-
2010-05-30
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرىدىن ( ئارمان - تاشقىن ) - [شېئىرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/64710536.html
شېئىر يازماق ئاسان، ھەق سۆزلىمەك تەس،شائىرغا ھېرىس تاما بولمىغاي ھەۋەس.يازغاننى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۆزۈڭ،سېتىپ خەجلىگىلى ئۇ تاۋار ئەمەس.2ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى،ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.3ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماقلىق خار ئىش.بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ھار ئىش.4يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پېلەك،چېچەكسىز پېلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،بوغىدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.5ئاسمانغا نەزەر سال يۇلتۇز بىساناق،ئۈسۈشمەي ئۆتىدۇ ئەزەلدىن ئىناق.جاھان كەڭرى دوستۇم يېتەر ھەممىگە،ئادەمگە ياراشماس، سۆڭەك تالاشماق.6ئەل ئۈچۈن يۈگۈرتسەڭ قەغەزدە قەلەم،تاغلارنىڭ بېشىغا تىكەرسەن ئەلەم.ۋە لېكىن سۇ قوشۇپ قويساڭ سىياھقا،ئىزلىرىڭ تېز ئۆچۈپ ، چېكەرسەن ئەلەم.7شۆھرەت كەمىرىگە ئۇزاتقۇچە قول،ئوتۇنچى ئايالنىڭ ئارغامچىسى بول.تاجدارلارنىڭ تاجىسى كۆزى بولغۇچە،كۆكلەم يامغۇرنىڭ بىر تامچىسى بول.8بىلمەكتىن مۇراد، نام -شۆھرەت ئەمەستۇر.شۆھرەتكە ئىنتىلىش رەزىل ھەۋەستۇر.بىلگەننى دان قىلىپ ئېتىزغا چاچساڭ،ھوسۇلى ئەلگە بولسا ، ئۇشبۇ بەستۇر.9سايلام بىلەن كىشى تۆرگە چىققان بار،بىھەت قۇشى قونسا ئەمەل تۇتقان بار.ۋە لېكىن ئالىملىق مەرتىۋىسىنى،رىيازەتسىز قاچان بېرىپ تاپقان بار.10تۇغۇلغاندا تەڭ ئىدۇق تەڭرى ئالدىدا،تەڭ ئەمەس بىز لېكىن دەۋر ئالدىدا.كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن،تەڭ بولىمىز ئاخىرى يەنە قەبرە ئالدىدا.-ئابدۇرھىم ئۈتكۇر
收藏到:Del.icio.us