ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-08-11
ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/72541165.html
مۇھەممەد رەھىم شېئىرلىرىدىن
مەيلى دەيتتىم، گەپمۇ قىلمايتتىم
قارچۇغىنى قۇرغۇي دېسىڭىز.
كۈلۈپ كەتتىم غىدىقىم كېلىپ
سىزگە شۇنداق ئۆگەتكەنمىدى
ئۇستازىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز؟
ناچارمىدى سىزنىڭ باشتىلا
تىل دەرسىدىن ئىمتىھانىڭىز.
ناچار بولسا، ئۆزىڭىزدە گەپ،
ئارتماڭ ئۇنى مىللىتىڭىزگە.
ئۇيغۇر تىلى سۈكۈت قىلالماس
«ئۇرغۇي» دىگەن ئىللىتىڭىزگە.
ئىسمىڭىزنى خاتا ئاتىسام،
ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ راسا.
خاتا ئاتاپ مىللەت نامىنى،
ئوخشاشقۇ دەپ ئويناتماڭ ھاسا.
« ئۇيغۇر»دىگەن ئۇلۇغ نام بىلەن
ماختىنىشقا سىزمۇ تەلەپكار.
«ئۇرغۇي» ئەمەس«ئۇيغۇر»دېيىشكە
بۇ شېئىرىم بولسۇن مەدەتكار.
1986-يىلى 21-نويابىر. ئۈرۈمچى
«جان تەسەددۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇرغۇي ئەمەس، ئۇيغۇر