باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-19

تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالىدۇ 登録証廃止

چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى (留学生新聞) نىڭ 1- مارتتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەنمەكتە ئىكەن. قانۇن ۋازارىتى (法務省) دا نۆۋەتتە بۇ يىل ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىش لايىھىسىنىڭ ئاساسلىق ھەم كونكرېت مەزمۇنلىرى ئاخىرقى تۈزىتىش- تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپتۇ. «چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى 300 مىڭغا يەتكۈزۈش پىلانى» (留学生受け入れ30万人計画) غا ئالاقىدار مەزمۇنلار ئىچىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى «在留カード ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسى» بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇن ۋازارىتىدە بۇندىن كېيىن چەتئەللىكلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كارتا ئارقىلىق بىرلىككە كەلتۈرۈش پرىنسىپى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.

بۇ كارتا قوللىنىلسا، ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن «外国人登録証 چەتئەللىكلەر تىزىملىتىش كارتىسى»، يەنى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەرلىك ياكى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىملىتىپ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان تىزىملىتىش كارتىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ۋەزىرىنىڭ نامىدا تارقىتىلىدىغان ياپونىيىدە تۇرۇش كارتىسىنى ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش شۇ ئىكەنكى، ياپونىيىنىڭ چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئامېرىكىنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىرغىچە تىزىملىتىش كارتىسىدا تەلەپ قىلىنماي كەلگەن خىزمەت يۆتكىلىش سەۋەبلىك خىزمەت ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئۇقتۇرۇشى (勤務先変更届け) نىمۇ تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. شۇ بويىچە بولغاندا، چەتئەللىكلەر ۋىزىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە خىزمەت يۆتكەلسىمۇ، بۇ يۆتكىلىشنى چوقۇم چېگرىدىن كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تىزىملىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدىكەن. بۇنىڭ چەتئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توغرا ھەم دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرۇشقا پايدىسى بولىدىكەن.

بۇ يىل 1- ئايدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيىدە قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 113 مىڭ 72 كىشى بولۇپ، 2004- يىل 1- ئايدىكىگە قارىغاندا 48.5 پىرسەنت ئازايغان. ئەينى ۋاقىتتا «قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلار سانىنى 5 يىلدا يېرىمىغا چۈشۈرۈش» پىلانى يولغا قويۇلغان. گەرچە سانلىق مەلۇماتلار بۇ پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن چەتئەللىكلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك سىياسەت- بەلگىلىمىلەر يىلدىن- يىلغا مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ مېڭىلىدىكەن.

مەنبە: چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار گېزىتى 留学生新聞

2009-04-17

«ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» 通勤電車

ئالدىنقى ھەپتە پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىۋېتىپ، توساتتىنلا خىيالىمغا ئىشقا چۈشۈش ئالدىدىكى ئەتىگەنلىك ئالدىراش ھەم قىستاڭچىلىق ۋاقىتتا پويىزنىڭ بىر ۋاگونىغا قانچىلىك ئادەم سىغىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ باققۇم كېلىپ قالدى.

پويىز قاتنىشى توغرىلىق سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا. گەپنى سەل بۇرۇندىن باشلىساق، ياپونىيىنىڭ پويىز قاتنىشى مېيجىنىڭ 5- يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ھازىرغىچە 137 يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرگەن پويىز قاتنىشىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. توكيونى مىسالغا ئالساق، يەر ئاستى پويىز لىنىيىسىدىنلا 10 نەچچىسى بار. ھەر كۈنى بۇ لىنىيىدىن پايدىلىنىدىغان ئادەم سانى 6 مىليوندىن ئاشىدۇ. يەر ئۈستىدىكى پويىز بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ھەر كۈنى سەھەردە پويىزغا ئولتۇرىدىغان ئادەم سانى 10 مىليونغا يېتىپ بارىدۇ.



باشقا گەپنى قويۇپ تۇرۇپ، باشتا دېگەن قىستاڭچىلىقنى كۆرۈپ باقايلى.



ئەمدى مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقايلى. ئادەتتىكى پويىز ۋاگونىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر، كەڭلىكى 2.5 مېتىر ئەتراپىدا. ئورۇندۇقى دېرىزىنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 ئىشىكلىك ۋاگوننى مىسالغا ئالساق، ئادەتتە ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن يولۇچى سانى 140~160 ئەتراپىدا. ئىككى بېشىدا ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 3 كىشىلىك ئالاھىدە ئورۇندىن تۆتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. قالغانلىرى 7 كىشىلىك تۇتاش ئورۇنلار بولۇپ، 4 ئىشىكلىك ۋاگوندا بۇنداق ئورۇندىن ئالتىسى بار. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئولتۇرىدىغان ئورۇندىن بىر ۋاگوندا ئاران 52 سىلا بار. ئادەتتە 120 دەك ئادەم چىقسا 100 پىرسەنت توشتى دېيىلىدۇ. لېكىن ئەتىگەندە ئىشقا ياكى ئوقۇشقا ماڭغان چاغدا 230 پىرسەنتكىچە توشۇپ كېتىشى ئادەتتىكى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.



ئەمدى بايىقى ھېسابنىڭ داۋامىنى چىقارساق، ئەتىگەندىكى قىستاڭچىلىقتا بىر ۋاگونغا 250 ئادەم چىقتى دېسەك، ئۇنىڭ 52 سى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسا، قالغان 200 دەك ئادەم ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ. ئورۇندۇقنىڭ ئىگىلەيدىغان ئورنى 15 كۋادرات مېتىر دېسەكمۇ، 200 ئادەم ئاران 35 كۋادرات مېتىر يەردە ئۆرە تۇرىدۇ دېگەن گەپ بولىدۇ. يەنى ھەر كۋادرات مېتىردا تەخمىنەن 6 ئادەم، ھەر بىر ئادەمگە تەخمىنەن 40x40 سانتىمېتىرلىق بوشلۇق توغرا كېلىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە مۇشۇنچىلىك بوشلۇقتا قىستىلىپ يۈرۈپ كەم دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ توكيودا ئادەتتىكى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



گەرچە ئەتىگەنلىك ئالدىراش ۋاقىتتا توكيونىڭ شەھەر مەركىزىگە ماڭغان پويىزلار مۇشۇنداق قىستاڭچىلىق بولسىمۇ، لېكىن توكيونىڭ ئىچىدىن سىرتىغا ماڭىدىغان پويىزلار ئاساسەن قۇرۇق دېگۈدەكلا ماڭىدۇ. ئەتىگەنلىك قىستاڭچىلىقنى ئويلىشىپ، ئىشقا چۈشۈش ۋاقتىنى 09:00 ئەمەس 09:30 ياكى 10:00 قىلىپ بېكىتكەن شىركەتلەرمۇ كۆپ.

ئىشقىلىپ توكيودىكى ئەتىگەنلىك پويىزدا قىستىلىش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ئىشخانىدىكى ئىشلار» فىلىمىدىكى ئاناتولى يېفرېمىچنىڭ گېپى بويىچە «ئەتىگەنلىك مەجبۇرىي گىمناستىكا» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-04-14

نورۇز گۈلى پەسلى 桜の季節

«بلوگ ھەققىدە» نامىدىكى يازمىمىزدا يازغىنىمىزدەك، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ ئېچىلىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا ئۇنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، قايسى جايلاردا ۋايىغا يەتكەنلىكى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.نورۇز گۈلى ئېچىلىپ بىرەر ھەپتىلەردە توزۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياپونلۇقلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ھەم ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن.(رەسىملەرنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئۆتكەن يىلى نورۇز گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان پەيتتە ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدى.
چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

نورۇز گۈلى قارىماققا ئۆرۈك چېچىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

بۇ يىل سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەپتىدەك كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى يېرى شۇ بولدىكى، نورۇز گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىنكى 10 كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تۇردى. گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغانلارمۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولدى.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-03-08

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار 1- ئايدا 2645

ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ 5- چېسلادىكى دوكلاتىدا، بۇ يىل 1- ئايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار 2645 كىشىگە يەتتى دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 1894 نەپىرى ئەر ئىكەن. سان جەھەتتە توكيو 1- ئورۇندا (255)، ئوساكا 2- ئورۇندا (159)، سايتاما ناھىيىسى 3- ئورۇندا (155)، كاناگاۋا ۋە ئايچى ناھىيىلىرى 4- ئورۇندا (138) ئىكەن.

بۇ دوكلات ھازىرغىچە يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، تۇنجى قېتىم ئايلىق دوكلات ئۇسۇلى قوللىنىلغان ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، 3- ئاي ياپونىيە كارخانىلىرىنىڭ يىللىق ھېساۋاتنى بوغىدىغان ئېيى بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىگىلىك باشقۇرۇشنىڭ تەسلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار كۆپىيىدۇ دەپ قارالغان. شۇ سەۋەبتىن جېسەكچىلەرنى كۆپەيتىش، مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىدىغان كۆزنەكلەرنى ئىزدەپ تاپىدىغان تور بەتلەرنى قۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھاياتنى قوغداش ھەرىكىتى كېڭەيمەكتە ئىكەن.

پۈتۈن ياپونىيىدە ھەر يىلدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار سانى 1998- يىلدىن بۇيان ئۇدا 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا مالىيە كىرىزىسى يۈز بەرگەچكە، 3- ئايدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچىلار سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يىلمۇ ئىقتىساد چېكىنىپ كەتكەن بولغاچقا، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئوخشاش ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.

مەنبە: ياخۇ تورى- يومىئۇرى خەۋەرلىرى
http://headlines.yahoo.co.jp/hl?a=20090305-00000882-yom-soci

2009-01-18

ياپونىيىدىكى بايراملار 日本の祝日

نۆۋەتتە ياپونىيە كالېندارىدا دۆلەتلىك بايرام كۈنىدىن 15 كۈن بار بولۇپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، يەنى 1948- يىل 20- ئىيۇلدا ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «بايرام كۈنى قانۇنى» غا ئاساسەن بېكىتىلىپ، ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن.

1. 1- يانۋار: 元日 يېڭى يىل كۈنى. تېمىسى: «يېڭى يىلنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيلى».
2. يانۋارنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 成人の日 قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈنى. تېمىسى: «قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش يولىغا ماڭغان ياشلارنى تەبرىكلەپ ئىلھاملاندۇرايلى».
بۇ كۈن توغرىلىق ئالدىنقى يازمىمىزدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق.
3. 11- فېۋرال: 建国記念の日 دۆلەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈن. تېمىسى: «دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەپ، ۋەتەننى سويىدىغان قەلب يېتىشتۈرەيلى».
تارىخىي خاتىرىلەردىكى ئەڭ بۇرۇنقى ساماۋى شاھ جىنمۇ (神武天皇) نىڭ تەختكە ئولتۇرغان كۈنىنى مىلادىيە بويىچە ھېسابلاپ بېكىتكەن كۈن. جىنمۇ خان مىلادىدىن بۇرۇنقى 668- يىلى كيۇشيۇدىن شەرققە يۈرۈش قىلىپ 5 يىلدىن كېيىن ياماتو (大和، ھازىرقى نارا ناھىيىسى) غا بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭدىن 3 يىل كېيىن شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان.
4. 21- مارت: 春分の日 ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتنى مەدھىيىلەپ، جانلىقلارنى قەدىرلەيلى».
5. 29- ئاپرېل: 昭和の日 شوۋانىڭ كۈنى. تېمىسى: «ھاياجانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىشكە ئېرىشكەن شوۋا دەۋرىنى ياد ئېتىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنايلى».
تارىختا ئەڭ ئۇزۇن، يەنى 64 يىل تەختتە ئولتۇرغان ساماۋى شاھ شوۋانىڭ تۇغۇلغان كۈنى.2005- يىلى «يېشىللىق كۈنى» دىن ئۆزگەرتىلگەن.
6. 3- ماي: 憲法記念日 ئاساسىي قانۇن خاتىرە كۈنى. تېمىسى: «ياپونىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى خاتىرىلەپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيلى».
ھازىرقى ئاساسىي قانۇن 1946- يىل 3- نويابىردا ئېلان قىلىنغان. كېيىنكى يىلى مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.
7. 4- ماي: みどりの日 يېشىللىق كۈنى. تېمىسى: «تەبىئەتكە يېقىن تۇرۇپ ھەم تەشەككۈر ئېيتىپ، روھىمىزنى بېيىتايلى.».
بۇ كۈن 2005- يىلدىن باشلاپ 29- ئاپرېلدىن مۇشۇ كۈنگە ئۆزگەرتىلگەن.
8. 5- ماي: こどもの日 بالىلار بايرىمى. تېمىسى: «بالىلارنىڭ ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئانىلارغا رەھمەت ئېيتايلى».
ئادەتتە ئوغۇللارنىڭ بايرىمى. قىزلارنىڭ بايرىمى بولغان 3- مارت قانۇندا بايرام قىلىپ بەلگىلەنمىگەن.
9. ئىيۇلنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 海の日 دېڭىز كۈنى. تېمىسى: «دېڭىزنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، دېڭىز- ئوكيان دۆلىتى بولغان ياپونىيىنىڭ گۈللىنىشىنى تىلەيلى».
1995- يىلى 20- ئىيۇل قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ كۈندە ساماۋى شاھ مېيجى شەرقىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئائومورى (青森) دىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، خاكوداتى ئارقىلىق يوكوخاما (横浜) پورتىغا كەلگەن دېيىلىدۇ.
10. سېنتەبىرنىڭ 3- دۈشەنبىسى: 尊老の日 ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش كۈنى. تېمىسى: «كۆپ يىللىق قان- تەرى بەدىلىگە جەمئىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىققان پېشقەدەملەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيلى».
1963- يىلى «ياشانغانلار كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن 15- سېنتەبىر 1966- يىلىغا كەلگەندە دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 2003- يىلدىن باشلاپ 3- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
11. 23- سېنتەبىر: 秋分の日 كۈزلۈك كۈن- تۈن تەڭلىشىش كۈنى. تېمىسى: «ئەجدادلارنى مەدھىيىلەپ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەسلەيلى».
جىنمۇ شاھ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر- چىراغ قىلىدىغان پائالىيەتتىن كەلگەن.
12. ئۆكتەبىرنىڭ 2- دۈشەنبىسى: 体育の日 تەنتەربىيە كۈنى. تېمىسى: «تەنتەربىيىنى دوست تۇتۇپ، ساغلام تەن ۋە روھ يېتىلدۈرەيلى».
1961- يىلىدىكى قانۇندا 2- شەنبە تەنتەربىيە كۈنى قىلىنغان. 1964- يىلى 10- ئۆكتەبىردە توكيودا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ كۈن 1966- يىلدىن باشلاپ دۆلەتلىك دەم ئېلىش كۈنى قىلىنغان. 2000- يىلدىن باشلاپ 2- دۈشەنبىگە ئۆزگەرتىلگەن.
13. 3- نويابىر: 文化の日 مەدەنىيەت كۈنى. تېمىسى: «ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقنى سۆيۈپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرايلى».
بۇ كۈن يەنە ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈن بولغاچقا، ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقمۇ تېما قىلىنغان.
14. 23- نويابىر: 勤労感謝の日 ئەمگەكچىلەرگە رەھمەت ئېيتىش كۈنى. تېمىسى: «ئەمگەكچىلەرنى ھۆرمەتلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەبرىكلەپ، پۇقرالار ئۆز ئارا رەھمەت ئېيتىشايلى».
بۇ كۈن 1873- يىلى بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
15. 23- دېكابىر: 天皇誕生日 ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. تېمىسى: «ساماۋى شاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيلى».
شوۋانىڭ 64- يىلى (1988- يىل) 7- يانۋاردا، ساماۋى شاھ شوۋا 87 ياشتا ۋاپات بولغان. شۇ چاغدا 55 ياشقا كىرگەن شاھزادە ئاكىخىتو ياپونىيىنىڭ ساماۋى شاھ جىنمۇدىن كېيىنكى 125- ساماۋى شاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرۇپ، يىلنامىنى خېيسېيغا ئۆزگەرتكەن. ساماۋى شاھ ئاكىخىتو 1933- يىلى مۇشۇ كۈندە دۇنياغا كەلگەن.

يۇقارقى بايرام كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى كالېنداردا قىزىل رەڭدە ئىپادىلەنگەچكە، ياپونىيىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈنلەرنى «قىزىل كۈن» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن ھەم ئادەتتە بۇ كۈنلەردە شىركەت ۋە مەكتەپلەر دەم ئالىدىغان بولغاچقا، بىرەر ئولتۇرۇش ياكى چاقىرىشلارنى مۇشۇنداق كۈنلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولغان.

مەنبە: ئاي نۇرى رەسەتخانىسى
http://www.gekkou.or.jp

2008-12-15

توكيونىڭ ھاۋارايى 东京的天气

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى
东京的累年平均温度和湿度

ياپونىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان. تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرغاچقا، نەم ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى گەۋدىلىك. شىمالدىكى ئەڭ سوغۇق جاي- خوككايدو (北海道) دا تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلسىمۇ، جەنۇبتىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولغان ئوكىناۋا (冲绳) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا تېمپېراتۇرا يىل بويى دېگۈدەك نۆلدىن يۇقىرى ھالەتتە بولىدۇ. تۆۋەندىكى توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىدىنمۇ بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يانۋار: 5.8 گرادۇس 50 پىرسەنت
فېۋرال: 6.1 گرادۇس 51 پىرسەنت
مارت: 8.9 گرادۇس 57 پىرسەنت
ئاپرېل: 14.4 گرادۇس 62 پىرسەنت
ماي: 18.7 گرادۇس 66 پىرسەنت
ئىيۇن: 21.8 گرادۇس 73 پىرسەنت
ئىيۇل: 25.4 گرادۇس 75 پىرسەنت
ئاۋغۇست: 27.1 گرادۇس 72 پىرسەنت
سېنتەبىر: 23.5 گرادۇس 72 پىرسەنت
ئۆكتەبىر: 18.2 گرادۇس 66 پىرسەنت
نويابىر: 13.0 گرادۇس 60 پىرسەنت
دېكابىر: 8.4 گرادۇس 53 پىرسەنت
ئوتتۇرىچە: 15.9 گرادۇس 63 پىرسەنت

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى (累年平均最高温度) ئاۋغۇستتىكى 30.8 گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى(累年平均最低温度) يانۋاردىكى 2.1 گرادۇس؛
يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى (累年平均降水量) بولسا 1466.7 مىللىمېتىر، سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەر يىلى 8- ئايلاردىن باشلاپ 10- ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭ- كىچىك ئون نەچچە دېڭىز بورىنى (台风) توكيودىن ئۆتىدۇ ياكى كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.بەزى دېڭىز بورىنى كەلگەندە، سائەتلىك يامغۇر مىقدارى 100 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

مەنبە:気象人(ھاۋارايىشۇناسلار) تورى
http://www.weathermap.co.jp/kishojin/index.php

2008-09-01

ياپونىيىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى (2) 日本概况

ياپونىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى

ياپونىيە- ياۋرو- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلىتى بولۇپ، 4 چوڭ ئارال ۋە باشقا كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۆت چوڭ ئارال شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ خوككايدو، خونشيۇ، شىكوكۇ، كيۇشيۇ (北海道、本州、四国、九州) دەپ ئاتىلىدۇ. ياپون زېمىنى شەرقتە تېنچ ئوكيان، غەربىي شىمالدا ياپون دېڭىزى، غەربتە شەرقىي دېڭىز، شەرقىي شىمالىدا بولسا ئوخوتسكى دېڭىزى (オホーツク海) بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ.

ياپونىيە زېمىنىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى 377مىڭ 907 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 73 پىرسەنتى تاغلاردىن تەركىب تاپقان. ئەڭ ئېگىزى فۇجى تېغى (富士山) بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3776 مېتىر ئېگىز.تاغلار ئارىسىدا كۆپلىگەن جىلغا ۋە ئويمانلىقلار جايلاشقان. دەريالىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇنى شىنانوگاۋا (信濃川) دەپ ئاتالغان 367 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريادۇر. ياپونىيە قۇرۇقلۇقتىن باشقا 3091 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىگە.

ياپونىيىنىڭ ئاھالىسى

2008- يىل 1- مارتتا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بويىچە، ياپونىيىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 127 مىليون 678 مىڭ بولۇپ، ئەرلەر 48.75 پىرسەنتنى، ئاياللار 51.25 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. 65 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 21.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 679 مىڭ بولۇپ، 48.41 پىرسەنتى ئەر، 52.59 پىرسەنتى ئايال. ئومۇمىي نوپۇس ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا 46 مىڭ كىشى ئاز بولۇپ، 0.04 پىرسەنت كېمەيگەن. ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى بولسا 2.79 پىرسەنت ئاشقان.

نوپۇسنىڭ يېرىمى دۆلەت زېمىنىنىڭ 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان. بولۇپمۇ ئاھالىنىڭ يېرىمى توكيو (東京)، ئوساكا (大阪)، ناگويا (名古屋) نى مەركەز قىلغان ھالدا تولىمۇ زىچ ئورۇنلاشقان. توكيونىڭ نوپۇسى 12 مىليون 828 مىڭ 857 (2008- يىل 3- ئاي)، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەر 390 مىڭ 989. ئوساكانىڭ نوپۇسى 8 مىليون 827 مىڭ 485.

2007- يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيىدىكى چەتئەللىكلەر ئىچىدە جۇڭگولۇقلار 607 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ 1- ئورۇندا، كورىيە ۋە چاۋشيەنلىكلەر 593 مىڭدىن ئېشىپ 2- ئورۇندا، برازىلىيىكلەر 317 مىڭدىن ئېشىپ 3- ئورۇندا تۇرغان. ئۇندىن كېيىنكىلىرى تەرتىپ بويىچە فىلىپپىنلىقلار (203 مىڭ)، پېرۇلۇقلار (60 مىڭ)، ئامېرىكىقلار (51 مىڭ) بولۇپ تىزىلغان. چەتئەللىكلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بويىچە جۇڭگولۇقلار 1- ئورۇندا، كورىيە ۋە چاۋشيەنلىكلەر 2- ئورۇندا تۇرىدۇ.

ياپونىيىدىكى مىللەتلەر

ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياماتو مىللىتى (大和民族) غا تەۋە بولسىمۇ، يەنە خوككايدودىكى ئاينۇ مىللىتى (アイヌ民族)، ئوكىناۋادىكى ريۇكيۇ مىللىتى (琉球民族) قاتارلىقلارمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ريۇكيۇ مىللىتىنىڭ چىراي- شەكلى ۋە كىيىم- كېچەكلىرى ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.

2008-03-11

ئوقۇۋېتىپ تۇرۇپ قوشۇمچە ئىشلەش 临时工作

ياپونىيىدە گەرچە مال باھاسى قىممەت، ئوقۇش پۇلى يۇقىرى، ئايلىق چىقىممۇ كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەش پۇرسىتىمۇ ئوخشاشلا كۆپ. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە «ئوقۇشتىن سىرتقى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش رۇخسەتنامىسى (资格外活动许可证(資格外活動許可証))» نى ئىلتىماس قىلىپ ئالغاندىن كېيىن قوشۇمچە ئىشلىسە بولىدۇ. ئادەتتە قوشۇمچە ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ھەقسىز ژورناللار تارقىتىلىدۇ. مەخسۇس ئىشقا تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرىمۇ كۆپ. ئىنتېرنېت تورىدىمۇ نۇرغۇن ئىش ئۇچۇرلىرى بار. ئىشقا كىرىش ئۈچۈن ھەممىسىدىلا ئاۋال تېلېفوندا ياپونچە ئالاقىلىشىش، مۇۋاپىق دەپ قارىغان نامزاتلاردىن يۈز- تۇرانە ئىمتىھان (面试) ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ياپون تىلىنىمۇ بىلمەي بولمايدۇ.

ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاش (時給) ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. كۈندۈزدىكى ئىشلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 800~ 1000 يېن ئەتراپىدا، كېچىنىڭ ئىشى (سىمېنا ئالمىشىپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار، پوچتىخانىنىڭ خەت- چەك ئايرىش ئىشلىرى دېگەندەك) ئۈچۈن بولسا 1000~ 1200 يېن ئەتراپىدا ھەق بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ھەر كۈنى 4 سائەت ئىشلىيەلەيدىغان ئادەم بىر ئايدا تەخمىنەن 10 تۈمەن يېنغا ئىشلىيەلەيدۇ. لېكىن ئادەتتە مەكتەپنىڭ دەرسلىرىگە قاتنىشىدىغان ئىش بولغاچقا، بىرلا ئورۇندا ھەر كۈنى ئىشلەشكە مۇمكىن بولمايدۇ. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئارىلىقىدا مەكتەپكە بېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ كامىدا 2 ئورۇندا ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن.

ئەمدى مۇنداق بىر ھېسابنى ئىشلەپ باقايلى. بىر كىشىنىڭ ئايلىق ئۆي ئىجارىسى ۋە گاز- سۇ- توك پۇللىرى 4 تۈمەن يېن بولسا، يېمەك- ئىچمەك ئۈچۈن 1.5 تۈمەن يېن كەتسە، قاتناش پۇلىغا 5 مىڭ يېن كەتسە، سۇغۇرتا، ئالاقىلىشىش قاتارلىق چىقىملار جەمئىي 1 تۈمەن يېن بولسا، يىللىق ئوقۇش پۇلى 72 تۈمەن يېن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق چىقىمى 13 تۈمەن يېن بولىدۇ. بۇ پۇلنى تېپىش ئۈچۈن بۇ كىشىنىڭ سائىتىگە 900 يېندىن ھەق بېرىدىغان ئىشتىن بىر ئايدا 145 سائەت ئىشلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەر كۈنىگە تەخمىنەن 5 سائەتتىن توغرا كېلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەيلى يامغۇر ياغسۇن، ياكى تەيفېڭ بورىنى (台风) كەلسۇن، ۋە ياكى سالامەتلىكى ناچار بولسۇن، نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن ھەر كۈنى 5 سائەت ئىشلىمىسە، ئوقۇش پۇلى ۋە باشقا چىقىملارغا يېتەرلىك پۇلنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى جىسمانىي ئەمگەك بولىدۇ. شۇڭا ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققۇچىلارنىڭ بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىرەر يىلدىلا 15~ 20 كىلوگرام ئورۇقلاپ كېتىشىدىن ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇشقا چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئىقتىسادىي كاپالەتچى (经费支付人(経費支弁者)) نىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان- ئالالمايدىغانلىقىنى قاتتىق تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ.

لېكىن ئوقۇشقا چىققاندىن كېيىن تەلىيىڭىز كېلىپ ئېيىغا 7~ 16 تۈمەن يېنغىچە بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى (奖学金(奨学金)) دىن بىرەرسى چىقىپ قالسا بۇنچىۋالا جاپا تارتىپ ئىشلىشىڭىز ھاجەتسىز. پەقەت ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ.

قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، قوشۇمچە ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى ياكى كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈشتىن نوپۇزلۇق بىرەر لاياقەتلىك كىنىشكىسى ياكى مول ئەمەلىي تەجرىبىسى بارلار بىر قەدەر ئاسان ھەم سائەتلىك ئىش ھەققى يۇقىرى ئىشلارنى تاپالايدۇ. ئادەتتە پروگراممېرلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 1200~ 2000 يېنلارغىچە بولىدۇ. ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىرى، ئىنگلىز تىلى كاتىباتلىقى قاتارلىقلارنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققىمۇ باشقىلاردىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇشقا ئىنگلىز تىلى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنىمۇ پۇختا ئۆگىنىپ كەلگەن ياخشى.

مەنبە: ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگى

ياپونىيىدە ئوقۇش جەريانىدىكى چىقىملار

1. ئوقۇشقا كىرىش پۇلى (入学費): مەكتەپلەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە 30- 15 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا بولىدۇ.

2. يىللىق ئوقۇش پۇلى (年間学費/授業料): ئادەتتە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن 45- 15 تۈمەن ياپونىيە يېنى، ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئۈچۈن 90- 40 تۈمەن ياپونىيە يېنى، ياپون تىلى مەكتەپلىرى ئۈچۈن 90- 50 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.

3. تۇرالغۇ ئۆي (家賃): شەھەر مەركەزلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئىجارە ھەققى قىممەترەك، شەھەر سىرتىدىكى ئۆيلەرنىڭ بولسا ئەرزانراق بولىدۇ. ئادەتتە تۇرالغۇ ئۆي ئۈچۈن 8- 3 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.

4. تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى (光熱費など生活費): گاز، سۇ، توك، ئىسسىنىش قاتارلىقلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا 2- 1 تۈمەن ياپونىيە يېنى ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ.

5. يېمەك- ئىچمەك (食事代): ئادەتتە تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يەيدىغانلارنىڭ ئېيىغا 2- 1 تۈمەن يېن ئەتراپىدا، سىرتتىن يەيدىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولىدۇ.

مىسال ئۈچۈن ئالساق، ئادەتتىكى بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن تەخمىنەن 500 يېن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ، شۇنداق بولغاندا، كۈندە ئىككى ۋاق تاماقنى سىرتتىن يېگەندە، بىر ئايلىق تاماق پۇلىلا 3 تۈمەن يېنغا بارىدۇ. بىر بوتۇلكا سوغۇق ئىچىملىك ئادەتتە 150 يېن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىنىمۇ قوشۇپ ھېسابلىغاندا ، ئومۇمىي يېمەك- ئىچمەك چىقىمى 4 تۈمەندىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە شارائىت يار بەرسىلا تاماقنى ئۆزى ئېتىپ يەيدۇ.

6. قاتناش (交通費): شەھەر مەركىزى بەكلا قىستاڭچىلىق ھەم ئۆيلەر خېلىلا قىممەت بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر شەھەرگە يىراق يەرلەردە ئولتۇرىدۇ. ئادەتتە توكيودا پويىزدا بىرەر سائەت مېڭىپ ئىش ئورنى ياكى مەكتەپكە كېلىش نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئايلىق بېلەت ئىشلىتىش تېجەشلىك ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق بېلىتى ئادەتتە 5000 يېندىن 15000 يېن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۆيى بىلەن مەكتىپى يېقىن بولغانلارمۇ ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر نەچچە مىڭ يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ.

7. ئالاقىلىشىش (電話): ياپونىيىدە خەۋەرلىشىش ئىشلىرى تولىمۇ تەرەققىي قىلغان، يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يانفون شىركەتلىرىمۇ كۆپ. بۇ يەردە يانفون ياكى باشقا تېلېفون بولمىسا نۇرغۇن ئىشلاردا تولىمۇ ئاۋارىچىلىك. ئادەتتە ياپونىيىدە ئوقۇيدىغانلار يانفون ئالاقىسى ئۈچۈن ئېيىغا 10000 - 5000 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق خەۋەرلىشىش ئۈچۈنمۇ ئايدا بىر نەچچە مىڭ يېن ئەتراپىدا چىقىم بولىدۇ.

8. سۇغۇرتا (保険): ياپونىيىدە داۋالىنىش ھەققىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى بولغاچقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ قويۇش داۋالىنىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئىش بولىدۇ. ئادەتتە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالار ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ %70 ىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالىدۇ (ياشانغانلار ۋە 2 ياشقا توشمىغان بوۋاقلارنىڭ %80).
بۇ سۇغۇرتا ئۈچۈن ھەر ئايدا 2000- 4000 يېن ئەتراپىدا پۇل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. يىللىق كىرىمى تولىمۇ تۆۋەن بولغانلارغا ئازراق ئېتىبار قىلىنىدۇ.

9. باشقا چىقىملار (その他): كونا يىلنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشى (忘年会―ياپونىيىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇش، 4 خادىمى بار شىركەتتىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە، ھەرخىل كۇلۇبلاردىن تارتىپ مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارغىچە ھەممەيلەن يىل ئاخىرىدا يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىدۇ)، دوستلار بىلەن يىغىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ئولتۇرۇشلىرى، يىغىن- يىغىلىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىمدا 4000- 1500 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. (ياپونىيىدە ھەممەيلەن چىقىمنى بۆلۈشۈپ تۆلەيدۇ، ھەتتا بىرەيلەن سىزنى مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز چىقىمىڭىزنى ئۆزىڭىز تۆلىشىڭىز كېرەك، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.)

ئۇندىن باشقا، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش، داۋالىنىش، خەت- چەك ئەۋەتىش، تاماكا قاتارلىقلارغىمۇ بەلگىلىك ئىقتىساد كېتىدۇ.
مىسال ئۈچۈن ئالساق، ياپونىيىدە ئەڭ ئەرزان تاماكىنىڭ بىر قېپى 300 يېن (يېقىندا باھاسى ئۆستى)، خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 20 يۈەن. شۇنداقتا كۈندە بىر قاپ تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئايلىق چىقىمىغا يەنە 1 تۈمەن يېن قوشۇلىدۇ.

مەنبە: ساكۇرا ئۇيغۇر بلوگى