Skip to Navigation Skip to Content

بلوگ بېسىمى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن.

 

بلوگ يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلەتكەندىن بىرى، كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم،تەتىلدىن بۇرۇنقى  ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىش پىلانىممۇ مۇشۇ بلوگنى دەپ ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ھېلى بىر يەرنى ئوڭشىسام يەنە بىر يەردىن چاتاق چىقىۋاتقان، eot تونۇماي خاپا قىلىۋاتقان، ئىشقىلىپ بالا باقماقتىن بلوگ باقماق تەسكەن. ئەمدى ئۇىلاي دەپ تۆشەككە باش قويسام كاللامغا بلوگنىڭ كودلىرى كىرىپ كېلىدۇ، ھەل قىلالمىغان مەسىللەرنى كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ ئويلايمەن،كاللامدا ئېنىق ھەل قىلىش يولى شەكىللەنگەن ھامان تۇرىمەن، كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قايتا-قايتا سىناق قىلىمەن. دادام يېرىم كىچىدىمۇ ئۆچمىگەن چىراقنىڭ نۇرىدىن بىزار بولۇپ، ئاستا چىقىپ دېرىزەمدىن قاراپ قويىدۇ............................

مەن مانا مۇشۇنداق جاھىل ئادەم، دوستلىرىم مېنى بلوگنىڭ دەردىدە ساراڭ بلۇپ قالىغان چېغى دەپ قېلىشىپتۇ، بۇگەپنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلدى، شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟

راستىنى دېسەم، بلوگ ھەققىدە بولۇپمۇ كود ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەي تەرجىمە قىلغان بۇ ئۇسلۇبنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشى ماڭا ئاسانغا توختىمىدى،كېچە-كېچىلەپ ئۇيقۇسىز ،ئارامسىز ئولتۇرىمەن، لېكىن قىلچە ھارغىنلىق ،روھسىزلىق ھېس قىلىپ باقمىدىم ، بىرلا يېرى بۇرۇن ماتىماتكىنى ياخشىراق ئۆگەنمىگىنىمگە سەل ئۆكۈندۈم.....

شۇنداق  ھاياتلىقتا بېسىم دىگەن چىققۇ؟ بەزىلەر قان بېسىمى يەنە بەزىلەر نان بېسىمى يەنە بەزىلەر جان بېسىمى ۋە يەنە بەزىلەر خوتۇن بېسىمى، ئائىلە، خىزمەت................. قاتارلىقلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ،بېسىم ئاتالمىش بېسىم يەنە شۇ شەخىسنىڭ ئۆز روھىيىتىدىكى ھېسسى بېسىم،  جېسمانى بېسىم يۇقىردا تەسۋىرلەنگەننىڭ ئىچىدىكى بىرسى بوپ قالىدىغان بولسا ئەييۇھانناس ئېنسان تىن تارتماي ياراتقۇچىسىنىڭ يېنىغا ئەرزگە ماڭىدۇ...

توۋا دېگۈم كېلىدۇ، خۇددى ئەمدىلەتىن ئۆمىلىگەن بوۋاقتى يۈگۈرۈشكە مەجبۇرلىغاندەك، بۇ ئىشلارمۇ يۈگىرەپ يۈرۈپ پۈتۈپ قالدى.........  مەن راستىنلا بلوگ بېسىمى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن.

 

分享到:
Posted under: خاتىرەم

    评论

  • مەنمۇ بىرچاغلاردا شۇنداق قىزىقىپ كەتكەن دىسە ،،،ئەسلەپ قالدىم
    سەھرا回复ئەزىز说:
    كەلگەن قەدىمىڭىزگەمەرھابا، پات-پات يوقلىشىپ تۇرايلى!
    2010-08-09 16:15:30
  • كەتتى،ھازىر بلوگباس ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىشغا يامان ئەمەس پىشىپ قالدىم،ئادەم قانچە كۆپ قول سالسا شۇنچە چوڭ بىلىمگە ئېرىشىدىكەن.نادىر يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز!
    سەھرا回复ئۇيغۇربەگ说:
    يوقلاپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم، ئامال يوقكەن بۇ ئىشلارغا.....ھەي.. كىم بىزنى ئادەم بولسۇن دەپتۇ؟ قاغا بولغان بولساق ھە.. نەگە بارغۇمىز كەلسە بېرىپ، قاقىلداپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلساق... ئادەم بولغاندىن كىيىن ئۆگەنمەي، تىرىشماي جاھاندىن ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىكەن.
    2010-08-06 20:10:48
  • بىزمۇ شۇ مەزگىللەردە،يەنى،بلوگباسغا كۆيگەن مەزگىللەردە كۈندە دىگۈدەك ئۇسلۇب تەرجىمە مەشىقى ئىشلەپ ھېرىپ چارچاپ كېتەتتىم.ئەمما،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ