باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-19

تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالىدۇ 登録証廃止

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى (留学生新聞) نىڭ 1- مارتتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. قانۇن ۋازارىتى (法務省) دا نۆۋەتتە بۇ يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھىسىنىڭ ئاساسلىق ھەم كونكرېت مەزمۇنلىرى ئاخىرقى تۈزىتىش- تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپتۇ. «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى 300 مىڭغا يەتكۈزۈش پىلانى» (留学生受け入れ30万人計画) غا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىچىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى «在留カード ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسى» بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ۋازارىتىدە بۇندىن كېيىن چەتئەللىكلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كارتا ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.

بۇ كارتا قوللىنىلسا، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن «外国人登録証 چەتئەللىكلەر تىزىملىتىش كارتىسى»، يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ۋەزىرىنىڭ نامىدا تارقىتىلىدىغان ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇ ئىكەنكى، ياپونىيىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىزىملىتىش كارتىسىدا تەلەپ قىلىنماي كەلگەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇقتۇرۇشى (勤務先変更届け) نىمۇ تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇ بويىچە بولغاندا، چەتئەللىكلەر ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە خىزمەت يۆتكەلسىمۇ، بۇ يۆتكىلىشنى چوقۇم چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىزىملىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. بۇنىڭ چەتئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا پايدىسى بولىدىكەن.

بۇ يىل 1- ئايدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيىدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 113 مىڭ 72 كىشى بولۇپ، 2004- يىل 1- ئايدىكىگە قارىغاندا 48.5 پىرسەنت ئازايغان. ئەينى ۋاقىتتا «قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار سانىنى 5 يىلدا يېرىمىغا چۈشۈرۈش» پىلانى يولغا قويۇلغان. گەرچە سانلىق مەلۇماتلار بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك سىياسەت- بەلگىلىمىلەر يىلدىن- يىلغا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ مېڭىلىدىكەن.

مەنبە: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى 留学生新聞

2008-03-11

ياپونىيىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى 日本概况

ياپونىيە- شەرقىي ئاسىياغا جايلاشقان، تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن ئورالغان بولۇپ، يەر مەيدانى تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تەخمىنەن 127 مىليون ئاھالىگە ئىگە.

ياپونىيە تەرەققىي تاپقان سانائەت دۆلىتى بولۇپ، 2006- يىلدىكى GDP ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4.5 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 32 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ.

ياپونىيە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، ھازىرقى پادىشاھى ئاكىخىتو 1933- يىل 23- دېكابىر تۇغۇلغان، 1989- يىل 7- يانۋاردا تەختكە چىقىپ، يىلنامىنى «خېيسېي» غا ئۆزگەرتكەن.

ھازىرقى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بولۇپ، ھازىرقى باش ۋەزىر تارو ئاسو 1940- يىل 20- سېنتەبىردە تۇغۇلغان، بۇ پارتىيىگە 2008- يىل 22- سېنتەبىردە باش بولۇپ سايلانغان، 24- سېنتەبىردە ياپونىيىنىڭ 92- نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان.

ياپونىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتاسىدىن تەركىب تاپقان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تولۇق بولغاندا 4 يىل، باش ۋەزىرنىڭ ئۇنى تارقىتىۋېتىپ قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بولىدۇ. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 6 يىل. ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانمىغان قانۇنلارمۇ قايتىدىن ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتسە يەنىلا كۈچكە ئېگە بولىدۇ. يەنى ئاۋام پالاتا كېڭەش پالاتاسىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئېگە.

مەنبە: ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگى