ئۇيغۇر تىكىن ئەپەندىنىڭ ئاناتىلغا بولغان مۇھەببەت- بىر خىل ۋىجدانى مەسئۇلىيەتتۇر ناملىق ماقالىسىگە تەخمىس.
دۇنيا شۇنداق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز، لېكىن يىتىشەلمەيۋاتىمىز، نىمىشقا؟
پەلەكنىڭ چاقى چۆگىلەۋاتىدۇ، چۆرگەلتىۋاتقىنى بىز ئەمەس، بىز پەقەت شۇ چاقنىڭ ئاستىدىن چىققان چاڭ-توزاندىن كۆزىمىزنى ئۇۋلاپ، نەدىن كىلىپ-نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى بىلمەي يۈرىمىز.........
خوش گەپنى نەق ياندىن سۆزلەي، <<تۈرمىدىن قېچىش>> ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرمىگەنلەر ئاز قالدىغۇ دەيمەن، دەسلىۋىدە ھەپتىسىگە بىر قىسىمدىن ساقلىتىپ، ئاز-ئازدىن تارقالغان بۇ فىلىم ئەمدىلىكتە كوچىغا چىقسىڭىزلا قۇلاق- مىڭىنى يەپ توۋلاپ ساتارلارنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان <<ئالامەت>> نەرسە بوپ كەتتى، بىر دىسكىسى پەقەتلا 3سوم، 10 سوم خەجلىسىڭىز ساپ <<ئۇيغۇرچە>> دىسكىسى شەرتسىز سىزنىڭ بولىدۇ، كۆرۈپ بېقىڭ، شۇندىلا بىلىسىز بۇ كىنونىڭ نوچىلىقىنى، خوش كىنو ھەقىقەتەن ياخشى، خەقنىڭ،-دە. لېكىن تەرجىمانلارنىڭ ئوسال تەرجىمىلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم ،ئازىراق ھىس قىلىپ باقسا ،باش چايقىمايدىغىنى يوققۇ دەيمەن، فىلىمدىكى مايكول، ئەسلى ئىغىر -بېسىق ئادەم، لېكىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئاۋاز ئۇنىڭ ئۇستىخىنىغىلا ماس كەلمايدۇ، دىمەككى بۇنداق ئىچ مىجەز ئادەمگە ئاۋاز بەرگەن قانداق خاڭرۇقتۇ دەپ قالدىم. ت بەگ، فىلىمدىكى ئەڭ خوشۇم يوق، لېكىن بولمىسا بولمايدىغان ئادەم، بۇنىڭغىچۇ؟ كۈلگۈم كېلىدۇ، مۇشۇنداق ئەسكى ئوبرازنى يارىتىش ئۈچۈن ئاتالمىش<< ئالىپ ئەر>>سىتۇدىيىسىدىكى يولداشلار نىمىشقا پىشانىسىنى تۇتۇپ ئويلاپ باقمىغاندۇ؟
ئاڭلاپلا بىلىسىز ، ت بەگ نىڭ ئاۋازى ئىنتايىن رايىش ،ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ ئاۋازى خالاس........
خەيىرىيەت، نىمىلا بولمىسۇن، ئۇلار تەرجىمە قىلدى، ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولدى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرچەخەتلىك فىلىم تورىدىكى مىھنەتكەشلەر تەرجىمىسىدىكى مەزگۇر فىلىمگە قوللىنىلغان تىل بىلەن ھازىرقى <<ئۇيغۇرچىسى>> نى بىر مۇبىر سېلىشتۇرۇپ باقتىم، مەسئۇلىيەت زادى كىمدە؟
خەنزۇچە خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىدىغان شۇنداق ئۇستازلار بار، ئۇلار پەقەت تىلنى فىلىمنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىغا ماسلىششىنى كۆزدەتۇتۇپلا قالماستىن يەنە فىلىم تىلىنىڭ ئۆز تىلىغا قانداق ئۆزلىششىگىمۇ بەك دىققەت قىلىدۇ.بۇ چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئەلۋەتتە.
ئەمدى گەپنى يەنەبىر فىلىمگە يۆتكەي، بۇ فىلىممۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان lost .
فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى مانا مۇشۇ ، ئىنتايىن قىسقا ۋە ئاددىي بىر ئىغىزلا سۆز، تەرجىمانلىرىمىز بۇنى نىمە دەپ تەرجىمە قىلغاندۇ؟
ئازغۇن.......
ئاز+غۇن=ئازغۇن، سۆزنى بوغۇمغا ئايرىساق مانا مۇشۇنداق بولدى دىگەن سۆز. دىمەك بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى ئزغۇچى، ئاداشقۇچى دىگەن مەنىدە بولىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە شەخسنى كۆرسىتىدىغان سۆز. لېكىن فىلىمدىكىسى بولسا بىر توپ ئادەم،ھەرگىزمۇ بىر ئادەم ئەمەس، بۇ فىلىمنىڭمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىپ بولدى، كۆرۈپ باقتىم، تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسى زۇكامداپ قالغان بولسا كىرەك ، دىمىغىدىلا گەپ قىلىشىدىكەن ، ئەسلى بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى ئېزىقىش بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولاتتى، لېكىن تەرجىمان فىلىمدىكى مەلۇم بىر شەخىسنى كۆزدە تۇتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ بىلمىدىم. مۇشۇنداق تومتاقلا تەرجىمە قىلىپتۇ.
قىززىقى شۇكى خۇاسىڭ مېيى دىگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىنى يەر ياڭىقى مېيى دەپ تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىشىپتۇ.
مەن بىر ئاڭلاپلا بۇ نىمە بولغىيدى دەپ ھەيران قالدىم، يەر ياڭىقى، ئاسمان ياڭىقى، يەنە نىمە ياڭىقى باردۇ؟...
دەرۋەقە، مۇشۇنداق ئىسىل كىنولارنى تەرجىمە قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن تىل ئۆزىمىزنىڭ بولغاندىن كىيىن ،ئوخشىغان قايماقتەك تاتلىق تىلىمىزنى بۇزۇپ، پىرسوناژ خاراكتىرىگە ماس كەلمىگەن ئاۋازنى زورلاپ بىرىپ بىر-بىرىمىزنى ئالدىغاننىڭ نىمە پايدىسى؟
فىلىم تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن، ئازىراق قىتىرقانغانغا ھىچنىمە بولمايدۇ، يۇقارقىلا مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس، دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، لېكىن بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزگەننىڭ ئۆزى چوڭ جىنايەت.
تىل ئۆزىمىزنىڭ ،شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇنى قوغدىشىمىز ،خالىغانچە يىڭى تىل ياساپ چىقماسلىقىمىز كىرەك، چۈنكى تىل=ئانا دىمەكتۇر!!
收藏到:Del.icio.us