ﺗــﻮﺭ ﺑــﻪﺕ  خەۋەر  رەسىم  ناخشا  فىلىم  ئـۇچـۇر     
 

  • 2010-07-18

    قەشقەر شەھىرى ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلاڭ - [تەۋسىيە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/sadakatman-logs/69558841.html

    قەدىمىي شەھەر قەشقەر يېقىندا"جۇڭگۇدىكى ساياھەت شەھىرى"نى توردا بىلەت تاشلاپ باھالاشتا، 100نامرات شەھەر ئىچىدىن بىرىنجى باسقۇچتا تاللىنىپ، ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىگە كىردى. بۇ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى يىتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگۇ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، خەلقئارا تور لىنىيىسى باشقۇرغان"2010–يىللىق جۇڭگۇدىكى شەھەرلەر سەھنىسى –پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار بىلەت تاشلاش ئارقىلىق جۇڭگۇدىكى ساياھەت شەھىرىنى كۆرسىتىش"پائالىيىتى بۇلۇپ، ھازىر ئىككىنجى باشقۇچلۇق توردا بىلەت تاشلاپ، ئالدىنقى 20كۈچلۈك شەھەرنى تاللاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  كەڭ تورداشلار 28–ئىيۇندىن16–سىنتەبىرگىچە توردا بىلەت تاشلاش ئارقىلىق، ھازىرقى 50شەھەر ئىچىدىن كۈچلۈك شەھەر تاللاپ چىقىلىدۇ. 27–سىنتەبىردىن 26–نويابىرغىچە تورداشلارنىڭ بىلەت تاشلاش نەتىجىسى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھا بىرىپ بىكىتىشى ئارقىلىق 10شەھەر تاللاپ چىقىلىپ "پۈتۈن دۇنيادىكى تورداشلار كۆرسەتكەن جۇڭگۇدىكى ساياھەت شەھىرى"دىگەن شەرەپ بىرىلىدۇ.
      ھازىر قەشقەر شەھىرى 3487 ئاۋاز بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. ئەگەر سىز ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىن كۆرسىتىلگەن قەشقەر شەھىرىنىڭ"جۇڭگۇدىكى ساياھەت شەھىرى"دىگەن نامغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز http://chinesecity.cri.cn/تور ئادرىسىغا كىرىپ "قەشقەر"ئاستىدىكى "بىلەت تاشلاش "كاتەكچىسىنى چەكسىڭىزلا قەشقەر شەھىرى ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلىغان بۇلىسىز. ھەممىز بىرلىكتە گۈزەل قەشقەرنىڭ "جۇڭگۇدىكى 10كۈچلۈك ساياھەت شەھىرى"دىگەن شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرايلى! مەنبە .دەرسلىك بلوگى

    分享到:

    评论

  • شالاققىدە بىر بىلەت تاشلىۋەتتىم باشقىلارمۇ تاشلاپ قويۇڭلار
    ساداقەتمەن回复بايلىق说:
    hياخشى بوپتۇ
    2010-07-22 00:32:07