مىلادى2010-يىلى10-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ سائەت 10 بىلەن ubuntun نى قاچىلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم،ئاساسى رايوندىكى ماتىرياللارنى يۆتكىۋەتكەندىن كىيىن ،قاچىلاشنى باشلىدىم، ئالاھەزەل يىرىم سائەتلەردىن كىيىن سېستىما كوپمېيۇتىرىمغا ئورۇنلاشتى، قايتا قوزغالغاندىن كىيىن كۆرۈنمە يۈزىنى كۆرۈپ ھاياجىنىمنى باسالمىدىم، كومپېيۇتىرىم دىگەن كۆزنەككە كىرگەندىن كىيىن شۇنى بايقىدىمكى،مىنى نەس بىسىپتۇ، 250gb كېلىدىغان قاتتىق دىسكام ئاللىبۇرۇن ئاساسى رايوندىن ئىبارەت بۇ قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇپ كىتىلگەن ئىدى، بىشىم پىر...رىدە قىيىپ كەتتى، تور قامال قىلىنغان چاغدا سېتىۋىلىنغان dell ماركىلىق خاتىرە كومپېيۇتىرىمنىڭ بۇنچە تىز ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن، ئىچىدىكى 100gbچوڭلۇقتىكى ماتىرياللارنىڭ ھەممىسى ئاخشامقى بىر دەملىك قىزىقىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى، ھەسسنە... نىمىسىنى ئىيتاي، بوپتۇلا،-دەپ كومپېيۇتىرنى ئەسلى سېتىۋالغان شىركەتكە ئاپىرىپ بەردىم، كىچىچە بىر ئۇيقۇم كەلمىدى دېسە...
خوش،ئەمدى تەسىراتىمنى سۆزلەپ ئۆتەي:
linux سېستىمىس ھازىرقى مايكىرسوفىت شىركىتىنىڭ ئەڭ جانلىق رىقابەتچىسى بولۇش سۈپىتىدە ،ھەر قاچان مايكىرسوفىت مەسھۇلاتلىرى بىلەن پۇت تېپىشىپ كىلىۋاتىدۇ، مەنمۇ شۇ قىزىقىش تۈپەيلى قاراڭغۇ بازاردىن 230 يۈەنگە سىتىۋالغان ubuntu9.10 نۇسقىسىدىكى دېسكىنى تىپىۋالدىم، ئەسلى قاچىلىمىساممۇ بوپتىكەن، لېكىن نىمىلا دىگەن بىلەن بولغۇلۇق بولدى ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەن پايدىسى يوق، دېسكىنى قاچىلاش جەريانىدىغا دىققەت قىلدىم، ھەقىقەتەن، linux سېستىمىسىدىكى بارلىق قوللانچى يۇمىتاللار مايكىرسوفىتنىڭ يۇمىتاللىرىغا ئوخشىمايدىكەن، تور كۆرگۈچىسى ئاتەش تۈلكە ئىكەن تېخى...
ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمىتاللىرىمۇ مايكىر سوفىتنىڭ دېتاللىرى بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدىكەن، ھەتتا مۇزىكا قويغۇچىسى،دىسكا كىلونلىغۇچىسىدىن تارتىپ ئۆزگىچە ئىكەن، ئويۇنلارنىڭ سەرخللىقىنى دىمەيلا قوياي، شۇ قىززىقچىلىقتا دېسكا رايونۇمنىڭ بىر يەرگە توپلىنىپ قالغانلىقىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن، ئاخىرى باتارىيە يىتىشمىگەنلىك ئۇچۇرى چىققاندىن كىيىنلا بۇ سۆيۈملۈك سېستىمىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدىم، بۈگۈن چۈشتە شىركەتكە كومپېيۇتىرنى ئاپارسام ، نان قىپى گۇيلار قاتتىق دېسكامنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆزرە سورىدى، ئەمما مەن ئىشەنمىدىم، بۇرۇنمۇ مۇشۇندا ئەھۋالغا يولۇققان ، بۇ قېتىم ئۆزەمدىن كەتتى، سستىما قاچىىلىنىش جەريانىدىكى ئاپتوماتىك قاچىلاش تۈرىنى تاللاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ دېسكا رايوننى ئۆزەم تاللاپ بەرگەن بولسام بەلكىم مۇشۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى... ھەر ھالدا سىناق قىلىۋاتقان بەت سېستىمىسىنى بوشلۇققا يوللاپ بوپتىكەنمەن، شۇنىڭدىن سەل كۆڭلۈم ئارام تاپتى، ھازىر تورخانىدا ئولتۇرۇپ ئاخشامقى ئاچچىقىمنى ئويۇندىن ئىلىۋاتىمەن، كومپېيۇتىرىم تىزراق ئەسلىگە كەلسە بولاتتى...
Posted under: خاتىرەم
评论
راست ، ئۇنتۇپ قالماي ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويارسىز...