مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 843 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بەدەن قىزىتمىسى ئۆرلەپ كېتىپ، ئۇزاق مۇددەت چۈشمىگەنلىكتىن قىزىل قان تومۇرى (شىريان تومۇر) دا قان جۇغلىشىپ، جىگەر دارۋازىسىدىكى كۆك قان تومۇرىنى بېسىپ قويىدۇ-دە، كۆك قان تومۇرىدا قان جۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزگەك كېسىلىنىڭ زەھەرلىرى تال ھۈجەيرىلىرىنى زەخىملەندۈرگەنلىكتىن قان قويۇلىدۇ. تالغا زەربە يېتىش، ئاياللاردىكى ھەيز توسۇلۇش قاتارلىقلارمۇ بۇ كېسەلگە سەۋەپ بولىدۇ. 

ئالامىتى:

تەكشۈرۈشتە تال ئۆز ھەجىمىدىن بىر ئاز يوغىنىغانلىقى بىلىنىدۇ ۋە قاتىدۇ، باسقاندا ئاغرىيدۇ. بەدەننىڭ رەڭگى قارامتۇل بولىدۇ. كىچىككىنە سەۋەبلەردىنلا قان چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ياكى تالدا يىرىڭلىق جاراھەت پەيدا بولىدۇ.

داۋاسى: بۇ كېسەلنى داۋالاشتا جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقىنى داۋالاشتا قوللانغان بارلىق چارىلەرنى قوللانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ مۇجەررەپ نۇسخىسىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. تۇرۇپ سۈيىدىن بىر گىرام ئېلىپ ، 24 گىرام سىركەنجىېىل بۇزۇرى بىللە ئىچىلىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.