بىر نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە، بلوگقا تازا قاراپ بولالمىدىم،بۈگۈن كىرىپ بلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى يەنە ئالماشتۇرۇۋەتتىم، چۈنكى بلوگنىڭ سۈرئىتى بەكلا ئاستىلاپ كەتكەن ئىدى،قارىسام زىيارەت سانى تۈزۈك ئاشقاندەك ئەمەس، ئىككى-ئۈچ كۈن ئىچىدە 60قا يېقىن زىيارەتچى كىرىپتۇ.يەنەشۇ زىيارەت [人气]نىڭ سانىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن كونۇپكا تاختىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر نەچچە كۈنلۈك مۇلاھىزەمنىڭ نەتىجىسى بولمىش ئۇشبۇ يازمىنى يېزىشقا تۇتۇندۇم.
سىزمۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا نىمىلەرنى ئويلىشىڭىز مۇمكىن، پەرەز قىلىپ باقاي:
ئەگەر سىز بىر بلوگگىر بولسىڭىز ،مېنىڭ بلوگۇمغا بۈگۈن ئادەم كىرگەندىمۇ،نەچچە ئادەم كىرگەندۇ؟دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن[شەخسى پەرەز].
ئەگەر سىز بىر زىيارەتچى بولسىڭىز ، ماۋۇ گۇينىڭ كاللىسىدا سۈيى بارمۇ نېمە، نېمىدەپ بۇنداق نەرسىلەرنى يېزىپ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالدايدۇ..... دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا مەن نېمىشقا بۇنى يازىمەن؟
چۈنكى بۇ بلوگ مېنىڭ، بۇنى يېزىشنى باشلىغانكەنمەن، ئاخىرىغا چىقىرىشىم كېرەك، داۋاملىق يېزىشىم كېرەك، تاكى مەن يازالغىغانغا قەدەر[ئەلۋەتتە يازالماي قالسام، يازالمايدىغان بوپ قالسام توختاپ قېلىشى مۇمكىن].
بلوگنى نېمىشقا يازىمىز،بلوگگىرلار بلوگ يېزىپ ساراڭمۇ؟
بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ ئويلىنىپ باققان ئىدىم، مەن زادى نېمىشقا بلوگ يازىمەن، نىمىشقا يازىمەن؟دېگەنلەرنى تولا ئويلاپ كەتكەن ئىدىم، ئەڭ بۇرۇن بلوگ دېگەن نەرسىگە قىزىقىشىم،[blogsopt] نىڭ ئېنگلىزچە بلوگىغا ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن دەپ ئاۋارە بوپ يۈرگەن ۋاقتىم ، ئۇچاغلاردا مەن ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم، ئۈگىنىۋالغىنىم [google] دىن پايدىلىنىپ ئېنگلىزچە ئۇچۇرلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ئىدى. مەن شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ[blogspot] تا بىر[ blog] قۇرۇۋالغان ئۆزۈمچە يىرىم ئېنگلىزچە يىرىم ئۇيغۇرچە قىلىپ[sahraboy] دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىدىم،شۇنىڭدىن كىيىن،مەن بلوگ يازدىم، دەسلەپتە نېمە يېزىشىمنى بىلمىدىم، توردىن تىرىپ يۈرۈپ بىر بەت ماقالە قىلدىم، ھەمىسى قۇرۇق پاراڭلار ئىدى، كىيىن-كىيىن مەنمۇ خەقلەرنى دوراپ سېنلارنى قىستۇرۇپ باقتىم، شۇنداق قىلىپ بىلىدىغانلىرىم بارا-بارا كۆپەيدى. شۇ كۈنلەردە توساتتىن[تەكلىماكان بلوگ]يازغۇچىسى تەكلىماكان ئەپەندىنىڭ [كۈندە يۈز دوللار]تېمىسىدىكى يازمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،[توردا پۇل تېپىش]دىن ئىبارەت بۇ غايىۋى شىرىن چۈش ،مېنىڭ ئېڭىمدا ئاستا بىخ سۈردى، لېكىن مەن پۇلنى قانداق تاپىمەن؟بۇ ئالدىمدىكى بىر چوڭ مەسىلە ئىدى.
ئەتراپىمدىكىلەرfenbeiبىلەن51نىڭ بلوگلىرىنى بېزەش بىلەن ئاۋارە ،لېكىن مەن، تىز پۇرسەتتە يانچۇقۇمنى دوللار بىلەن تولدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىرايتىم،ھەر كۈنى [تەكلىماكان بلوگ]قا كىرەتتىم ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇ يەردىكى يازمىلارنى كۆرەتتىم، ھەر كۈنى ئۇخلاش ئالدىدا بىردىن-بىردىن كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ تەھلىل قىلاتتىم، ھالقىلىق مەسىلە زادى نەدە؟
مېنىڭ [ googleAdSense]دېگەن ئۇقۇم بىلەن يۈز كۆرۈشۈشۈممۇ دەل [تەكلىماكان بلوگ] دىن باشلانغان ئىدى،ئۇ ھەر قېتىمقى يازمىسىدا [googleAdSense]نى تىلغا ئالاتتى،دەسلىۋىدە ماڭا بەك قىززىق تۇيۇلۇپ كەتتى، قانداق قىلسام مەنمۇ بۇ نەرسىگە ئېرىشەرمەن، دېگەن خام خىيالىدىمۇ بولدۇم، شۇنداق قىلىپ [googleAdSense] مۇ بار بولدى،لېكىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە دەسلەپ ئۆزەم ئېلان چېكىپ يۈردۈم.
كىيىن، باشقىلارغا يوللاپ بەرسەم چېكىپ قويدىغۇ دېگەن ئۈمىدتە يوللاپمۇ باقتىم، نەدىكىنى خەق ماڭا ئوخشاش تۇغۇلمىغان تايىنىڭ ئوقۇرىنى سالسۇنمۇ؟ئەلۋەتتە دەسلەپ بلوگگىر قاتارىغا كىرگەن ھەربىر يازغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى ئۆزگىچە بولۇشى مۇمكىن،دەرۋەقە مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىممۇ قىزىقارلىق ،ھەم بىمەنە، ھەم غەلىتە ئاجايىپ ئاڭسىز تەۋەككۈلچىلىككە تولغان كەچۈرمىش ئىدى.شۇنداق قىلىپ مەن يەنە بلوگ يازدىم.......
بارا-بارا ھەرقايسى ھەقسىز [blog] تەمىنلەش سۇپىلىرىدا مېنىڭ ئىزىم قالدى، ھېچنېمىسىنى چۈشەنمىسەممۇ ،كىرىپ بىر قاتاردىن مالتىلاپ[用户]بوپ قوياتتىم،ئاخىرى ئايلىنىپ ،مۇشۇ ئاپتوبۇس بېكىتىدە[blogbusتا] توختاپ قالدىم.لېكىن بۇ ئاپتوبۇس خەنزۇچە ئېدى، بىزگە ئوخشاش يۇنىكودلۇق يېزىق ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ مۇۋاپىق ئورۇن تېپىش،ئانچە ئاسان ئەمەس ئىدى،بىلەت[门票]ئېلىش ئۈچۈن يەنىلا خەنزۇ تىلىدا تەپەككۈر قىلىشقا مەجبۇر ئىدۇق.خەنزۇ تىلى ئاساسى ئەزەلدىن ئاجىز بولغان مەندەك بىر ئادەمنىڭ بۇ يەردە پۇت تىرەپ ،كىيىنكى بېكەتكە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالىشى ،شۇچاغدىكى ماڭا نىسبەتەن ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېيىش بىلەن تەڭ ئىدى.
ئەمما مۇشۇنداقلا بەل قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ دە، ئامال قىلىپ بۇنىڭغا يۇنىكودلۇق ھەرپلەرنى قوللايدىغان قىلىش كېرەك،لېكىن ئىشنى نەدىن باشلاش كېرەك، مەن نېمە قىلالايمەن؟......مۇشۇلارنى ئويلىساملا قورسىقىم كۆپەتتى،لېكىن باشقىلار قىلدى،ئۇلار قىلالىدى.........
بۇنى ئۇيغۇرچە قىلىش نەدە تۇرۇپتۇ؟ ئەڭ ئاۋۋال ئىش باشلاپ بەرگىنى يەنىلا[تەكلىماكان بلوگ] ئىدى.شۇنداق قىلىپ، بلوگ يازدىم، دەسلىۋىدە خەقنىڭكىنى كۆچۈردۈم،كاللامغا نېمە كەلسە شۇنى يازدىم لېكىن ئۇ چاغدا ئويلايدىغىنىم ھەرگىز زىيارەتچى[用户] ئەمەس بەلكى ئۆزەم ئىدىم.
توردا ئۇچراپ قالغان [بايلىق مەنبەلىرى]نىڭ ھەممىسىنى كىيىن تورغا چىققاندا لازىم بولىدۇ دەپ ئويلاپ، يىغىپ قوياتتىم، شۇنداق قىلىپ بلوگ مېنى
ھەقسىز ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاجايىپخانىغا ئايلاندى، قاچانىكى تورغا چىقسام، لازىملىق نەرسىنى ئۇدۇل كىرىپلا ئىزدەيتتىم. ھەممىسى دېگۈدەك بلوگۇمدا بار ئىدى. كېيىنچە بلوگنى تۈزەشتۈردۈم،ئۆزەم ئۇسلۇب ياساپ باقتىم، لېكىن بىلىدىغان نەرسىنىڭ تايىنى يوق بولغاچقا ،بىر تال ئۇسلۇبنى نەق جايىغا ئەكىلىشكىمۇ ھەپتە-ھەپتىلەپ ۋاقىت كېتەتتى، ۋايسىمىدىم، داۋاملاشتۇرىۋەردىم، بىلىدىغانلىرىممۇ ئاستا-ئاستا كۆپەيدى.
شۇ كۈنلەردە[ئۇيغۇر تېكىن بلوگى]نىڭ يازغۇچىسى بولمىش[ئۇيغۇر تېكىن] ئەپەندى بىلەن بلوگ يۈزىدە ھەمسۆھبەتتە بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا بلوگۇمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويۇڭ دېسەم، ئۇ بلوگىڭىز مىسالى بىر ئاجايىپخانا ئىكەن، قاچانىكى خاسلىققا ئىگە بولغاندا قوشۇپ قوياي دېدى.
دەسلىۋىدە مەن ئانچە ئىرەن سالماپتىمەن.كىيىن قارىسام مەندىن كىيىن يېتىشكەن [blog]يازغۇچىلار مەندىن ئېشىپ كېتىپتۇ، مەن نەدە؟يەنەشۇ پەلەك چاقىنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا كۆزۈمنى ئۇۋىلاپ، نە نامسىز، نە نىشانسىز كىتىۋىرىپتىمەن.......
ئېسىمنى يىغسام يەنە بلوگ يېزىۋىتىپتىمەن.بۇ نەچچە كۈندەشۇنى ھېس قىلدىم ،بلوگقا قىزىقىدىغانلار بەك ئازكەن،يازىدىغانلارمۇ ئازكەن، قىزىقىدىغانلار تېخىمۇ ئازكەن، دېمەك بىز ۋە بىزنىڭ تائىپىمىزدىكىلەر تېخى [blog]نى چۈشەنمەيدىكەن.مىسالەن، ئاخشام [مىسرانىم مۇنبىرى]گە كىرىپ بىر تېمىنى كۆردۈم،قارىسام زىيارەت سانى 50مىڭغايېقىنداپتۇ، كۆرۈپلا چۈچۈپ كەتتىم.مەن جېنىمدا تۆت يىلدىن بىرى يېزىۋاتىمەن، يېزىۋاتىمەن، تۆت يىلدا مۇشۇنچىلىك يېزىپتىمەن، لېكىن مۇنبەردىكى بىر تېما يېزىلىپ 15كۈنگە بارماي مىنىڭ بلوگۇمنى تۆت قاتلىۋىتىپتۇ.
ئۇنداقتا سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كىم قىزىقىدۇ؟قانداق قىلغاندا زىيارەت ساننى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بلوگگىرلار بلوگ يازغاندا زادى نېمىگە دىققەت قىلىشى كېرەكتۇ؟
نەق گەپكە كېلەيلى، ئەمدى سىزگەسۆزلەپ بەرمەكچى بولغان تەجرىبە بلوگچىلىقتىكى بەزى زۆرۈر تېخنىكىلار:
1.پايدىنى خېرىدارلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش تاكتىكىسى بۇيەردىمۇ ئەسقاتىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ ھەر بىر بلوگگىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىكەن.مەيلى سىز بلوگ يېزىڭ، ياكى مۇنبەردە ھېكايە رومان يېزىڭ، سىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلاشقا تېگىشلىك بولغان نىشانىڭىز سىزنىڭ ئابونىچىڭىز[用户] بولۇشى كىرەككەن, نېمىشقا؟ چۈنكى سىز كىرىم قىلىمەن دەيدىكەنسىز ئاۋۋال باشقىلارغا ئازراق پايدا يەتكۈزۈشىڭىز كېرەك،شۇنىڭدەك،سىز بلوگىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرنى كۆپەيتىمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئابونىتچىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا يازما يوللىشىڭىزكىرەك، ئۇنداق بولمىغاندا سىزنىڭ بولسىڭىز قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئوخشاش ھېچنىېمىگە رولى يوق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ھەر بىر يازمىڭىزدا ئىمكان بار زىيارەتچىڭىزنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپراق بىر نەرسە يازسىڭىز ئاندىن سىزنىڭ بلوگىڭىز تەبئىي ھالدا باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
2.ئىمكان بار ئابونتچىلارنى قىزىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
سىز بىرەر ئەسەر ياكى ماقالەيازدىڭىز دەيلى،ئۇنى شۇنداقلا ئېلان قىلسىڭىز بەلكىم كۆرۈلۈش قېتىم سانى سىز ئويلىغاندەك بولماسلىقى تەبئىي.شۇڭا سىز ئىمكان بار ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ،ماۋزۇ قويىشىڭىز، پىشقان، راۋان سۆزلەر بىلەن ئەسىرىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىشىڭىز كىرەك.
بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئېلان[广告]نىڭ كۈچى،سىز نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەرنى ياراتتىڭىز، لېكىن تېخى باشقىلار بايقىمىغان ئەھۋال ئاستىدا سىز ئۇنى مەلۇم ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمىدە باشقىلارغا خەۋەرلەندۈرىشىڭىز كېرەك.بولۇپمۇ مۇنبەر ۋەياكى داڭلىقلارنىڭ بلوگلىرىدا سۆز قالدۇرۇش، تېما يوللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بلوگىڭىزنى تەشۋىق قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ،سۆز قالدۇرغاندا ئىمكان بار ئەڭ ئۈستىگە، بىرنچى ئورۇنغا قالدۇرىشىڭىز، ئىمكان بار پۈچەك سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەسلىكىڭىز كېرەك.
3.بلوگنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بېرىشمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتا.
ئەمدىكى ئالاھىدە نۇقتا سىز ئۆزگىچە بولغان قىياپەت يارىتىپ چىقىشىڭىز كېرەك، بۇ قىياپەتنىڭ بىرىنچىسى سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن كېلىدۇ، مۇكەممەللىككە ئىنتىلگەن تاشقى قىياپەت ،ئابونتچىڭىزنىڭ ئالدىدا نامايان بولغاندا ئۇ بۇرۇنقىدىن بىر نەچچە ھەسسە ۋاقتىنى سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈش بىلەن ئەمەس بەلكى بلوگىڭىزنىڭ سىرتىقى قىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئەڭ ئالاھىدەنۇقتا:تور سۈرئىتى، تور سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ،سىزنىڭ بلوگ يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرغان رەسىملەرنىڭ كۆپ بولىشى، نامۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن كودلارنىڭ كۆپ بولىشى،css نىڭ ياخشى تەڭشەلمىگەنلىكى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بلوگنىڭ كودىنى تاللىغاندا بىخەتەرلىكى يۇقىرىراق ،تېخنىكا قوللىنىلىشچانلىقى كەڭرەك بولغان بلوگلارنى، بلوگ سۇپىسىنى تاللاش بىلەن بىرگە سۈرئىتى تىزرەك بولغان مۇلازىمىتىرنى ياخشى كودقا يانداشتۇرۇش كېرەك،بلوگ ئۇسلۇبنى تاللىغاندا ئىمكان بار، ئاددىي، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلىيالىغۇدەك ئۇسلۇبلارنى تاللاش كېرەك.
4.رەڭنى مۇۋاپىق تاللاش كىرەك.
بۇمۇ بولىدىغان ئامال،بلوگنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندا ئىمكان بار ئادەمنىڭ كۆزىگە زىيان قىلمايدىغان يېنىكرەك بولغان رەڭلەرنى تاللاش زۆرۈر، ئەگەر بلوگنىڭ رەڭگىنى قىپقىزىل قىلىپ قويسىڭىز ،كۆرگەن ئادەمنىڭ كۆزى بىئارام بولۇپ شۇ ھامان بلوگىڭىزدىن چىقىپ كېتىشى ھەتتا ئىككىنچىلەپ كەلمەسلىكى مۇمكىن،شۇڭا رەڭ تاللاشمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بىر قانچە رەڭنى ماسلاشتۇرۇپ تاللىغاندا رەڭلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا پەرىققە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا رەڭ ماسلاشماي يەنىلا كىشىدە بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
5.كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
باياتىن [تەدبىركار بلوگى] دا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېما كۆردۈم ۋە سۆز ئارىلىقىدا مۇشۇ ھەقتە ئازراق گەپ قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم،
يۇقىردا مەنمۇ دەپ ئۆتتۈم،مەنمۇ بلوگچىلىقنى كۆچۈرمىكەشلىكتىن باشلىغان، كىيىن،كۆچۈرگەن بارلىق يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم، نېمىشقا ؟
ھەر ئىشنىڭ يولى بولىدۇ،بۈگۈن مەن سىزنىڭكىنى كۆچۈرسەم، ئەتە سىز مېنىڭكىدىن كۆچۈرسىڭىز، شۇنداق قىلىپ تور دۇنياسى يېڭى ئەخمەتخانغا ئايلىنىدۇ،بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە يازما پاخاللىقى كېلىپ چىقىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپالمايدىغان، بىر ئىزدىسە ئوخشاش نەرسىدىن نەچچە مىڭى ئالدىغا يىغىلىپ تۇرغان، مۇشۇنداق ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى شۇكى يازمىنى دەسلەپ يوللىغۇچىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى دەخلى -تەرۇزگە ئۇچرايدۇ،بۇنداق دېگىنىم سىزنى پەقەت كۆچۈرمەڭ دېگىنىم ئەمەس، كۆچۈرۈڭ لېكىن ئالدى بىلەن يازغۇچى ئاشۇ ئۇچۇرنى كۆچۈرۈشكە قوشۇلدىمۇ يوق، كۆچۈرۈشكە يول قويغان بولسا سىزدىن ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلدىمۇ يوق؟دېگەنلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ ئاندىن كۆچۈرۈڭ، ئەلۋەتتە ئېنگلىزچە ،خەنزۇچە ماتېرىياللار بولسا بۇنى تەرجىمە قىلالىسىڭىز ،تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ھەر قايسى قاتلامدىكى ئابونتچىلارنىڭ سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ ئەمەسمۇ......
مۇمكىن بولسا كۆچۈرمەڭ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادى يازمىلىرى بىلەن ئابونتچىلىرىڭىزنى تەمىن ئېتىڭ.
6.بلوگنى ئىزدەش ماتورىغا قوشۇشنى ئۇنتۇماڭ.
ھەممە ئادەمنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى بىۋاستە تور كۆرگۈچكە يېزىپلا زىيارەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، تورغا چىقىۋاتقان ماتېرىيال مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق بولغان ھەر بىر ئابونتچىغا نىسبەتەن، ئىزدەش ماتورى ئەڭ ياخشى قورال، شۇڭا سىز بلوگىڭىزنى ئىزدەش ماتورىغا قوشۇپ قويسىڭىز، سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى ئابونتچىغا كېرەكلىك ئۇچۇرلار ،ئىزدەش ماتورىنىڭ ياردىمىدەئابونتچىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ.
خوش يۇقىردا ئۆزەمنىڭ بلوگ يېزىشنى باشلىغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر توپلىغان تەجىربىىلىرمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتتۈم ،مەزكۇر يازما پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز-قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇڭا سىز بلوگگىر ياكى بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەڭ ئاۋۋال مەن يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ كىيىنكى ھەر قانداق ئىشىڭىزدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىپ، توغرا يول تېپىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ھۆرمەت بىلەن :سەھرالىق
Posted under: شىڭگىل پاراڭلار
评论
بلوگنىمۇ پات ئارىدا يېپيىڭى قىلىۋىتىمەن، يەنە پەتىلەپ كىلىپ تۇرارسىز....
بۇ پەقەت بىشىمدىن كەچكەن قىسمەتلەرنىڭ بىر قىسمى، بلوگ ياساشتىن باشقا ئىشلارمۇ بار ئىدى، ئۇنى كىيىنرەك يازماقچىمەن.بلوگنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم،سىزمۇ قوشۇپ قويارسىز!!!
ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز؟
http://marhaba11.blogbus.com/
77220585بۇ پىنگىۋىنىم، بولمىسا ئېلخەت ئىۋەرتسىلىمۇ بولىدۇ،bughra@sina.com بلوگنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم.
بارخان بلوگى
http://barhan88.blogbus.com/
http://filer.blogbus.com/5918585/resource_5918585_1282475326p.gif
ئىشقىلىپ مەنمۇ كۆنۈپ قالدىم، ئادەم كىرمىسە كىرمەي قويسۇن، بلوگ ئۆزەمنىڭ بولغاندىن كىيىن قويۇپ بېرىپ يىزىۋەرمەيمەنمۇ..شۇنداق ئەمەسمۇ...
مۇنبەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ، قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشقا قۇرۇق مۇلاھىزە قىلىپ ئولتۇرغاندىن، قولىمىزدىن كېلىدىغاننى قىلىپ تۇرمامدۇق،كونىلار<<ئات تاپقىچە ئىشەك مىن>> دەپ بىكار ئىيتمىغان.