ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەھرا بلوگىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى!
گەرچە ئوقۇش ئىشى شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ،بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئاز-تولا بىر نەرسە يىزىپ قويغۇم كەلدى، بەلكىم پاراڭ تاققا-تۇققا چىقىپ قىلىشى تەبئىي، شۇڭا توغرا چۈشىنەرسىلەر:
بۈگۈنكى پاراڭ مەخسۇس[google]توغىرلىق بولىدۇ،چۈنكى [bloGbus]تا يىڭىدىن كۆكلىگەن دوستلىرىمىزنىڭ پۇل تىپىشقا ئالدىراپ كىتىشى مىنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى،شۇڭا مەخسۇس مۇشۇ توغىرلىق كاللامدا پىشمىغان بىر تالاي پىكىرلەرنى ھەر قايسىڭلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن.
بلوگقا ئىلان قويغانلار بەلكىم بىلىدۇ ياكى بىلمەيدۇ[google adsense]پەقەت قۇرۇق ئىلانلا ئەمەس، بۇ ھەقتە تەكلىماكان بلوگى ئۆز ۋاقتىدا يوللىغان [كۈندە يۈز دوللار]نامىدىكى تېمىنى ئوقۇپ باققان بولساڭلار،مىنىڭ بۇيەردە يەنە سۆزلەپ ئولتۇرىشۇمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى،شۇڭا ئىلان قويۇپ پۇل تىپىۋاتقان، پۇل تاپماقچى بولۇۋاتقان بارلىق بلوگگىر دوستلارنىڭ سەمىگە سىلىپ قويىدىغىنىم ،ئالدىرىماڭ[google adsense]سىز ئويلىغاندىنمۇ قۇۋ،سىز تاش سانىسىڭىز[google adsense]نىڭ خىزمەتچىلىرى سۇ سانايدۇ،سۇ...
خوش، ئۇنداقتا ئىلاننى قانداق قويماقچى بولۇۋاتىسىز؟ھەممە يازمىنىڭ ئارىسىغا راسا قىستۇرۇپ زىيارەتچىلىرڭىزنى زىرىكتۈرمەكچىمۇ؟ياكى [ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ،سىز نەپ ئالغاندىن كىيىن....]دەپ يېرىم تەھدىت ئارلاشقان چىرايلىق سۆزلەرنى يەنە بلوگىڭىزنىڭ كۆرۈنەرلىك يىرىگە ئاسماقچىمۇ؟
مىنىڭ سىزگە بىرىدىغان سەمىمى تەكلىۋىم شۇكى،<< بۇخىلدىكى تەۋسىيەنى ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق توختىتىڭ!>>
بەزى دوستلار ماڭا بلوگقا قويغان ئىلانغا تىل كودى قوشۇپ قويۇڭ دەپ تەۋسىيە قىپتۇ،مەنمۇ ياق دىمىدىم، نىمىشقا؟ تىل كودى قوشسىڭىز تامامەن بولىدۇ، داڭلىق[月光]بلوگىدىمۇ بۇ توغرىسىدا ئازىراق پاراڭ بوپتىكەن، ئىمكان بار بلوگقا قويغان ئىلاننىڭ تىلىنى،سىزنىڭ زىيارەتچىلىرىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ تىلى بىلەن ئوخشاش قىلىڭ،سىز جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بولغاندىن كىيىن ،خەنزۇچە تىل كودى قوشسىڭىز بولىدۇ، بۇ ھەقتە[google adsense]مۇ تېخى بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى خىلاپ ئەمەس دەپ ئىنىق بىر نەرسە دىگىنى يوق، قوشمىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى سىز قوشۇڭ ياكى قوشماڭ،بەرىبر بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلغان زىيارەتچى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسا،ئىلانمۇ شۇ تىلدا كۆرۈنىدۇ،مىنىڭ يىڭى بايقىغىنىم [pin] نومۇرىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن،ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك جەدىۋەللەرنى توشقۇزىۋىتىڭ،بەلكىم مەن خاتا ھىس قىلغاندىمەن، [pin] نومۇرىنى توشقۇزۇپ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بلوگۇمغا سىناققا قويۇپ قويۇلغان ئىلان ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىلانىدىن، پۇللۇق ئىلانغا ئۆزگەردى،ئەلۋەتتە بلوگنى ئۇيغۇرچە يازغاننىڭ پايدىسى كۆپ،چۈنكى [google]تەرجىمانى تېخى ئۇيغۇر تىلىنى تەرجىمە قىلالمايدۇ،(قىلالىدى دىگەندىمۇ قىسمەن،بۇيەردە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ،بىكار ۋاقتىڭىز بولسا [google]نىڭ تەجىمە بېتىگە چىقىپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمانىغا ئازىراق ھەسسە قوشۇڭ، csئوينىغاندىن ساۋابى كۆپ)،دىمەكچىمەنكى سىز بلوگنى خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە يىزىڭ،ئاندىن ئىلان قويۇڭ،سىزنىڭ ئىلانىڭىزنىڭ ھەر چېكىلىشى كۆپ پۇلغا ياراپ كىتىشى ناتايىن، ئەقىللىق تورداشلار بەلكىم نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىغۇ دەيمەن، سىز ھالقىلىق سۆز[关键字]نى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!!!
ئەمدى مىنىڭ بلوگۇمدىكى [google adsense]غا يىڭىباشتىن نەزەر سېلىڭ، بولۇپمۇ يازما ئارىسىدىكىسىگە.
نېمىنى بايقىدىڭىز؟ ئەلۋەتتە باشقا بلوگلاردىكى ئىلانلارغا ئوخشىمايدۇ،سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي،مەن يازما كۆرۈنىدىغان قىسمىدىكى <<خەتكۈچ>>نى قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان، خەتكۈچتە ئاساسەن دىگۈدەك ئىنگىلىزچە خەتلەر بار، بەزىلىرى دەل رىۋايەتلەردىكى [google adsense] نىڭ يۇقرى باھالىق ھالقىلىق سۆزلىرى،لىكىن بۇلارنى تېخى يازما ئىچىگە كىرىشتۈرۈپ يازمىدىم، چۈنكى مۇۋاپىق كىلىدىغان ماقالە يوق.
يەنە بىر يىڭى بىلىم، ھالقىلىق سۆزنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىڭ،سىز ئىشلەتكەن ھالقىلىق سۆز [google adsense] بولسۇن ،مۇشۇ ھالقىلىق سۆزنى ئىشلەتكەندە ماڭا ئوخشاش تىرناق ئىچىگە ئىلىڭ،ئاندىن كىيىن،ھالقىلىق سۆزنى چۆرىدەپ بىر قانچە جۈملە يىزىڭ، مۇمكىنقەدەر تەبئىيرەك بولسۇن،
مەسلەن: [nokia 3230]تىلىفونى ھەقىقەتەن ئالامەت،ئۇنىڭ تىلىفون قوبۇللىغۇچىسىنىڭ پەيزىلىكىدىن،سىز پاراڭلىشىۋاتقان دوستىڭز خۇددى يىنىڭىزدا تۇرۇپ، سىزگە گەپ قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىسىز....دىگەندەك.
ئاپلا توك ئۆچۈپ قالدى، لەپتوپۇمنىڭ باتارىيىسى قالمىغاندەك قىلىدۇ،شۇڭا بۇ قىتىمقى كەچكى بەزمە يەنە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بولدى، تورداشلار، بۇ ماقالە باياتىن بىرەيلەننىڭ بلوگىنى كۆرۈۋىتىپ كەلگەن تاساتتىبىي ئىلھامدىن پايدىلىنىپ يازغان ،چوڭ مىڭىنىڭ تاسقىشىدىن ئۆتمىگەن تاققا-تۇققىلار، داۋامى يەنە يوللىنىدۇ.كىيىنكى قىسىمدا كۆرۈشەيلى!!!
评论