تال ئادەمنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان بىر ئەزا بولۇپ، بۇ گۆشتىن ھاسىل بولغاندۇر. تالدا كۆك قان، قىزىل قان تومۇرلىرى بار. تال ئاشقازانغا چاپلاشقان ھالەتتە تۇرىدۇ. تالنى يۆگەپ تۇرغان پەردە تالغا سەزگۈ پەيدا قىلىدىغان پەردىدۇر، تالدا جىگەر تەرەپكە ئېچىلغان بىر نەيچە بولۇپ، جىگەردىن سەۋدانى (قۇرۇق سوغۇق سويۇقلىقى)نى تارتىپ تۇرىدۇ. تالنىڭ ئىچىدە ئاشقازانغا بارىدىغان بىر تۆشۈك بار بولۇپ، بۇ نەيچە تومۇر ئارقىلىق ئاشقازانغا سەۋدا تۆكۈلۈپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى يولغا توسالغۇ چۈشسە مالىخۇلىيا (ساراڭ)، جۇزام، بەھەق، دائىل پىل قاتارلىق سەۋداۋى (قۇرۇق سوغۇق) كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. ئەگەر جىگەرنىڭ سەۋدانى تالغا ئۆتكۈزگۈچى يولىغا توسالغۇ چۈشسە، تالغا سەۋدا بارالمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تال ئىششىيدۇ ھەم تاماققا ئىشتىھا بولمايدۇ. ئەگەر تالدىن ئاشقازانغا سەۋدا كۆپ مىقداردا بارسا ئىت ئاچلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر تالدىن ئاشقازانغا سەۋدا كەم بېرىپ قالسا، كۆڭۈل ئاينىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھەددىدىن زىيادە سەۋدا ئاشقازانغا قويۇلسا، قەي پەيدا قىلىدۇ. چۈچۈمەل سۇ ياندۇرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.