Skip to Navigation Skip to Content


بلوگ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بلوگۇمنى يىتىمسىراتماي يوقلاپ تۇرغان بارلىق زىيارەتچىلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،بىلوگ ھەققىدە كىچىككىنە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماقچىمەن.
 سەھرا بلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ، قىلچە خاسلىق بولماي كەلدى، بەزىدە باشقىلارنىڭ تىمىسىنى ئوغىرلاپ كۆچۈردۈم، بەزىدە كۆڭلۈم نىمە خالىسا شۇنى يوللاپ قويدۇم، يەنە بەزىدە كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەننى ...... دىگەندەك قىلىپ ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگۈچە، بلوگنىڭ تەقدىرى نىمە بولار دەپ ئويلىمىدىم، مەندىن كىيىن قۇرغان بلوگلار ئالدىمدا ئۈزۈپ كەتتى ، لېكىن مەن يەنىلا ......................
 بۈگۈندىن باشلاپ بلوگدىكى ئۆزۈم بىۋاستە قول سېلىپ تەرجىمە قىلغان ماقالىلەردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈپ تاشلاندى ، بۇندىن كىيىن بلوگ مەزمۇنى پەقەت ئۆز كەسپىم بولغان رەسساملىق بىلەن  تۇرمۇشۇمدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان بەزى خاتىرىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. شۇڭا كەڭ بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى سورايمەن .
بۇنىڭدىن كىيىنمۇ كونا دوستلارنىڭ بلوگنى تاشلىۋەتمەي داۋاملىق يوقلاپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ ھۆرمەت بىلەن :
سەھرا

分享到:
Posted under: بىلدۈرگۈ

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
  • بلوگدىكى باشقا ماقالىلەرنى يۇشۇرۇپ قويدىڭىزمۇ ياكى ئۆچۈرۈپلاۋەتتىڭىز مۇ؟
    سەھرا回复PRISTAN说:
    مۇناسىۋەتسىز يازمىلارنى ئۆچۈرىۋەتتىم، ئەسلىگە كەلتۈرسەممۇ بولاتتى، لېكىن بلوگ پاخالچىلىقى ھىلىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ئەمەسمۇ؟
    ۋاقىت چىقىرىپ غىرىبانە كۆلبەمگە كەلگىنىڭىزگە رەھمەت!!
    2010-06-23 20:19:24
  • ئككىمىزنىڭ كەسپى بىركەن...منەنمۇ گۈزەل سەن.ەت ئوقۇغان....ھازىر ئجادىيەت ئۈستىدە ئزدىنىۋاتىمەن

    بلوگىم: http://seidiye.blogbus.com
    سەھرا回复seidiye说:
    بلوگنى يوقلاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇرۇن سەئىدىيە مۇنازىرە تورى بار ۋاقىتتا يەركەندىن نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشقانمەن،( 2006- يىلى ئىدى)، كىيىن تور بەت تاقىلىپ قېلىپ ئالاقە قىلالماي قالدىم، مۇمكىن بولسا بۇندىن كىيىن ئكز-ئارا ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىمىزنى قوللاپ ئۆتسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن.
    2010-06-09 22:02:27
  • ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز ، بلوگىڭىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ ، بلوگلار ئىچىدىكى يۇلتۇز بولۇپ چاقنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ! ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى قوللايلى !
    سەھرا回复Xadlik说:
    بىر-بىرىمىزنى قوللاپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى ! يەنە كەپ تۇرارسىز
    2010-06-04 17:38:23