-
2009-06-10
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/40809838.html
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن :ئاللا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى ئادەم ئەۋلادى مىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم بولىدىكەن،ھىچقانداق ھۆكۈمراندىن قورۇقما!مىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم مەڭگۈ يوقالماستۇر.رىزىقىڭ ئاز بولۇپ قىلشتىن ئەنسىرىمە !مىنىڭ غەزىنەم مەڭگۈ تۈگمەستۇر!
ئە ئادەم ئەۋلادى !مەن سىنى ئىبادەت قىلدۇن دەپ ياراتتىم.ئويۇن _تاماششانى تاشلا!رىزىقىڭنى تەقسىم قىلىپ بولدۇم.ئاۋارە بولما!ئەگەر سەن تەقسىم قىلىنغان نىسىۋەڭگە رازى بولۇپ قارنى _كۆكسىڭنى كەڭ تۇتساڭ ،مىنىڭ ماختىشىمغا سازاۋەر بولسەن.ئەگەردە تەقسىماتىمغا رازى بولمىساڭ يۈكسەكلىكىم بىلەن قەسەمكى،دۇنيانى ئۈستىڭگە كەيگۈزۈپ قويىمەن،شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاۋارەگەرچىلىكىگە قالىسەن.ھەر قانچە كۈچىسەڭمۇ ئۆز نىسىۋەڭگىلا ئېرىشىسەن،لىكىن مىنىڭ لەنىتىمگە ئۇچرايسەن.مەندىن باشقىنى تەلەپ قىلما !مەن سەن ئۈچۇن تەييار!مىنى تەلەپ قىلساڭ ،مىنى تاپالايسەن.مىنى يوقۇتۇپ قويساڭ ،مەنمۇ سىنى يوقۇتۇپ قويىمەن.مىنى يوقاتساڭ بارىلىق ياخشىلىقنى يوقاتقان بولىسەن.مەن يەتتە قات ئاسماننى،زىمىننى ھىچبىر قىينالماي ياراتتىم،سىنىڭ يەيدىغان رىزىقىڭنى بېرەلمەسمەنمۇ؟
مەن سەندىن ئەتە قىلىدىغان ئىبادەتنى تەلەپ قىلمىغاندىن كىيىن ،سەنمۇ مەندىن ئەتە يەيدىغان رىزىقىڭنى تەلەپ قىلما!مەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان يەردە،ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالاي!مەن بەكمۇ رەھىمدىل ،مەن ھەر ئىشقا قادىر.مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن.مىنىڭ ھەققىقى ھۆرمىتىم ئۈچۈن ،سەنمۇ مىنى ياخشى كۆرىشىڭ كىرەك!» مەنبە:شىنجاڭ ئىسلام تورى
收藏到:Del.icio.us