ئالامىتى: كېسەل كىشىنىڭ چىرايى قارىغا مايىل كۆكۈش بولۇپ قالىدۇ، تىلى كۆك بولىدۇ. قورقۇنچاق، غەم-ئەندىشە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سۈيدۈكى كۆكۈش بولىدۇ، سول يېنىنى بېسىپ ياتالمايدۇ، تال بار جاينى باسسا ئاغرىيدۇ. ئىشتىھا بولمايدۇ، ھۆ بولىدۇ. بەزىدە قان قۇسىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدىكى تومۇر توسۇلۇپ قېلىپ سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق سۇيۇقلۇقى) تالغا كەلمىگەندىن ياكى تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى يول توسۇلۇپ قالغاندىن ئىششىيدۇ.
ئىلاجى: سىركەنجىۋىل بوزۇرى، دىنار شەربىتى، ھەببى سەبرى، قۇرسى ۋەرد، شارابى تىيىن بېرىش ياخشىدۇر.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.