ.
پەسىلگە قاراپ ئوخشىمىغان چىراقلار بىلەن يورۇتۇلغاچقا، كىشىگە ھەر دائىم يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا

2008-11-22

ئىۋاتې ناھىيىسىدىكى شىزۇكۇئىشى دەرياسى

شىزۇكۇئىشى دەرياسى (雫石川) ئىۋاتې ناھىيىسى (岩手県) دىن ئېقىپ ئۆتىدىغان كىتاكامى دەرياسى (北上川)نىڭ بىر تارماق ئېقىنى بولۇپ، ئىۋاتې ۋە ئاكىتا ناھىيىسى (秋田県) نىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان 1637 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھەرىكەتتىكى يانارتاغ- ئاكىتا كوماگاتاكې (秋田駒ヶ岳) دىن باشلىنىپ، شەرققە قاراپ ئېقىپ، بىر نەچچە تارماق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن گوشو سۇ ئامبىرى (御所ダム) دىن ئۆتۈپ، كىتاكامى دەرياسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.



كىتاكامى دەرياسى بولسا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 294 كىلومېتىر كېلىدىغان، ياپونىيە بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دەريا.
ياپونىيىنىڭ ھاۋاسى نەم، ھۆل- يېغىن مىقدارى كۆپ بولغاچقا، مەيلى قەيەرگىلا بارماڭ، مۇشۇنداق يېشىلچىلىق كۆزگە چېلىقىدۇ.

2008-03-11

ھەسەن- ھۈسەن كۆۋرۈكى

ھەسەن- ھۈسەن كۆۋرۈكى (レインボーブリッジتوكيونىڭ مىناتو رايونىدىكى شىبائۇرا بىلەن ئودايبانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاسما كۆۋرۈك. شوۋانىڭ 62- يىلى (1977- يىلى) قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 1993- يىلى پۈتكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 798 مېتىر.
ھەسەن- ھۈسەن كۆۋرۈكىنىڭ نامى كۆپچىلىكتىن پىكىر ئېلىش شەكلىدە قويۇلغان بولۇپ، ئىسمىغا لايىق چاقناپ تۇرىدىغان بىر گۈزەل كۆۋرۈك. ئۇ ئۆز گۈزەللىكى بىلەن توكيو قولتۇقى(東京غا ئالاھىدە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى توكيو مۇنارىسى (東京タワー).

نورۇز گۈلى ۋە بلوگ ھەققىدە

(سەمىمىي ئەسكەرتىش: توردىكى مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرتىمىزكى، مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ. توغرا چۈشىنىشىڭىز ۋە ھەمكارلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.)

بلوگىمىز ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دوستلىرىمىزنىڭ ياپونىيە، ياپون خەلقى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ھاسىل قىلىشىغا ئازدۇر- كۆپتۇر ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

ساكۇرا- ياپونچە «桜» دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا شۇ دەرەخنىڭ چېچىكى مەنىسىدە «نورۇز گۈلى» دەپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ساكۇرا باھاردا ئاق رەڭلىك ياكى سۇس قىزىلدىن تارتىپ توق قىزىلغىچە رەڭدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ياپونلۇقلار ئۇنىڭ مېۋىسىنىلا ئەمەس، بەلكى چېچەك ۋە يوپۇرماقلىرىنىمۇ ھەر خىل شەكلىدە ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنى ياپونلۇقلار باھارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇرۇندىن تولىمۇ ياقتۇرۇپ كەلگەن.

ساكۇرانىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ياپونىيىدە بۇرۇندىن بار بولغان ۋە يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەنلەر بولۇپ 600 خىلدىن ئاشىدۇ. گەرچە قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياپونىيىگە نىسبەتەن دۆلەت گۈلى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. مېيجى (明治) دەۋرىدىن باشلاپ ئارمىيە، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ فورمىلىرىدا ۋە پاگون- ئىزناكلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ساقچى ۋە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قالقان- بەلگىلىرىدە ۋە تەڭگە پۇلدا ئىشلىتىلمەكتە.
ياپونىيىدە يەنە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى «ساكۇرا كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا ساكۇرالار ھۈپپىدە ئېچىلىپ، پۈتۈن ئەتراپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ياپونلۇقلار ساكۇرا دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا چېچەك پەيزىنى سۈرگەچ «گۈل سەيلىسى(花見)» قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.
ساكۇرا دەرىخى باغچا ۋە يول بويلىرىدا مەنزىرە دەرىخى قىلىنىشتىن باشقا، كىچىك ئۆي جاھازلىرىنىڭ ماتېرىيالى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. چېچىكىدىن چاي ۋە ھەرخىل تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. دەرەخ پوستىدىن يۆتەل توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىمۇ ياسىلىدۇ. يەنە ساكۇرا تېما قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ناخشا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو قاتارلىقلارمۇ بار.
نورۇز گۈلى نورۇز گۈلى
(رەسىم مەنبەسى ۋە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەر: http://www.wikipedia.org/)

يىغىپ ئېيتقاندا، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلىنىڭ ياپونلۇقلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر. شۇڭا ئۇنى ياپونىيىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر بلوگقا ئۇنىڭ نامىنى قويۇشىمىزنىڭ ۋەجىمۇ ئەنە شۇ.