-
2009-06-29
ئۇ سىنىڭ داداڭ (ھىكايە) - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41674015.html
ئۇ سىنىڭ داداڭ
(ھىكايە)جەمىيەت تەرققى قىلىپ ھازىرقى ياشلارنىڭ كۇنى بارغانىسىر ياخشى بۇلوپ كىلىۋاتىدۇ ،كىيمى پۇتۇن قوساققا يىگىلى خوشياقسلا تائاملار ئىشىپ تىشىپ تۇرۇپتۇ ، لىكىن ھازىرقى ياشلاردا بىر نەرسە كەم مەن تۇۋەنىدىكى ھىكايەمدە ئاساسەن رىئاللىق ئەكىس ئەتكەن بىر مىسالنى سۇزىلەپ ئۇتمەكچىمەن .بۇ نىداق يامان ئادەت بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئارىسدا ئاز-ساندىكىياشلاردابۇلۇشى مۇمكىن .لىكىن كۇپ ساندىكى ياشلاردا يۇق لىكىن بۇنداق يامان ئادەتىتىن بىزچۇقۇم يىراق تۇرشىمىز كىرەك.
مەن تۇنىجى كۇنى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرىدىم مىنى ئانام مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيغان ئەمەس ئۇزۇم ئۇينىڭ جاپالىق ئەمگەكىلىرىدىن قۇتۇلوش ئۇچون مەكتەپكە قىچىپ بىرىۋالغان ئىدىم . مەن مەھەللىدىكى بىر دۇستۇمغا ئەگىشىپلا سىنىپقا كىرىپ ئارقىدىكى بىر بۇش ئۇرۇندا ئۇلتۇردۇم بۇ دەل 1981-يىلى 9-ئايىنىڭ 3كۇنى ئەتتىگەن سائەت 9دىن ئاشقان ۋاقىتلار ئىدى، مەن سىنىپتىكى باشقا باللارغا بىر-بىرىلەپ كۇز يۇگۇرتىپ چىقىشقا ئۇلگۇردۇم بىز بىللە ئۇينايدىغان باللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىنىپتا ئىدى ، شۇ يىلى يىڭى مائارىپ ئسلاھاتى بۇلغاچقا سىىنپتا مەندىن كىچىكلەرمۇ ھەم مەندىن چۇڭلارمۇ بار ئىدى، ئاساسەن ياش پەرقى بىر ئىكىكى ياش پەرىقلەنگەننى ھىساپقا ئالمىغاندا قۇرداشلار ئىدۇق . مەن كۇزۇپ باشتا ئۇلتۇرغان بىزنىڭ خۇشنا مەھەلىدىكى مامۇت(ئىسمى ئۇزىگەرتىلدى)نى كۇرۇپ يۇرىكىم سەل سۇقۇپ كەتكەندەك بۇلديۇ لىكىن باشىقلارغا بىلىندۇرمىدىم ، سەۋەبى بۇ بالنىڭ بىزنىڭ كەنىتتە نامى بەك يامان ئىدى، ھەتتا ئۇزنىڭ ئاتا-ئانسنمۇ بىر نەچچە قىتىم ئۇرۇپ قۇيغان ئىدى، مۇئەللىم سنىپقا كىرىپ باللارنى بىر قۇر يۇقلما ئارقىلىق تەكشۇرۇپ چىققاندىن كىيىن مىنىڭ يىنمغا كىلىپ بالام ئسىڭىز نمە دەپ سۇردى ؟
مەن ئسىمم ئابلەت دەپ جاۋاپ بەرىدىم
بۇ يىل نەچچە ياشقا كىرىدىڭىز ؟
9ياشقا
قايسى كەنىتتىن ؟
چىگە قۇدۇق كەنتىدىن
سۇئال سۇراش ئاخىرىلاشتى بۇلغاي مۇئەللىم دەرىس مۇنبىرىگە چىقىپ پۇتۇن ساۋاقداشلارغا مىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۇپ بۇلۇپ دەرسىنى باشلىدى ،مانا مەن شۇ ۋاققىتىن باشلاپ ئۇ مامۇت بىلەن ساۋاقداش بۇلۇپ ئۇتتۇم بىز بىر-بىرىمىزىگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلشپمۇ كەتمەيتۇق ،بىراق ئۇ مىنى 2-سنپتىن باشلاپلا يامان يۇلغا باشلىدى ،دەسلەپتە تۇخۇم چىكىش سىلىشنى ئۇگەتتى بارا-بارا 4تال ۋۇشۇقنى ئۇگەتتى بۇ جەريان ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس مەنمۇ ئەقلىلىق بۇلسام كىرەك 3ئايدا بۇ 4ۋۇشۇقنى بىمالال 2مۇچەندىن ئىتىپ باشىقلارنىڭ ئاتا-ئانىسى لەڭپۇڭ ئىلىپ ئىچىشكە بەرىگەن پۇللىرىنى ئۇتۇپ ئىلىپ مەن لەڭپۇڭچىغا كىرىم قىلىپ بىرەتتىمشۇنداق قىلىپ باشلانغۇچنىڭ 3-سنپىغا چىقتىم بۇ ۋاقىتىقىچە مەن مەكتەپ بۇيچە 3تە ياخشى دىگەن نامنى قۇلدىن بەرمەيتىم ئاتا-ئاناممۇ مەندىن رازى ئىدى،مەن مەكتەپتىن قايتىپ بىرىپ پادا باققاچ دەرىس تەكىرارىلايتىم .شۇ يىلى بىر كۇنى مامۇت ماڭا يۇر ئىككىمىز بىر يەرىگە بارىمىز دىدى
مەن ھەجەپىلىنپ ئۇنۇڭغا ئەگەشتىم بىز مەكتەپ يىنىدىكى بىر ئۇرمانلققا كەلدۇق ،ئۇ يانچۇقدىن بىر بۇتۇلكا تۇپاننىڭ سۇلياۋ بۇتۇلكىلىق قىزىل ئۇزۇم ھارقىنى چىقىرىپ بىز مۇشۇنى ئىچىمىز دىدى.مەن سەل تۇرىۋىلىپ بۇنمۇ سناپ بىقىش قاراغا كەلدىم دە ئىچىشكە باشلىدۇق ،بۇ تاتلىق بۇلغىنى بىلەن ئادەمنى مەس قىلدىغان ئىشى بۇلمايدىغان نەرسە ئىكەن ئىشنى قىلىپ بۇتۇلكا ئىچىدە جىم تۇرغان بىلەن قۇساققا كىرسە جىم تۇرمايدىكەن ئىككىمىز بىر بۇتۇلكا ئىچىپ شۇ يەردە ئۇخلاپ قاپتۇق كەچ بۇلغاندا قارسام دادام بىشمدا بىر سۇگەت چۇۋىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ ،مەن دادامنىڭ بۇ ئىشنى بىلىپ قىلشىدىن ئەنىسىرسىەم بۇ قانداق بۇلغىنى دەپ ئۇرنۇمدىن دەس تۇردۇم دە ئۇيگە قاراپ يۇگۇردۇم ئۇيدە ماڭا يان تاياق بۇلۇپ مىنى قۇغىدايغان ئانام بار ئىدى .
دادام ۋەلىسپىت بىلەن مەن پىيادە ئۇ كۇرنۇشنى ھازىر ئۇيلسام شۇنداق كۇلكۇلۇك
دادام مىنى چىۋىق بىلەن بۇشىراق بىرنى ئۇچۇغىداپ قۇيغان بۇلسمۇ لىكىن بۇ ماڭا قاتتىق تەگىمىگەن ئىدى، مەن شۇ يۇگۇرىگىنىمچە ئىككى يىرىم كىلۇمىتىر يۇلنى دادامنىڭ ئالدىدا يۇگۇرۇپ ئۇيگە كەلگەن ئىدىم ، دادامنىڭ ۋەلسپىتى ماڭا يىتەلمگەن ئىدى ،ئەمدى ئۇيلسام بالا دادنىڭ كۇز قارچۇقى دىگەندەك شۇ ھاھاھاھا دادام ۋەلسىپتنى ئاستا ھەيدەپتىكەن
ئۇيگمۇ كەلدۇق دادام ماڭا باشقا ئۇشۇق گەپ قىلمىدى ،مەنمۇ ئىغىلىدىن پادىلارنى چىقىرىپ جاڭگالغا مىڭىپ كەتتىم شۇندىن كىيىن مەن باللار بىلەن قمار ئۇيناش تاماكا چىكىش ھاراق ئىچىشنى تۇختاتتىم .بۇ منىڭ شۇ ۋاقتتا دادامدىن قۇرقۇپ كەتكەنلىگىم سەچەبلىك بۇلسا كىرەكلىكىن منىڭ مامۇت دىگەن ساۋاقدىشىم پۇتۇن مەكتەپنى بىشغا كىيىپ يۇرەتتى بىز باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ تۇلۇقىسز ئۇتۇرا مەكتەپكە چىقتۇق تۇلۇقىسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ يېزا مەرىكىزدە ئىدى بىز ھەر شەنبە كۇنى بىرىپ ھەر جۇمە كۇنى قايتىپ كىلەتتۇق ئۇ ۋاقتتا يانچۇقمىزغا 3يۇئەن پۇل سىلىۋالساق بىر ھەپتە تۇلوق خەژىلەشكە يىتەتتى لىكىن بۇ مامۇت بۇلسا يانچۇقىدىن 10يۇئەندىن كەم پۇل بۇلسا مەكتەپتىن ئۇيگە قايتىپ كىلەتتى ئۇنۇڭ ئائىلىسى نامىرات بۇلسمۇ ئۇنۇڭ بىسمغا چىدىماي بىچارە دادسى بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇل تىپىپ بىرىپ ئۇنى ياخشى ئۇقۇشقا دەۋەت قىلاتتى ،لىكىن ئۇ مەكتەپتە كۇندە ساۋاقداشلار بىلەن سۇقۇشۇپ مۇئەللىملەر بىلەن تاكاللىشىپ ئۇتەتتى ،ئۇ بىر كۇنى كەچتە ھاراق ئىچىپ ياتاققا كەلدى بىز ھەممىز دەرس تەكىرارىلاۋاتتۇق ئۇ ھاراقنىڭ كەيپىدىن بۇلسا كىرەك بىزنىڭ كىتاپلىرىمىزنى يىغىپ سىرتتىكى ئۇرمان بەلۋىققا تاشلىۋەتتى بىزنىڭ شۇنداق ئاچچىقىمىز كەلگەن بۇلسمۇ گەپ قىلمىساق ئۇ يەنە قانائەت قىلماي بىزىگە تىل سالدى ،تەخىرنىڭمۇ چىكى بار دەپ بىز بىر ياتاقتا بىللە يتىپ ئۇقۇيدىغا 12بالا بىرىلىشىپ ئۇنى ئاز تۇلا ئەدەپلەپ قۇيدۇق
، شۇندىن كىيىن بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇلغان دۇسلۇقمىز تۇگىدى ،
شۇ نداق قىلىپ بىز تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ تۇلۇق ئۇتۇرا مەكتەپكە باردۇق ،تۇلۇق ئۇتۇرا مەكتەپ ناھىيە مەرىكىزىدە بۇلۇپ ئاساسەن ئۇيگە يىرىم يىلدا بىر كىلەتتۇق ،بىز شۇ باشلانغۇچتا بىللە ئۇقۇغان باللاردىن 11ساۋاقىداش بىللە تۇلۇق ئۇتتۇرغا باردۇق لىكىن ئۇ يەردە بىر سىنىپتا ئۇقۇش ئمكانيىتى يۇق باشقا -باشقا سىنىپلارغا بىزنى تەڭشەپ ياڭاق چاچقاندەكتەڭشىۋەتكەن ئىدى ، بىز تۇلۇق ئۇتتۇرنمۇ ئۇقۇپ ئالى مەكتەپ ئمىتاھانسىنى بەردۇق .ئمىتاھان سۇئالى ئاسانمۇ ياكى بىز تىرىشچانمۇ ئىشنى قىلىپ شۇ باشلانغۇچتا بىر سىنىپتا ئۇقۇغان 11ساۋاقداشنىڭ ھەممىز ئمىتاھاندىن ئۇتۇپتۇق ،بەزىمىز ئالى مەكتەپكە بەزىمىز ئۇتتۇرا تخنكۇم دىگەندەك ،مامۇت بۇلسا ئۇتتۇرا ـ تخنكۇمغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى ، بىز ھەريىلى تەتىل مەزىگىلدە دۇقۇرۇشۇپ قالاتتۇق ،
بىر يىلى مەن كەنىتىنىڭ چۇڭ مەيدان ئىتىزىلقدا دادامغا قۇناق تىرشىپ بىرىۋاتاتتىم مامۇتنىڭ دادسنىڭمۇ شۇ يەردە ئىككى مۇ يىرى بارىكەن ئۇلارمۇ ھەدەپ بىر ئائلە كشلىرى ئالدىراش قۇناق تىرۋاتاتتى بىر كەم بۇلغاندا مامۇت مەس ھالەتتە بۇ يەرىگە كەلدى ، ۋە دادىسغا مەن ھازىر مەكتەپكە ماڭمەن ماڭا پۇل بەر دىدى. دادسى بالام تەتلىڭىز تۇشۇشقا يەنە 4كۇن بارغۇ ؟دەپ سۇردى
مامۇت سەن تۇلا گەپ قىلماي ماڭا كىتەرىلىك پۇللارنى ھازىر تەييار قىلىپ بەر مەن قەشقەردە بىر نەچچە كۇن ئۇيناپ مەكتەپكە كىرمەن دەپ دادسنىڭ ئالدىغا بىرىۋالدى ،بىزنىڭ ئارىلقىمىز 20مىتىرچە كىلەتتى ،ئۇنۇڭ دادسى ئۇنۇڭغا بالام مەندە ھازىر مۇشۇ 3700يۇئەن بار بۇ سىنىڭ ئۇقۇش پۇلۇڭ ئەمسە ئىلىپ ماڭغاچ تۇر تاماق ياتاق پۇلۇڭنى مەن 2كۇندىن كىين ئۇيدىكى كىپەزنى سىتىپ ئەۋەتىپ بىرەي دەپ يىلىنىدى كىم بىلسۇن ،ئۇ بىچارە دادسنىڭ ئالدىغا ئىتىلىپ بىرىپلا دادسنىڭ بىلىدىن تۇتۇپ يەرىگە قاتتىق بىرنى ئۇرۋەتتى بىز دادام بىلەن يۇگۇرۇپ باردۇق بىچارە دادا ئۇرنىدىن قۇپالماي چىرايى ساغىرىپ ياتاتتى ئۇنۇڭ ئانسى بالام سەن خاتا قىلدىڭ دەپ يۇگۇرۇپ كىلىپ بچارە بۇۋايىنى يەردىن يۇلەپ تۇرغۇزدى ،مامۇت ئۇزنىڭ قىلغىننى تۇغىرا دىدى بۇلغاي دادسى بىلەن ئانسىنى ئىغىزىغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاۋاتاتتى ئۇ دىگەن گەپلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قەلەندەرىلەر سەن ماڭا پۇل تىپىپ بىرەلمەيدىغان ھالىڭغا ئۇقۇتۇپ نمە قىلاتتڭ. خۇدايىم جىنىڭىنى ئالمىدى يا ،،،،،، ..... دىگەندەك گەپلەر ئىدى بىچارە دادا قۇلدىكى ئەللىك يۇئەنلىك كۇك پۇل چىگىلگەن ياغىلىقنى تۇتقنىچە كۇزدىن تۇختماي ياش چۇشىۋاتاتتى ، ئۇنىڭىغىچە دادام ماڭا بىر قاراپ قۇيدى مەنمۇ دادامىغا بىرنى كۇلۇمىسرەپ قاردىم دادام منىڭ كۇڭلۇمدىكىنى چۇشەندى بۇلغاي مىنىڭ ئۇچۇن تەييارىلاپ قۇيغان پۇلدىن 1500يۇئەننى چىقىرىپ مامۇتنىڭ دادسىنىڭ قۇلدىكى پۇلنى ئۇنۇڭ قۇلدىن ئالدى دە ساناپ بىقىپ 200يۇئەننى ئايرىپ قىلىپ ساق 5000يۇئەننى مامۇتنىڭ قۇلغا تۇتقۇزدى ، ۋە مامۇتقا مۇنداق ئىككى ئىغىز گەپنى قىلدى ،بالام سەن بىر ئۇغۇل بالا سەن كىچىك ئەمەس داداڭنى قەلەندەرىلەر دەيسەن شۇ سنى مۇشۇنچىلىك ئادەم قىلىپ قاتارىغا قۇشۇش ئۇچون ئۇلار شۇنداق قەلەندەر بۇلغان سىنىڭ قۇلوڭىدىكى پۇل مانا مۇشۇنداق ئتىزدا يەر تاتلاپ جاپا چەككەندە ئاندىن بار بۇلىدۇ يەر دىگەننىڭ يىلدا بىر قىتىم ھۇسۇل بىرىدۇ بۇنى بىلشىڭ كىرەك يەنە بىر گەپ سەن بۇگۇن راسلا خاتا قىلدىڭ سەن ئۇچۇن ھازىرىغىچە يىڭى كىيم -كەيمەي سنىڭ ئۇقۇپ ياخشى ئادەم بۇلشۇڭ ئۇچۇن شارائىت يارتىپ بىرىۋاتقان ، بازار كۇنىلگى بازارغا ئۇيدىن قاتتىق ناننى بىلىگە چىگىپ بىرىپ قاسساپلار ئالدىدا گۇش يىمەي گۇشنىڭ شۇرپىسغا نان چىلاپ يەپ ساڭا پۇل يىغىۋاتقان كىشى باشقا ئادەم ئەمەس ئۇ بۇلسمۇ سىنىڭ داداڭ ، سەن مەكتەپتە ئۇيۇن تاماشاغا بىرىلىپ ئۇيناپ يۇرىگەندە باشىقلارنىڭ ئۇيدە كۇنلۇك مەدىكار ئشلەپ بالام پۇلسىز قالمسۇن دەپ جاپالىق پۇل تىپىپ ساڭا ئەۋەتىپ بىرىۋاتقان ئادەم كىم ئۇ يەنلا سنىڭ داداڭ . قارا ئۇنىڭ چىرايغا قىرىلىقىتىن يۇزىلىرى قۇرىلۇپ بەللىرى مۇكچىيپ بۇگۇنىكى كۇندە سىنىڭ كۇزۇڭگە سەت كۇرنۇۋاتقان مانا بۇ ئادەم بۇلسا شۇ سىنى مۇشۇ كۇنگە ئىرىشتۇرىگەن داداڭ ئىدى. دەپ ئۇنىڭغا نەسھەت قىلدى لىكىن ئۇ بۇ گەپكە پىسەنىت قىلماي خۇدايىم منىڭ جىنىمىنى يا ئالمىدى دەپ مەكتەپكە مىڭىش ئۇچۇن يۇرۇپ كەتتى بىچارە دادا كۇزى ياش ھالەتتە بىرمامۇتنىڭ كىتىپ بارغان تۇرقىغا بىر ماڭا بىر دادامغا قاراپ دادام قايتۇرۇپ بەرىگەن 200سۇم پۇلنى چىڭ تۇتقىنچە ئۇلتۇراتتى دادام ئۇنىڭغا بالا دىگەن سىلىدىن بىزدىن كىچىك بۇپتۇ خاپا بۇلماڭلار دەپ تەسەللى بىرىپ ئۇز يۇلمىزغا راۋان بۇلدۇق . شۇ يىلى تەتىلدە ئۇيگە كەلسەم مامۇتنى مەكتەپنىڭ ياتىقىدا بىر كىچىدىلا جان ئۇزۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم ،ئۇلۇش سەۋەبى ئۇنۇڭىدا يۇشۇرۇن يۇرەك كىسلى بارمىش ، شۇنداق قىلىپ بىچارە دادا يەنە شۇ بىر ئۇغۇلنىڭ ئىچى قاينىقىدا شۇ ئۇرۇن تۇتۇپ يتىپ قالغىنچە ئىككى يىل يتىپ ئالەمدىن ئۇتتى .
مەنبە ئۇزۇم جاھان كېزەر 2009-يىلى6-ئاينىڭ 29-كۇنى سانجى
بۇ ھىكاينىڭ 80پىرسەنتى ئەملىيەت شۇڭا كەلسە كەلمەس ئنكاس يازماڭلار ، بۇ نى شۇ جەميتىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار باللارغا ئاز تۇلا تەربىيە بۇلۇپ قالارمىكىن دەپ يۇللۇرۇدم
收藏到:Del.icio.us