مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 806 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئالامىتى: تال ساھەسى ئېسلىپ، بەزىدە تېلىپ ئاغرىيدۇ، بېسىپ تۇرسا ئارام بېرىدۇ. قورساق ساھەسىدە غۇر-غۇر ئاۋاز پەيدا بولىدۇ. بۇ خۇددى قۇلۇنجىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئالىقان، تاپان قىزىيدۇ، ھۆ بولىدۇ. بەزىدە قان قۇسىدۇ. تېرىلىرى كېپەكلىشىدۇ، بەدەن ئورۇقلايدۇ، قورساق يوغىنايدۇ، تال چوڭايسا، نەپەس قىستايدۇ، تال كىچىكلىسە، بەدەن سەمرىيدۇ. تال كېسەللىكلىرى كۆپىنچە سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) ياكى قاندىن بولىدۇ. 


ئىلاجى: تال يەللىكىگە كۈچلۈك ئاچقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. 


سىرتتىن گۈڭگۈرت يېغى، تەنكار تېڭىلىدۇ. يېيىش ئۈچۈن سىركەنجىۋىل بوزۇرى، شارابى سۇنبۇل قۇرسى كىبرىد، داۋائى جىنتىيانا بېرىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.