باش بەت بلوگ ھەققىدە ياپوندا ئوقۇش ياپوندا ياشاش ئۇيغۇرچە تور بەتلەر
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تەكرارلىماڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ.

2009-04-14

نورۇز گۈلى پەسلى 桜の季節

«بلوگ ھەققىدە» نامىدىكى يازمىمىزدا يازغىنىمىزدەك، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلى ھەر يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا قاراپ ئېچىلىپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدىكى كۈندىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇماتتا ئۇنىڭ قايسى جايلاردا ئېچىلىشقا باشلىغانلىقى، قايسى جايلاردا ۋايىغا يەتكەنلىكى قاتارلىقلار ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.نورۇز گۈلى ئېچىلىپ بىرەر ھەپتىلەردە توزۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ياپونلۇقلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغان ئادەت شەكىللەنگەن ھەم ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن.(رەسىملەرنى چېكىپ چوڭايتىپ كۆرۈڭ)

ئۆتكەن يىلى نورۇز گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان پەيتتە ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ كەتكەن ئىدى.
چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

نورۇز گۈلى قارىماققا ئۆرۈك چېچىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

بۇ يىل سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە نورۇز گۈلىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىر ھەپتىدەك كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ياخشى يېرى شۇ بولدىكى، نورۇز گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىنكى 10 كۈندەك ۋاقىت ئىچىدە ھەر كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ تۇردى. گۈل سەيلىسى (花見) قىلىدىغانلارمۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولدى.

چوڭ كۆرۈش ئۈچۈن چېكىڭ

مەنبە: ساكۇرا بلوگى

2009-03-16

كاندا دەرياسى 神田川

كاندا دەرياسى (神田川)- توكيونىڭ مىتاكا (三鷹) شەھىرىدىكى ئىنوكاشىرا (井の頭، قۇدۇق بېشى دېگەن مەنىدە) دىن باشلىنىپ شەرققە قاراپ ئېقىپ، توكيونىڭ بىر شەھىرى ۋە سەككىز رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24.6 كىلومېتىر، توكيو دائىرىسىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك دەريالارنىڭ ئىچىدىكى دەريا ۋادىسى ئەڭ كەڭ دەريا بولۇپ، توكيونىڭ ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولغىنىغا قارىماستىن، پۈتۈنلەي ئۈستى ئوچۇق بولۇشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭدا كۆۋرۈك بەكمۇ كۆپ. ئېقىپ ئۆتىدىغان جايلارنىڭ مەنزىرىسىمۇ ئۆزگىچە.


دەريانىڭ مەنبەسى بولغان ئىنوكاشىرا بۇلىقى


توكيو مەركىزىي ھۆكۈمەت بىناسى (都庁) ئەتراپى


تاكادانوبابا (高田馬場) ئەتراپى


پايتەخت 5- نومۇرلۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاستى


نىخونباشى (日本橋 ياپون كۆۋرۈكى)


JR ئوچانومىزۇ (御茶ノ水) ۋوگزالىدىن كۆرۈنۈشى


سۇمىداگاۋا (隅田川) دەرياسىغا قوشۇلۇش ئورنى

ساكۇرا ۋە كانداگاۋا (دەرياسى)
  

مەنبە: ياپونچە ۋىكىپېدىئا (Pictures from Wikipedia)

2009-01-07

ۋوگزال بويىچە «ئەڭ» 日本火车站第一

1. كۈندىلىك يولۇچى مىقدارى ئەڭ كۆپ ۋوگزال: JR شىنجۇكۇ ۋوگزالى (新宿站)
بىر كۈن ئىچىدە تەخمىنەن 670 مىڭ ئادەم كىرىپ- چىقىدۇ.

2. كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ۋوگزال: JR توكيو ۋوگزالى (东京站)
كۈندىلىك بېلەت سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 200 مىڭ دانە،
كۈندىلىك ئوتتۇرىچە سېتىلىش قىممىتى 130 مىليون يېن.

3. ياپونچە ئىسمى ئەڭ ئۇزۇن ۋوگزال: كۇماموتو ناھىيىسىدىكى مىنامى ئاسو تۆمۈريولى تاكامورى لىنىيىسىنىڭ «مىنامى ئاسو مىزۇنو ئۇمارېرۇ ساتوخاكۇسۇي كوگېن» ۋوگزالى، ياپونچە 南阿蘇水の生まれる里白水高原駅 دەپ يېزىلىدۇ.

4. ياپونچە ئىسمى ئەڭ قىسقا ۋوگزال: مىتو ناھىيىسىدىكى JR تسۇ ۋوگزالى (津站)

5. لاتىن ھەرپى بويىچە ئىسمى ئەڭ قىسقا ۋوگزال: خيوگو ناھىيىسىدىكى JR ئائو (粟生 AO) ۋوگزالى

6. ئەڭ ئېگىز ۋوگزال: ناگويا ناھىيىسىدىكى JR ناگويا ۋوگزالى (名古屋站)
ۋوگزال بىناسى 52 قەۋەت، ئېگىزلىكى 245 مېتىر.


7. ئەڭ ئېگىز يەردىكى ۋوگزال: ناگانو ناھىيىسىدىكى JR نوبې ياما ۋوگزالى (野辺山駅)
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1346 مېتىر.

8. ئەڭ پەس يەردىكى ۋوگزال: يەر ئۈستىدىكىسى ئايچى ناھىيىسىنىڭ JR ياتومى ۋوگزالى (弥富駅)، دېڭىز يۈزىدىن 49 سانتىمېتىر تۆۋەن،
يەر ئاستىدىكىسى خوككايدودىكى دېڭىز ئاستى تونېلىغا جايلاشقان JR يوشىئوكا كايتېي ۋوگزالى (吉岡海底駅)، دېڭىز يۈزىدىن 145 مېتىر تۆۋەن.

9. ئەڭ كۆپ سۇپىسى بار ۋوگزال: JR توكيو ۋوگزالى
13 ۋوگزال سۇپىسىدا 26 لىنىيىنىڭ پويىزى توختايدۇ.

10. ئىسمى ئوخشايدىغان ۋوگزالى ئەڭ كۆپ شەھەر: سايتاما ناھىيىسىدىكى ئۇراۋا شەھىرى
4 پويىز لىنىيىسىنىڭ ئۇراۋا، شەرقىي ئۇراۋا، غەربىي ئۇراۋا، جەنۇبىي ئۇراۋا، شىمالىي ئۇراۋا، ئوتتۇرا ئۇراۋا، مۇساشى ئۇراۋا دېگەن 7 ۋوگزالى بار.

11. ئەڭ ئۇزۇن ۋوگزال سۇپىسى: JR توكيو ۋوگزالىنىڭ 1- لىنىيە سۇپىسى
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 564 مېتىر، ۋاگون بويىچە ھېسابلىغاندا 28 ۋاگونلۇق پويىز توختىيالايدۇ (ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن يولۇچىلار پويىزى 15 ۋاگونلۇق بولىدۇ ).

12. ئەڭ كۆپ پويىز قوزغىلىدىغان ۋوگزال سۇپىسى: ناگويا ناھىيىسىدىكى ناگويا تۆمۈريولى ناگويا ۋوگزالىنىڭ 1- لىنىيە سۇپىسى
ئادەتتىكى كۈنلىرى بىر كۈن ئىچىدە ئاستا پويىز، تېز پويىز، ئالاھىدە تېز پويىز ھەممىسى قوشۇلۇپ 489 قېتىم، ئوتتۇرىچە 2 مىنۇت 20 سېكۇنتلۇق ئارىلىق قويۇپ 13 خىل يۆنىلىشتە ئوخشاش سۇپىدىن قوزغىلىدۇ.

مەنبە: «ياپون جۇغراپىيىسىدىن قىزىقارلىق دەرسلەر» تورى
http://ku0811.hp.infoseek.co.jp

2008-12-15

توكيونىڭ ھاۋارايى 东京的天气

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ۋە نەملىك دەرىجىسى
东京的累年平均温度和湿度

ياپونىيىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى مۆتىدىل بەلۋاغقا جايلاشقان. تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشىلىپ تۇرغاچقا، نەم ئىسسىق ھاۋا كىلىماتى گەۋدىلىك. شىمالدىكى ئەڭ سوغۇق جاي- خوككايدو (北海道) دا تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلسىمۇ، جەنۇبتىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولغان ئوكىناۋا (冲绳) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا تېمپېراتۇرا يىل بويى دېگۈدەك نۆلدىن يۇقىرى ھالەتتە بولىدۇ. تۆۋەندىكى توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىدىنمۇ بۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يانۋار: 5.8 گرادۇس 50 پىرسەنت
فېۋرال: 6.1 گرادۇس 51 پىرسەنت
مارت: 8.9 گرادۇس 57 پىرسەنت
ئاپرېل: 14.4 گرادۇس 62 پىرسەنت
ماي: 18.7 گرادۇس 66 پىرسەنت
ئىيۇن: 21.8 گرادۇس 73 پىرسەنت
ئىيۇل: 25.4 گرادۇس 75 پىرسەنت
ئاۋغۇست: 27.1 گرادۇس 72 پىرسەنت
سېنتەبىر: 23.5 گرادۇس 72 پىرسەنت
ئۆكتەبىر: 18.2 گرادۇس 66 پىرسەنت
نويابىر: 13.0 گرادۇس 60 پىرسەنت
دېكابىر: 8.4 گرادۇس 53 پىرسەنت
ئوتتۇرىچە: 15.9 گرادۇس 63 پىرسەنت

توكيونىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى (累年平均最高温度) ئاۋغۇستتىكى 30.8 گرادۇس، يىللىق ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى(累年平均最低温度) يانۋاردىكى 2.1 گرادۇس؛
يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل يېغىن مىقدارى (累年平均降水量) بولسا 1466.7 مىللىمېتىر، سېنتەبىر ئېيىدا ئەڭ كۆپ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەر يىلى 8- ئايلاردىن باشلاپ 10- ئايلارغىچە بولغان ئارىلىقتا چوڭ- كىچىك ئون نەچچە دېڭىز بورىنى (台风) توكيودىن ئۆتىدۇ ياكى كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.بەزى دېڭىز بورىنى كەلگەندە، سائەتلىك يامغۇر مىقدارى 100 مىللىمېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

مەنبە:気象人(ھاۋارايىشۇناسلار) تورى
http://www.weathermap.co.jp/kishojin/index.php

2008-09-01

ياپونىيىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى (2) 日本概况

ياپونىيىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى

ياپونىيە- ياۋرو- ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئارال دۆلىتى بولۇپ، 4 چوڭ ئارال ۋە باشقا كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۆت چوڭ ئارال شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ خوككايدو، خونشيۇ، شىكوكۇ، كيۇشيۇ (北海道、本州、四国、九州) دەپ ئاتىلىدۇ. ياپون زېمىنى شەرقتە تېنچ ئوكيان، غەربىي شىمالدا ياپون دېڭىزى، غەربتە شەرقىي دېڭىز، شەرقىي شىمالىدا بولسا ئوخوتسكى دېڭىزى (オホーツク海) بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ.

ياپونىيە زېمىنىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى 377مىڭ 907 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭ 73 پىرسەنتى تاغلاردىن تەركىب تاپقان. ئەڭ ئېگىزى فۇجى تېغى (富士山) بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3776 مېتىر ئېگىز.تاغلار ئارىسىدا كۆپلىگەن جىلغا ۋە ئويمانلىقلار جايلاشقان. دەريالىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇنى شىنانوگاۋا (信濃川) دەپ ئاتالغان 367 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريادۇر. ياپونىيە قۇرۇقلۇقتىن باشقا 3091 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىگە.

ياپونىيىنىڭ ئاھالىسى

2008- يىل 1- مارتتا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات بويىچە، ياپونىيىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 127 مىليون 678 مىڭ بولۇپ، ئەرلەر 48.75 پىرسەنتنى، ئاياللار 51.25 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. 65 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 21.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 679 مىڭ بولۇپ، 48.41 پىرسەنتى ئەر، 52.59 پىرسەنتى ئايال. ئومۇمىي نوپۇس ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا 46 مىڭ كىشى ئاز بولۇپ، 0.04 پىرسەنت كېمەيگەن. ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى بولسا 2.79 پىرسەنت ئاشقان.

نوپۇسنىڭ يېرىمى دۆلەت زېمىنىنىڭ 14 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقان. بولۇپمۇ ئاھالىنىڭ يېرىمى توكيو (東京)، ئوساكا (大阪)، ناگويا (名古屋) نى مەركەز قىلغان ھالدا تولىمۇ زىچ ئورۇنلاشقان. توكيونىڭ نوپۇسى 12 مىليون 828 مىڭ 857 (2008- يىل 3- ئاي)، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىكلەر 390 مىڭ 989. ئوساكانىڭ نوپۇسى 8 مىليون 827 مىڭ 485.

2007- يىلدىكى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيىدىكى چەتئەللىكلەر ئىچىدە جۇڭگولۇقلار 607 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ 1- ئورۇندا، كورىيە ۋە چاۋشيەنلىكلەر 593 مىڭدىن ئېشىپ 2- ئورۇندا، برازىلىيىكلەر 317 مىڭدىن ئېشىپ 3- ئورۇندا تۇرغان. ئۇندىن كېيىنكىلىرى تەرتىپ بويىچە فىلىپپىنلىقلار (203 مىڭ)، پېرۇلۇقلار (60 مىڭ)، ئامېرىكىقلار (51 مىڭ) بولۇپ تىزىلغان. چەتئەللىكلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بويىچە جۇڭگولۇقلار 1- ئورۇندا، كورىيە ۋە چاۋشيەنلىكلەر 2- ئورۇندا تۇرىدۇ.

ياپونىيىدىكى مىللەتلەر

ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياماتو مىللىتى (大和民族) غا تەۋە بولسىمۇ، يەنە خوككايدودىكى ئاينۇ مىللىتى (アイヌ民族)، ئوكىناۋادىكى ريۇكيۇ مىللىتى (琉球民族) قاتارلىقلارمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ريۇكيۇ مىللىتىنىڭ چىراي- شەكلى ۋە كىيىم- كېچەكلىرى ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ.

2008-03-11

نورۇز گۈلى ۋە بلوگ ھەققىدە

(سەمىمىي ئەسكەرتىش: توردىكى مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەرتىمىزكى، مەزكۇر بلوگدىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ. لازىم بولسا ئۇلىنىشلا قىلىڭ. توغرا چۈشىنىشىڭىز ۋە ھەمكارلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.)

بلوگىمىز ياپونىيىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق دوستلىرىمىزنىڭ ياپونىيە، ياپون خەلقى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا توغرا تونۇش ھاسىل قىلىشىغا ئازدۇر- كۆپتۇر ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

ساكۇرا- ياپونچە «桜» دەپ ئاتىلىدىغان ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا شۇ دەرەخنىڭ چېچىكى مەنىسىدە «نورۇز گۈلى» دەپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. ساكۇرا باھاردا ئاق رەڭلىك ياكى سۇس قىزىلدىن تارتىپ توق قىزىلغىچە رەڭدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. ياپونلۇقلار ئۇنىڭ مېۋىسىنىلا ئەمەس، بەلكى چېچەك ۋە يوپۇرماقلىرىنىمۇ ھەر خىل شەكلىدە ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنى ياپونلۇقلار باھارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بۇرۇندىن تولىمۇ ياقتۇرۇپ كەلگەن.

ساكۇرانىڭ تۈرلىرى تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ياپونىيىدە بۇرۇندىن بار بولغان ۋە يېڭىدىن يېتىشتۈرۈلگەنلەر بولۇپ 600 خىلدىن ئاشىدۇ. گەرچە قانۇندا بەلگىلەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياپونىيىگە نىسبەتەن دۆلەت گۈلى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. مېيجى (明治) دەۋرىدىن باشلاپ ئارمىيە، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ فورمىلىرىدا ۋە پاگون- ئىزناكلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھازىرمۇ ساقچى ۋە قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قالقان- بەلگىلىرىدە ۋە تەڭگە پۇلدا ئىشلىتىلمەكتە.
ياپونىيىدە يەنە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى «ساكۇرا كۈنى» قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھەر يىلى تەخمىنەن مۇشۇ ۋاقىتلاردا ساكۇرالار ھۈپپىدە ئېچىلىپ، پۈتۈن ئەتراپ تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ياپونلۇقلار ساكۇرا دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا چېچەك پەيزىنى سۈرگەچ «گۈل سەيلىسى(花見)» قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ.
ساكۇرا دەرىخى باغچا ۋە يول بويلىرىدا مەنزىرە دەرىخى قىلىنىشتىن باشقا، كىچىك ئۆي جاھازلىرىنىڭ ماتېرىيالى قىلىپمۇ ئىشلىتىلىدۇ. چېچىكىدىن چاي ۋە ھەرخىل تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. دەرەخ پوستىدىن يۆتەل توختىتىش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىمۇ ياسىلىدۇ. يەنە ساكۇرا تېما قىلىنغان نۇرغۇنلىغان ناخشا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو قاتارلىقلارمۇ بار.
نورۇز گۈلى نورۇز گۈلى
(رەسىم مەنبەسى ۋە تېخىمۇ كۆپ رەسىملەر: http://www.wikipedia.org/)

يىغىپ ئېيتقاندا، ساكۇرا، يەنى نورۇز گۈلىنىڭ ياپونلۇقلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتىمۇ چوڭقۇر. شۇڭا ئۇنى ياپونىيىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر بلوگقا ئۇنىڭ نامىنى قويۇشىمىزنىڭ ۋەجىمۇ ئەنە شۇ.