Skip to Navigation Skip to Content

سەبۇرى تورى تەمىنلىگەن تەشۋىقات ئىلان كودىدىن پۇل تىپىۋاتقانلار دىققىتىگە!

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بلوگنى يىڭىلىمىدى دەپ مەندىن خاپا بولدۇڭلار ھەقىچان،ئەمدى بلوگنى نىمىشقا يىڭىلىمىغانلىقىم ھەققىدە كىچىكىنە چۈشەندۈرۈش بىرىۋەتكەندىن كىيىن، بۈگۈنكى يىڭى يازمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن.
بۇ مەۋسۇمدا ئوقۇش ئىشلىرى بەكلا ئادىراش بوپ كەتتى، يىرىم ئايلىق دالا پاراكتىكىسىدىن كىيىن،(9-ئايىڭ 20-كۈنىدن تا ھازىرغىچە) بىزگە تۈزۈك ئارامچىلىق بولمىدى، مەن شۇچاغدىن باشلاپ ئاخشىمى سائەت 12 دىن بۇرۇن ئۇخلاپ باققىنىم يوق...شۇڭا بلوگنى يىڭىلاي دەيمەن، كاللامدا پىكىر كۆپ بولسىمۇ يازىدىغانغا پۇرسەت  چىقمىدى. شۇڭا زىيارەتچىلەردىن ئۆزرە سورايمەن. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ،بۇنداق بولمايدۇ...
بۈگۈنكى يازما مەخسۇس سەبۇرى تورى ۋە ئۇلار تەمىنلىگەن تەشۋىقات ئىلان كودى ھەقىدە بولىدۇ.
بلوگدا مۇشۇ ھەقتە يازما يازغاندىن كىيىن، نۇرغۇن توردشلار مەندىن  ئۆزى چۈشىنەلمىگەن مەسىللەر ھەققىدە ئېلخىەت ۋە پىنگىۋىندە سوئال سوراشتى، بوش ۋاقتىم بولسىلا ئىرىنمەي جاۋاپ بىرىپ تۇردۇم، بەزىدە ۋاقىت چىقمايمۇ قالدى، بەلكىم ھەرقايسىڭلار بىر ئاز گۇمانمۇ قىلغانسىلەر، بۇ بلوگگىرمۇ سەبۇرى تورىنىڭ قول -چوماقچىسى ئوخشايدۇ؟ ،-دەپ.شۇنداق مەن بىردىنبىر ئۇيغۇرچە ئىزدەش بىتى بولغان سەبۇرىينىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، لىكىن تور بەت قۇرغۇچى بىلەن ھىچقانداق تونۇشلۇقۇم، ياكى ئۇنداق ۋە ياكى مۇنداق مۇناسىۋىتىم يوق،
مىنىڭ ئۇلارنى قوللىشىمدىكى مەقسەت، پۇل تپىش ئەمەس ،(ئۇنىڭدىن كىيىن ياكى بۇرۇن قۇرۇلغان ئىزدەش تور بىكەتلىرى بولسىمۇ قوللايمەن، چۈنكى 百度,google لار بىزنىڭ يىزىقىمىزنى ئىزدەپ بىرەلىسىمۇ، تىل قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئىزدەش تورىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ ئەمەس) ھازىرغىچە تەۋسىيە ئىلانىدىن تاپقان پۇلۇمغا بىر قاچا سۈيۈقئاش كەلمەيدۇ،  ئەمما تورداشلارنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىڭلار دەپ دەۋەت قىلىشىمدىن مەقسەت، سىز مەلۇم ئويۇننى ئوينايمەن دەپ كۆڭۈلگە پۈكۈپ ، تورخانىغا كىرگەندە 5مىنىۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، مۇشۇ بىكەتنى تەشۋىق قىلىپ قويسىڭىز،10 ئادەمنىڭ ئىچىدە  ئىككىسى كۆرسە، مۇشۇنداق بىكەت بارلىقىنى بىلسە، پۇل تېپىشقا قىزىقىپ بولسىمۇ، بىكەت ئاددىرىسىنى  ئىسىدە تۇتۇۋالسا،كىيىن شۇنداق لازىم بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىزدىگەن ئۇچۇرلىرىنى سەبۇرىيدىن تاپالىسا....شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ يېزىقىمىزدىكى ئۇچۇرلارنى تاپالايدىغان مەزگۇر بىكەتتىن بىر ئادەم بولسىمۇ پايدىلانسا،دىگەن ئۈمىدتتىمەن.
گەپ تېمىدىن سەل چەتنەپ كىتىپ قالدى،  ئەمدى پۇل تاپىدىغان نەق يەرگىلە كىلەيلى:
- سەبۇرى تەشۋىقات ئىلان كودىنى قارشى تەرەپ كۆرگەندىن كىيىنلا ھەق ھىسابلىنامدۇ ؟
سەبۇرى تورى باشقۇرغۇچىسى مەردان ئەپەندىنىڭ جاۋابى:
سورالغان مەسىللەرگە كەلسەك خۇددى سىز ئېيتقاندەك بەزى تورداشلار سەبۇرىدا بىراقلا بېيىپ كېتىشنى ئويلاپ ئاقىۋىتىنى ئويلاشماي ئېلانغا ساختىپەزلىك ئىشلىتىپ ئاخىرىدا ئەزا نامى چەكلەنسە بۇ ساختىپەزكەن دەپ يۈرىيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىر مەشغۇلات ھەربىر تەشۋىقاتىغا قارىتا بىز ئېنىق دەلىل ئىسپات چىقىرىپ بېرەلەيمىز.
ساختىپەزلىك ھەققىدە ئازراق توختىلاي، بۇنىڭ باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشىڭىزگە ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس. بىرەيلەن توي قىلماقچى بولۇپ سىزگە 1000 دانە بارغاق بېرىپ تارقىتىۋەت دېسە، ھەم ھەربىر بارغاق ئۈچۈن بەلگىلىك ھەق بەرسە،سىز ھەممىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى يېزىۋەتسىڭىز، ياكى باشقىلارنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويۇپ ھەممىنى ئۆزىڭىز كۆرىۋەتسىڭىز، تويغا ئادەم كەلمىسە ئۇ ئادەم سىزگە يەنە ھەق بېرەمدۇ؟! بەزى تورداشلىرىمىز روتېرنىڭ قايتا قوزغالغاندا ئايرىم ip ھاسىل قىلىدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ساختا ئېلان كىرىمى قىلىۋاتىدۇ، بۇنى تەشۋىقات ئۇچۇرىغا بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئالدىراپ كېتىپ خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان تورداشلىرىمىزنىڭ ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
سەبۇرىدا تەشۋىقات قىلىنغان ئادرىسقىلا ھەق ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئادرىس ئۈستىدىكى ئېلان چېكىلگەندىن كېيىن ھەق ھېسابلىنىدۇ.
2- ئىلىشقا بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن ئىلان كىرىمى بەلگىلەنگەن چەككە يەتكۈچە بەزى ئۇچۇرلار (بانكا ھىسابات نومۇرى، ئالىپاي دىگەندەكلەر) نى توشقۇزمىسىمۇ بولامدۇ؟
سەبۇرى تورى باشقۇرغۇچىسى مەردان ئەپەندىنىڭ جاۋابى:
ئەزا تەستىق تۈزۈمى يولغا قويۇلماستىن بۇرۇن ئېلان كىرىمى بەلگىلەنگەن چەككە يەتكۈچە باشقا ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرمىسىمۇ بولاتتى، ئېلان كىرىمى چەككە يەتكەندە بىز شۇ ئەزا بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ يەنە بىر قېتىم بارلىق ئۇچۇرلارنى جەزىملەشتۈرۈپ ئارىلىقتا باشقا مەسىللەرنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. ئەزا تەستىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن باش رەسىم ۋە بانكا ھېسابات ئۇچۇرلىرىنى تولۇق تولدۇرغاندىن ھەقلىق ئېلان ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. تورداشلىرىمىزنىڭ بانكا كارتا نۇمۇرىمىزنى ئۇچۇر ئورنىغا تولدۇرساق خاككېرلار سوقۇۋالىدۇ دەپ ئەنسىرىشى ئارتۇقچە، ئاز بولمىغان مۇلازىمەت تور بېكەتلىرىدە بېكەت باشلىقلىرىنىڭ كارتا نۇمۇرلىرى ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىغلىق، ئەگەر بۇ خەتەرلىك ئىش بولغان بولسا ئۇلار ئۇنداق قىلماستى. باشقىلارغا دەپ بەرگەن كارتا نۇمۇرىغا پۇل سالغىلى بولىدۇ، ئالغىلى بولمايدۇ. بەزى تورداشلارنىڭ بىزگە ئىشەنمەسلىكىدىن ھازىرغىچە ئېلان كىرىمى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەزالارنىڭ ھەق يوللىغانلىق بانكا ھېساباتىنى سېكانلاپ ئېلان ھەمكارلىقى سۇپىسىغا ئىسپات ئورنىدا چىقىرىپ قويايلىمۇ دەپ ئويلاشتۇق، بىراق ئۇنىمۇ يالغان دەيدىغانلار چىقمايدۇ دەپ كاپالەت بېرەلەمسىز؟!
سەبۇرى ئېلان ھەمكارلىقىنى بۇ خىل ناتوغرا رىقابەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمىسۇن دەپ بېكەت سېستىمىسىنىڭ يېڭى ئىقتىدارىدا ئەزالىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئالاقە سورۇنى ھازىرلاپ بېرىۋاتىمىز. بىز ھەم كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تورداشلارغا ئىسپاتلاپ بېرىمىز. ئېلان كىرىمى تاپشۇرۇپ ئالغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگېشىپ يالغانچىلىقلارمۇ ئاشكارىلىنار. بىزنى يېقىندىن قوللىغان ئەزالار ئۈچۈن ئاخىرغىچە ئادىل مۇلازىمەت قىلىمىز.
يۇقارقى مەزمۇنلار نۇرقۇت تورىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىندى،سۇئالنى مەن سورىغان، ئەسلى مەنبەگە كىرىپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولغايسىلەر.
مەنبەسى:http://www.nurqut.com/ud/thread-4636-1-1.html

分享到:
Posted under: AdSense

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، نورۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى نورۇزدا يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
  • سەبۇرى تورى ھەققىدە قىممەتلىك چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت