مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1009 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ياش تۇرۇپ باشنىڭ چوققا قىسمىدا چاچ چۈشۈش، ئورنىغا چاچ چىقماسلىق ئۇيغۇر تىلىدا <سىدام باش> ياكى <تاقىر باش> دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىك كۆپرەك ئەرلەردە ئۇچىرايدۇ. ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ بەدىنىدە ھۆللۈك كۆپ بولغاچقا ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.


سەۋەبى: 

بەدەندىكى ھۆللۈك ئازىيىپ قۇرۇقلۇق ئاشقاندا چاچ تۈۋى (يىلتىزى) گە بارىدىغان ئوزۇقلۇق ماددا كەم بېرىش ۋە باش تېرىسىنىڭ ئوزۇقلىنىش، ئوزۇقلۇقنى تارتىپ ئېلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق قابىلىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن چاچ چۈشۈپ، ئورنىغا يېڭى چاچ چىقماسلىقتىن پەيدا بولىدۇ. ئاق تەنلىكلەرنىڭ ۋە ياكى ئاق سېرىق كىشىلەرنىڭ تېرىسى بوش بولغانلىقتىن، سىدام باشلىق كېسسىلى ئاق تەنلىك ياكى ئاق سېرىق كىشىلەردە قارا تەنلىك ياكى بۇغداي ئۆڭلۈك كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ھاراق، تاماكا ۋە نەشە قاتارلىق ئىچىملىك-چېكىملىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قېتىمىنىڭ كۆپ بولۇشى، باشقا قېلىن نەرسە كىيىپ بېشىنى شامالداتماسلىق ۋە قۇرۇق كەيپىياتلىق يېمەك-ئىچمەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى بولىدۇ. 


ئالامىتى: 

يېنىكرەكلىرىدە چاچ شالاڭلىشىش بىلەن باش چوققا قىسمىنىڭ ئالدى تەرىپى تاقىرلىشىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا باشنىڭ تۆپىسى ھەتتا گەجگىگىچە چاچ چۈشۈپ، باش قىزغۇچ پارقىراق ۋە سىلىق تۈسنى ئالىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.