ساداقەتمەن بلوگى
-
2010-08-09
تار ئىشتانلىق قىزلارغا - ] - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/72368492.html
نىۇزەيكۇنى كىيگەن قىز يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،
پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى.
ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن،ئاقارتىپتۇ يوتىنى،
قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.
بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،
تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.
دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،
شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.
ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟
ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟
ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق،
ساناقلىقنەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدەكىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟
سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،
ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.
بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟
ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!
ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟
ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ،تۈزەيدىغان ئاكىسى؟
يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا مەستانە،مەس بوپكەتتى،
ئەركەكلىكنىڭ سېھرىنى بىھايالىق يەپكەتتى.
بۇ تېمىدا سۆزلىسەم ياقامدىكىن بىلمەيمەن،
تار ئىشتانلىق قىزلارغا شەرمى ھايا تىلەيمەن