Skip to Navigation Skip to Content

يىڭى يۈزلىنىش،يىڭى ئۇسلۇب

بلوگباس يىڭى ئۇسلۇبى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆزلەشتۈرۈلدى

تۈنۈگۈن كەچ 12 يىرىملەردە بلوگدا بۇيىلقى ئەڭ ئاخىرقى ئۇسلۇب ئۆزگەرتىشنى تاماملىدىم،(ھازىرچە %80) بلوگنىڭ ئۇسلۇبى  تېخىمۇ يىقىملىق تۈسكە كىردى، تەڭشەپ بولۇپ ئۆزۈممۇ بىر ھازا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم...

بۇ قىتىم سەھرا بلوگىدا بولغان ئۆزگىرىشلەر:

1- سەھرا بلوگ ئالدىنقى قىتىم پىرىستان ئەپەندى تارقاتقان ھەقسىز ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندىن كىيىن، كەمىنە ئۆزۈم قول سىلىپ بىر تال ئۇسلۇب ياساپ باقماقچى بولدۇم،بۇ قىتىمقى سەھرا بلوگ  ئۇسلۇبى ۋوردپرەس ئۇسلۇبىنىڭ نادىر ،يىقىشلىق ئۇسلۇبلىرىدىن بىرى بولغان  dFlover ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلىپ ياساپ چىقىلدى، بۇ جەرياندا بىزنىڭ بلوگ پىشۋالىرىمىزدىن دۇنيا قارا، تارىم قاتارلىق بلوگگىرلار بۇرۇن تەمىنلىگەن ئۇسلۇب ياساش ۋە تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى تېمىلاردىن پايدىلىنىلغاندىن سىرىت پىرىستان ئەپەندى تەمىنلىگەن بەزى كودلارنىمۇ ئىشلەتتىم.

ئەسلى ۋوردپىرەس بلوگ ئۇسلۇبى بۇيەردە http://dflower.dezinerfolio.com/

2-بۇ قىتىم مىنىڭ ئۇسلۇبنى مۇشۇنچىلىك ھالەتكە ئەكىلىشىمدە يەنە بىر مۇھىم شەخىس بار ئۇ بولسىمۇ 万恶ئەپەندى، گەرچە ئوقۇش ئىشى شۇنچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ،ئۇ يەنىلا مەن قاچان ياردەم سورىسام شۇ چاغدا دەرھال تورغا چىقىپ، مىنى تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىدى ھەم يىتەكلىدى، ئۇ بولغاچقىلا بلوگۇم بۈگۈنكىدەك چىرايلىق تۈسكە كىردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 万恶ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.

3-  بۇ ئۇسلۇبنى ياساش جەريانىدا قانچىلىك جاپا چەككىنىمنى  دىمىسەممۇ بولار، ھەر ھالداجاپا چەككەنگە لايىق مۇشۇنچىلىك قىلالىدىم،شۇڭا ھەرقايسى زىيارەتچى دوستلارنىڭ بلوگۇمنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا خاتالىق بايقىسا ماڭاخەۋەر قىلىپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن تىز پۇرسەتتە خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، كۆرۈرمەن دوستلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشتۈرىمەن.

ئۇسلۇب كودى ھازىرچە گوگىل تور كۆرگۈسى،ie6،ie7،ie8 ئاتەش تۈلكە  قاتارلىق تور كۆرگۈلەردە ئاساسەن نورمال كۆرۈنىدۇ، ئەگەر سىز نورمال كۆرەلمىگەن بولسىڭىز، تىزدىن ماڭا خەۋەر قىلىپ قويۇڭ!

4- (تەييار نانغا ئامراق  بەزى دوستلارغا) مەزگۇر ئۇسلۇب پەقەت سەھرا بلوگ نىڭ ئىشلىتىشىدە، باشقا بلوگلارغا ھەر قانداق ئۇسسۇل ئارقىلىق تەمىنلەنمەيدۇ(ئەگەر ئاپتوبۇستا تونۇش باشقۇرغۇچىلىرىڭىز بولۇپ، شۇ يەردىن ئىلىۋالسىڭىز مەن قارشى ئەمەس).

بلوگنىڭcss ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپلا قاپلىۋەتسەم بولامدىكى دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇ قىتىم كود يىزىش جەريانىدا ،بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب ئۈستىگە بىۋاستە قاپلاپ ياساش ئۇسۇلىنى بايقۇت قىلىپ ،كۆپ ساندىكى كودلارغا js كودى ماسلاشتۇرۇلدى، شۇڭا ئۇسلۇب ھۆججىتىگە ئىرىشمەكنى  ھازىرچە ئويلاشماي تۇرۇڭ..

5- بلوگنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ،دوستانە ئۇلانما بىتىدىكى بەزى ئۇلىنىشلار خەتلىك ئۇلىنىشقا ئالماشتۇرۇلدى،ئەگەر رازى بولمىسىڭىز ئېنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن ئامال قىلىپ ،سىز رازى بولغۇدەك تەڭشەپ قويىمەن.

ھازىرچە بولغان ئۆزگىرىشلەر مۇشۇنچىلىك داۋامى يەنە يوللىنىدۇ، كەڭ زىيارەتچى دوستلارنىڭ بلوگۇمنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا تەكلىپ- پىكىرنى ئايىماي بىرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

分享到:
Posted under: بىلدۈرگۈ

    评论

  • ئەمما ئۇسلۇب چىرايلىق چىقىپتۇ،ماۋۇ ئىنكاس رايونى نورمالسىز!
    سەھرا回复ئۇيغۇربەگ说:
    ئىنكاس رايونىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ھەققىدەئىزدىنىۋاتىمەن،چۈنكى بۇ بۇرىنقى بلوگباس ئۇسلۇبلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلدا سىناپ باقسام قاملاشمىدى...
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا بۇرادىرىم. پات-پات يوقلاپ تۇرارسىز!!!
    2010-11-10 15:42:20
  • سەھرا ئەپەندىم سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئەجگپ چەتنىڭ ئىلانلىرى كۆرۈنۈپتىغۇ بۇنىمە ئىش بىزگىمۇ دەپ بىرىڭە شۇنداق ياخشى ئۇسۇللارنى
    سەھرا回复بايلىق说:
    ئىلان توغرىسىدا مەخسۇس يازما ئىلان قىلىمەن، قەدىمىڭىزگە مەرھابا ،دىققىتىڭىز داۋاملىق بلوگۇمدا بولسۇن
    2010-11-10 15:40:23
  • بەت ئاستىدىكى رھسڭملىك ئۇلەنما خاتا!
    ئەسەر ئىچىدىكى ئلان خاتا
    بولسا خوم دىگاندەك يەرلارنى ئويغۇرچە بولسا````
    سەھرا回复خارەبە说:
    تەكلىۋىڭىزگە ھەشقاللا،بەت ئاستىدىكى رەسىملىك ئىلان قىسمىنى تېخى تەڭشىمىگەن،ئەسەر ئىچىدىكى قايسى ئىلاننى كۆزدە تۇتتىڭىزكىن؟
    2010-11-10 09:22:30
  • بەت ئاستىدىكى رھسڭملىك ئۇلەنما خاتا!
    ئەسەر ئىچىدىكى ئلان خاتا
    بولسا خوم دىگاندەك يەرلارنى ئويغۇرچە بولسا````
  • ھەقىقەتەن ئۆزگەىچە چىقىپتۇ، مۇمكىن بولسا ، يەنە باشقا شەكىلدىكى ئۇسلۇبلارنى تەرجىمى قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق...ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي
    سەھرا回复شەخىس说:
    پات-ئارىدا بۇرۇندىن يىغىپ قويغان ئۇسلۇبلارنى، ھەم ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ،تىخىئىشلەتمىگەن ئۇسلۇبلارنى بىراقلا تارقاتماقچى، نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگۇمدا بولسۇن، قەدىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!
    2010-11-10 00:29:28
  • نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كەم دىدار بوپقىلۋىدىڭىز مان پەچەت بىر ئۇسلۇبنى تەييارلاپسىزدە.
    سەھرا回复بارخان说:
    شۇنداق، ئوقۇش ئىشىممۇ ئالدىراش بوپ قالدى،شۇڭىلاشقا بلوگنى ۋاقتىدا يىڭىلىيالمايۋاتىمەن،كەلگەن قادىمىڭىزگە مەرھابا!!!
    2010-11-07 23:18:32
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يېڭى ئۇسلۇبىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. ئۇسلۇبىڭىز ھەقىقەتەن ئۆزگىچە چىقىپتۇ.


    سەھرا回复شەمسى说:
    بلوگۇمغا باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا، پىكىر-تەكلىپ بولسا ئايىمىغايسىز!
    2010-11-05 00:59:03
  • چىرايلىق ياساپسىز تىخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم بىنۇرمال يەرلەر تىمىنىڭ ئىشمى بىنۇرما ل ئىنكاس يىزىش ئورنى ئۈستى ۋەخەتلەر بىنۇرمال
    سەھرا回复بايلىق说:
    تېما خەت نۇسقىسى ئالمىشىپ قاپتۇ، تۈزىتىلدى... ئىنكاس رايونىنىڭ كودىنى پىرىستان ئەپەندىم تەمىنلىگەن ئۇسلۇبنىڭ كودىدىن ئالغان، بەزى يەرلىرى تازا قاملاشماي، مۇشۇنى قويۇپ تۇردۇم، ھازىرلا بۇ يەرنىمۇ ئوڭشايمەن.
    2010-11-03 19:17:22
  • بۇمۇ ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ داۋاملىق يىڭى يىڭى ئۇسلۇپلارنى تەرجىمە قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن
    سەھرا回复سابا说:
    قەدىمىڭىزگە مەرھابا، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىمەن، يازمامغا تۇنجى بولۇپ ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، خاتالىق بايقىسىڭىز ئىنكاس قىلىپ قويارسىز
    2010-11-03 17:29:29