• 2009-06-04

    گۈزەل قاغىلىق - [ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40492268.html

    كوئىنلۇن باغرىدا چاقنىغان چولپان،

    جەننەتكە ئەنداز، گۈزەل قاغىلىق.

    مىللەتلەر ئىناق بىر تەن ھەم بىرجان،

    ياڭرايدۇ شوخ ساز، گۈزەل قاغىلىق.



    يوللىرى رەت-رەت، باغلىرى شەربەت،

    پۇرايدۇ رەيھان، گۈزەل قاغىلىق.

    تاغلاردا قاشتېشى، ياقۇت ھەم زۇمرەت،

    ئەل-خەلقى پاراۋان، گۈزەل قاغىلىق.



    سەندىكى گۈللەر شۇنچە بەك قىزىل،

    قىز-جۇۋان خۇش چىراي، گۈزەل قاغىلىق.

    يىگىتلەر ئىشچان، خىسلەتلىك، ئېسىل،

    ئىرپانغا بەك باي، گۈزەل قاغىلىق.



    قىزىيدۇ مەشرەپ كۆكيار چوپاندا،

    ئۇسۇلى مەردانە، گۈزەل قاغىلىق.

    داۋايى بۇلاق ئاقار زۇلاڭدا،

    ئارامبەخىش سەيلانە، گۈزەل قاغىلىق.



    سۈپ-سۈزۈك تاغ سۈيى* تىزناپ دەريانىڭ،

    ھەسەلدەك تامچىسى، گۈزەل قاغىلىق.

    ئىسلاھات ئېچۋىتىش قۇت بەردى ساڭا،

    ئۈلگە سەيناسى، گۈزەل قاغىلىق.



    مىۋىلەر شاھى ياڭاقزارلىغىڭ،

    ھۆسنۈڭگە ياراشقان، گۈزەل قاغىلىق.

    تاغ كەبى مارجاندەك بۇغداش چەشلىرىڭ،

    خېزىرمۇ ھەيران، گۈزەل قاغىلىق.



    تېپىلدى سەندە، ھېسابسىز نېفىت-گاز،

    بايلىق ئىلاھى، گۈزەل قاغىلىق.

    قىش بولماس باغرىڭدا دائىم باھار-ياز،

    نىممەتلەر كانى، گۈزەل قاغىلىق.



    خالاستان بوي پۈركەندى گۈلگە،

    ئاق مەسچىت گۈلىستان، گۈزەل قاغىلىق.

    غوجئېرىق، بەش كەنىت ئۇلاشتى بەخىتگە،

    مەكتەپتە قوش زىبان، گۈزەل قاغىلىق.



    خەلقلەر دەيدىكەن سەندە قالغۇلۇق،

    چۈنكى سەن جەننەت، گۈزەل قاغىلىق.

    شەمىس-قەمەردەك چىرايىڭ نۇرلۇق،

    سەندە بار ئامەت، گۈزەل قاغىلىق


    收藏到:Del.icio.us




* M4 E. T1 J* ^7 R5 a