سېھتار چالىدىغان بىر ئەما ئۆمرىدە يېڭىۋاشتىن يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بوپتۇ،بىر كۈنى بۇ سىھتارچى بىر تەرىقەتچى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، تەرىقەتچى ئۇنىڭغا:
-مەن سىزگە كۆزىڭىزنى جەزمەن ساقايتالايدىغان بىر رىتىسىپنى بىرىمەن،ئەمما بۇرىتسىپنى مىڭ تال تارىنى چېكىپ ئۈزۈۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن ئاچىسىزبۇنىڭدىن ئىلگىرى رېتسىپ مەنپەئەت قىلمايدۇ ،-دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن سىھتارچى ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان شاگىرتنى .ئەگەشتۈرۈپ جاھان كېزىپتۇ،ئېغىر -بېسىقلىق بىلەن ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ تىرىكچىلىك قىلىپتۇ!
يىللار بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋىرىپتۇ، سىھتارچى مىڭىنچى تارىنى چېكىپ ئۈزىۋەتكەندە تاقەتسىزلىك بىلەن يېنىدىكىلەرگە ھىلىقى رىتىسىپنى ئوقۇتماقچى بوپتۇ، ئۇنىڭ يىنىدىكىلەر رېتسىپقا بىر قاراپلا:
-بۇ بىر قۇرۇق قەغەز ئىكەن،ئۇنىڭدا بىرمۇ قۇر خەت يوق ئىكەن،- دەپتۇ.
سىھتارچى بۇگەپنى ئاڭلاپ بىردىنلا يىغلاپ كېتىپتۇ،ئۇ<<مىڭ تال تارىنى چېكىپ ئۈزىمەن>>دەيدىغان مۇشۇنداق بىر<< ئۈمىت>>تە ئەللىك ئۈچ يىل ياشىغان ئىكەن....
بۇ ئەما سىھتارچى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارلىماپتۇ،ئەكسىنچە بۇقەغەزنى ئۆزىگە ئوخشاشلا يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇۋاتقان ھىلىقى شاگىرتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.

Posted under: ئەدەبى ئەسەرلەر