مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1053 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە سەپرانىڭ (قۇرۇق ئىسسىق) غالىپلىقىدىن پەيدا بولىدىغان چاچ چۈشۈشنى داۋالاش


خام سەپرانى پىشۇرغۇچى مۇنزىج بىلەن زىيادە سەپرانى تازىلىغۇچى مۇسھىل بېرىپ مىزاج تۈزىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق ياكى قۇرۇق سوغۇق يېمەكلىكلەردىن چەكلەپ بەدەننى ھۆللەشتۈرىدىغان ۋە قىزىقلىقىنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىك بىلەن دورىلار بۇيرۇلىدۇ. باشقا ئاۋۋال قىزىتىلغان سىركە بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزىلىدۇ. كېيىن سىركىنىڭ زەھىرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن گۈل يېغى سۈركىلىدۇ. چاچنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىنى توسۇش ئۈچۈن گۈڭگۈرت پوقى تالقىنىنى زەيتۇن يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپباشقا چېپىلىدۇ. پىندۇق كۈلىنى كونا سىركىگە چىلاپ باشقا چېپىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى چارىلەرنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، لاچىندانىنى كۈنجۈت يېغىدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا شىۋىق گۈلىنىڭ تالقىنىدىن مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چېپىلىدۇ ۋە لالىگۈل بىلەن كېپەكنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن باش يۇيۇلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.