ئالامىتى:
تال ساھەسىدە يېقىمسىزلىق بولىدۇ. بىمار كەم ماغدۇر، كەم قان بولۇپ، قورسىقى ئاچمايدىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ. تۇتۇپ كۆرگەندە بەزىلەرنىڭ تېلى چوڭايغان بولىدۇ.
داۋاسى:
سەۋەپچى بولغان ئاساسسىي كېسەلنى داۋالاش، مۇمكىن بولسا قۇستۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرۇپ ئۇرۇقى، زاغۇن، سېرىقچېچەك ئۇرۇقلىرى ھەسەل قوشقان سىركە سۈيى بىلەن ئىچكۈزىلىدۇ. ئاندىن كېيىن سىركەنجىۋىل بۇزۇرى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ئىشتىھانى ئاچقۇچى باشقا دورىلارنىمۇ بېرىش كېرەك. تال چوڭىيىش ۋە قان ئازلىق ئەھۋاللىرى بولسا، تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چارە قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.