ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سەھرا بلوگىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى، كەڭ بلوگگىر دوستلار! ئون نەچچە سائەت جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق،سەھرا بلوگى يىڭى ئۇسلۇبقا كۆچتى، بۇ جەرياندا، بلوگ يازغۇچىسى بولمىش مەن ۋە جاپاكەش دوستۇم مەۋلانجان ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتتۇق، بلوگنىڭ بىر ئۇسلۇبىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەرجىمە قىلىش، تەڭشەش ھەقىقەتەن جاپالىق ئىش ئىكەن. بلوگ ئۇسلۇبى تارقاتقان مھنەتكەشلەرنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن. ئەمدى بلوگنىمۇ ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ بولدۇم،تەڭشەيدىغان ۋە قوشىدىغان بىر قىسىم كودلار يانا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.بۇنىمۇ ئاستا -ئاستا قىلىۋالارمەن(بەش قولنىڭ ھەممىنى تاڭلا ئىغىزغا تىققىلى بولمايدىكەن). بلوگ يېڭى ئۇسلۇبقا كۆچكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن،كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە تۈۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ئۇقتۇرماقچىمەن: 1.مەزگۇر ئۇسلۇب پەقەت سەھرا بلوگىدا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇسلۇبنى كۆرگەندىن كىيىن زىيارەتچى دوستلارنىڭ ئۇسلۇب تەمىنلەش ھەققىدە پاراڭ قىلماسلىقلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن،ئۇسلۇب تەمىنلەش- تەمىنلىمەسلىك ھەققىدە كىيىن ئايرىم توختىلىمەن. 2.مەزگۇر ئۇسلۇب مەن ۋە دوستۇم مەۋلانجان بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇب بولۇپ ،باشقا ئوخشاس پاسۇندىكى ئۇسلۇبلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمە ئېگىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇسلۇبنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھوقۇقى مەندە. ئەتە خۇدا بۇيرىسا بلوگنى يەنەبىر قېتىم رەتلەش بىلەن بىرگە ھەر قايسى بالا سەھىپىلەر تەرتىپكە سېلىنىدۇ، يېڭىدىن دوستانا ئۇلانمىلار قوشۇلىدۇ، شۇڭا كەڭ بلوگگىر دوستلار ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بلوگلىرىنى دوستانە ئۇلانما قىلىۋىلىشلىرىنى سورايمەن. بلوگنىڭ ۋەدىسى يەنە بۇرۇنقىدەك ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىدىغان، ياكى تەڭشەيدىغان ۋەياكى باشقا جەھەتتىن سورايدىغان سۇئالىڭىز بولسا تۈۋەندە ئېلخەت ئادىرىسىمنى قالدۇرىمەن،ئېلخەتكە ياكى پىنگىۋىنىمغا خەت قالدۇرسىڭىز، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمەن. سورايدىغان يەر بولسا مەنمۇ سورايمەن. ھەمكارلىقىمىز ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقۇسى!!!!!! ئېلخەت: bughra@sina.com bughra@live.com
|
ماقالە يارىدىمۇ؟ ئەمىسەداپ مەندىن سەنەم سىلىدن كەلسۇن!!
评论