- شەرەپ
- 1949
- توردا
- 515 سائەت
- تەڭگە
- 2597
- تۆھپە
- 3053
- قىزغىنلىق
- 13191
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 141
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 18198
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1620
      
- تەڭگە
- 2597
- تۆھپە
- 3053
- قىزغىنلىق
- 13191
- شەرەپ
- 1949
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- تېما
- 141
- جۇغلانما
- 18198
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1620
|
ئەپ تەۋسىيە قىلمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ. ئارىلىقتا خېلى بەلەن بىر قانچە ئەپلەر ھەقسىز تارقىتىلغان. شۇنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇشقا شارائىت بولمايۋاتىدۇ. بۈگۈن ئاغىينىمىز ئابلەت ئەپەندى مىكروئۇچۇردا بۇ رەسىمنى يوللاپ قالدى. قارىسام AppStore دىكى بىر ئەپكەن. سىنجىلاپ قارىسام ئىسمى Hedisler دەپ تۇرىدۇ، قىستۇرما رەسىمىدە ئۇيغۇرچە خەت تۇرىدۇ. ماشا ئاللاھ!
شۇنداق، ئۇيغۇرچە ھەدىسلەر توپلىمى «جەمئۇلفەۋائىد» تولۇق نۇسقىسى AppStore غا بۈگۈن چىقىپتۇ. بۇنىڭ باھاسى ئاران 12 كويكەن. بۇ جەمئىي 9 قىسىم كىتاب بولۇپ بىز مۇشۇ پۈتۈن كىتاپنىڭ مەزمۇنى تولۇق يېزىلغان ئەپنى AppStore دىن 12 كويغا سېتىۋالالايدىكەنمىز. ھارۋىدا سېتىۋاتقان 2 تال خاتىرە دەپتەر كېلىدىغان پۇلغا بۇ ئەپ كېلىدىكەن. ئاللاھ مۇشۇ ئىش روياپقا چىققانغا قەدەر ياردەمدە بولغان ھەرقانداق بىر كىشىگە ئۆزىگە يارىشا ئەجىر ئەزىمنى ھەسسىلەپ ھەسسىلەپ بەرسۇن، ئامىن.
تۆۋەندە بۇ ئەپتىن بىر ئىككى پارچە سۈرەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى. بۇ ئەپتە بايا دېگەندەك «جەمئۇلفەۋائىد» ھەدىسلەر توپلىمىنىڭ ھەممىسى تولۇق يېزىلغان بولۇپ، ئەپنىڭ ياسىلىشى ئاددىي، ئايرىم-ئايرىم تۈرلەر بويىچە ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان. خالىغان بىر تۈر ئىچىدىن بىر ھەدىسنى تاللاپ كۆرۈپ باقايلى.
يۇقارقىدەك تۈرلەر بويىچە ھەدىسلەرنى كۆرەلەيدىكەنمىز. ئۈستىدە بىر ئابزاس ئەرەبچە زىر-زەۋەرلىرى قويۇلغان ئەسلى ھەدىس بېرىلگەن (ئىمام ئاخۇنۇملا ھېجىيىڭلا مىيەگە كەگەندە). ئاستىغا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بېرىلگەن.
بىز ھەدىسلەرنى ساقلىۋالماقچى بولساق ئاستىدىكى كىتاب شەكلىدىكى كونۇپكىنى باسىدىكەنمىز، خەتكۈچ قوشقانلىق ئۇچۇرى كۆرۈنىدىكەن.
ئاندىن بىز خالىغان مەزمۇننى تاللاپ ئېلخەتكە يوللىيالايدىكەنمىز.
يەنە ھەممىدىن پەچەت يېرى شۇكى - بۇ ئەپكە ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغانكەن. بىز ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىيەلەيدىكەنمىز. مەسىلەن، ناماز دەپ ئىزدىسەك بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 1234 دانە ئۇچۇرنى تاپتى. بۇ چاغدا مەن شۇنداق سۆيۈندۈم. نېمە دېگەن قولايچىلىق... ماشا ئاللاھ!
بۇ ئەپ iPhone 5 كىمۇ ماسلاشتۇرۇلغانكەن. ئۇنىۋېرسال ياسالغان بولۇپ كىچىكى iPod touch تىن باشلاپ يۇقىرىسى iPad كىچە پەقەت مۇشۇ بىرنى سېتىۋالساقلا ھەممىگە ئورتاق چۈشىۋېرىدىكەن. ماشا ئاللاھ، ئىشقىلىپ پەچەت ياسىلىپتۇ. شۇلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ئەپ ئىسمى: Hedisler
ساتقۇچى: UDGroup
چوڭلۇقى: 16.3 مېگابايت
ئەڭ تۆۋەن سېستىما تەلىپى: iOS 5.0
باھاسى: 1.99 $ / 12 يۈەن
App Store دىن چۈشۈرۈڭ:  |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 25
تەڭگە + 25
تۆھپە + 25
قىزغىنلىق + 20
باھا خاتىرىسى
|