شىمالدىكى مەلۇم بىرشەھەر ،تاڭ سەھەر ۋاقتى،سۇ چىچىش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى ماشىنىسىنى ئالدىرىماي ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى،
ماشىنىدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە،تاڭ ئالدىدىكى كوچىلار يۇيۇلماقتا،ئۇيقۇسىدىن ئويغانماقتا ئىدى.
شوپۇر توساتتىن نۇر قايتۇرۇش ئەينىكىدە بىرسىنىڭ گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى،ماشىنا بىر قانچە كوچىدىن ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ھىلىقى ئادەم خۇددى سايىدەكلا ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن توختىماي ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى، شوپۇر سىنچىلاپ قارىۋىدى، ئۇ بىر ئەبجەق ۋېلسىپىتنى مىنىۋالغان ئوغۇل بالىكەن. شوپۇر ئۇنىڭ بۇنداق ئەگىشىپ كىلىۋىرىشىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى. ئۇ تۇيۇقسىز ماشىنىنى توختىتىپ كابىنكىدىن سەكرەپ چۈشتى، بالا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالمىدى، ئۇ جىددىيلەشكەنلىكتىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.
- سەن نېمە قىلماقچى؟دەپ سورىدى شوپۇر قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭدىن، شوپۇر ئۇنى بىرەر باھانە سەۋەپ كۆرسىتىدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدى لېكىن بالا دەل ئەكسىچە بىشىنى تۆۋەن سېلىپ جىمجىت تۇرۇپ كەتتى، بىرھازادىن كىيىن بالا بىشىنى ئاستا كۆتۈردى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياشلار لىغىرلاپ تۇراتتى.
ئەسلىدى ئۇ ماشىنىدىن چىقىۋاتقان مۇزىكىغا قىزىقىپ مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن،چۈنكى بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن،ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى............
شوپۇر بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۈندىمىدى، ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن بالىنىڭ بىشىنى سىلىدى، بايىقى قوپاللىقلار ئەمدىلىكتە ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن، بالىنىڭ ئەبجەق ۋېلسىپىتنى يولنىڭ چېتىگە قويۇپ ،بالىنى ماشىنىغا چىقاردى.
ماشىنا يەنە قوزغالدى، شەھەرنىڭ مەلۇم كوچىسىدا، مۇشۇنداق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە،بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بىر مۇزىكا ياڭرىماقتا ئىدى،ئۇ دەل تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،دېگەن مۇزىكا ئىدى.
收藏到:Del.icio.us

Posted under: ئەدەبى ئەسەرلەر
评论
قارىغاندا blogbusنىڭ مۇلازىمىتى ياخشى ئوخشايدۇ