-
بلوگقا ئىستستىكا كودى قويۇپ قويغان ئىدىم، قارىسام بۈگۈن بلوگنىڭ PR قىممىتى 2گە چىقىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ھەم خوشال بولدۇم، ھەم بەكلا ھاياجانلاندىم، نىمىشقا؟
چۈنكى ئۇزۇندىن بىرى تاشلىنىپ قالغان بلوگنى ئەمدىلا يىزىشقا چۈشكەندە ،زىيارەت ساننىڭ ئاشقانلىقى بىر تەرەپتىن مىنى خوشال قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا تېخىمۇ ئىغىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۈرماقتا ئىدى، داۋاملىق كونا نەرسىلەر بىلەن بلوگ زىيارەتچىلىرىمنى زىرىكتۈرسەم بولمىغىدەك، شۇڭا بۇندىن كىيىن ۋاقىتنى كۆپىرەك قەدىردانىمنى يوقلاشقا سەرىپ قىلسام بولغۇدەك دىگەن قاراشقا كەلدىم، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى ماڭا خاسلىققا ئىگە بىر نەرسە يىزىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى، لېكىن مەن قۇلاق سالماي ئۆزۈم بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈردۈم، ئاخىرى نىمىنىڭ ھەقىقى خاسلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىمدە، بلوگۇمنىڭ بوسۇغىسىنى بىراۋ دەسسىمەس بولغان ئىدى. خەيرىيەت، ئۆتكەنگە سالاۋات<< ئاستا ماڭسىمۇ توختاپ قالماسلىق>> كىرەكقۇ ئاخىر. يىقىلغان يىرىمدىن دەس تۇراي، شۇندىلا ھەقىقى مەن بولىمەن. ھەقىقى<< سەھرالىق>> بولىمەن.
收藏到:Del.icio.us
评论