ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىر يىگىت يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئىستىقبالىنى ياراتماقچى بوپتۇ، ئۇ يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆز ئۇرۇقىنىڭ ئاقساقىلىنى ئالايىتەن يوقلاپ كەپتۇ،ھەمدەئۇنىڭدىن ئۆزىگە يول كۆرسىتىشنى ئىلتىجا قىپتۇ،ئۇرۇق ئاقساقىلى ئۇچاغدا ھۆسىنخەت يېزىشنى مەشىق قىلىۋاتقان ئىكەن،شۇنداق قىلىپ ئاقساقال ئۇنىڭغا <<قورقما>> دېگەن خەتنى يېزىپ بېرىپتۇ،ئاندىن بىشىنى كۆتۈرۈپ: ھاياتنىڭ سىرىنى ئىككىلا سۆز بىلەن خۇلاسىلىگىلى بولىدۇ،مەن ساڭا ئاۋۋال بىرنى بېرەي،بۇ ساڭا يىرىم ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ -،دەپتۇ.
ئوتتۇز يىلدىن كىيىن يىگىت بەزى مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ يولۇقۇپتۇ، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ،يەنە ئاقساقالنى ئىزدەپتۇ،ئەمما ئاقساقال بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن،ئۇنىڭ بالا چاقىلىرى بىر كونا كونۋېرتنى چىقىرىپ يىگىتكە بېرىپتۇ-،ۋە ئۇنىڭغا:
-بۇنى بوۋاي ھايات ۋاقتىدا سىزگە قالدۇرغان ئىدى،ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ! دەپتۇ.
يىگىت كونۋېرتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىچىپ قارىسا ئىچىدىكى قەغەزگە<<ئۆكۈنىمە>> دېگەن بىرلا سۆز يېزىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
شۇنداق ھاياتتا ئوتتۇزياشقا كىرىشتىن ئاۋۋال قورقماسلىق كېرەك،ئوتتۇز ياشقا كىرگەندىن كىيىن .ئۆكۈنمەسلىك كېرەك
Posted under: ئەدەبى ئەسەرلەر