يول ۋە نىشان
بىر كۈنى بىر نەچچە ستۇدېنت تاغقا چىقىپتۇ، تۇيۇقسىز ھاۋا ئۆزگىرىپ، ئۇلار تاغدىن چۈشىدىغان يولنى تاپالماي قاپتۇ. بەختكە يارىشا يەرلىلەر دەل ۋاقتىدا كېلىپ قالغاچقا، ئۇلار خەتەردىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئارىدىن بىر سىتۇدېنت ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۋالغانلارنىڭ بىرىگە : « بىز ئەسلى نىشاننى بىلەتتۇق، پەقەت يوللا تونۇش ئەمەس، خالاس! » دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى يۈز خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايلا : « نىشاننى بىلگىنىڭىز نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ نىشان سىزنىڭ يولنى تېپىۋېلىشىڭىزغىلا ياردەم قىلىدۇ، بىراق ئۇ ھەرگىزمۇ يول بىلگەنگە باراۋەر ئەمەس. شۇ تاپتا نىشان سىزگە غەربنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، بىراق غەرب تەرەپ تار كەتكەن چوڭقۇر ساي، يول بىلمىسىڭىز، يەنىلا تاغدىن چۈشەلمەيسىزدە » دەپتۇ. دەرھەقىقەت، كىشىشلىك تۇرمۇش يولىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. سىز نىشاننى بەلگىلىۋېلىپلا مەقسەتكە يەتتىم، دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۆزىڭىز ئۈچۈن كونكىرېت تىرىشىش ئۇسۇلىنى تاپمىسىڭىز، يەنىلا مەغلۇپ بولىشىڭىز تۇرغانلا گەپ.

مەنبەسى: شىنجاڭ ياشلىرى ، مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى