جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2278|ئىنكاس: 15

iPhone 4 باتارىيە ئالماشتۇرۇش قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 12:17:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iPhone 4  باتارىيە ئالماشتۇرۇش قوللانمىسى

   بۈگۈن iPhone 4 نىڭ باتارىيىسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈستىدە توختىلاي . بەلكىم دوستلار ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن ، مەيلى قايسى خىلدىكى يانفونىمىز بولسۇن ، خېلى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ، باتارىيە ئۇزاققا چىدىماس بولۇپ قالىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە نورمال ئەھۋال ، چۈنكى باتارىيەنىڭمۇ ئۆمرى بار ، خورايدۇ . مەسىلەن iPhone 4 نى ئېلىپ ئېيتساق ، 2010 يىلىدىن تا ھازىرغا قەدەر ، ئەڭ بالدۇر ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ مانا 2 يىل بولۇپ قالدى ، گەرچە باتارىيە خوراش بەكمۇ ئېغىر بولمىسىمۇ ، لېكىن ئازتولا ھېس قىلالايمىز . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھازىر باتارىيە ئالماشتۇرۇش بولۇپمۇ چوڭ سىغىمدىكى باتارىيەگە ئالماشتۇرۇش سەل ئەۋىجگە چىقىپ قالدى . تورلاردىن ئۇدۇللا iPhone نىڭ ھەرقايسى تىپتىكى ھەرخىل سىغىمچانلىقتىكى باتارىيىلىرىنى زاكاس قىلغىلى بولىدىغان بولدى .
  مەن شەخسەن باتارىيە ئالماشتۇرۇشنى ئانچە تەكىتلەپ كەتمەيمەن ، چۈنكى بىر ھېساپتا بىز iPhone ئىشلەتكۈچىلەر بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدۇق ، مەيلى ئىشخانا بولسۇن ، ۋە مەيلى ئۆيدىمۇ بولسۇن ، توك بىلەن زەرەتلەش ھازىر ناھايىتى قولايلىق ، كومپىيوتېردىمۇ زەرەتلىگىلى بولىدۇ ، شۇڭا باتارىيە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئانچە ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن ، لېكىن دوستلار دېيىشى مۇمكىن ئەمسە بۇ يازمىنى نېمىگە يازدىڭىز دەپ . ئويلاپ كۆرەيلى ، بىر قىسىم دوستلىرىمىز بار ، ئادەتتە خىزمەت سەۋەبى بولسۇن ياكى باشقا شارائىت مەسىلىسى بولسۇن ، زەرەتلەش ئانچە قولايلىق ئەمەس ، بۇلارنىڭ باتارىيەگە بولغان تايىنىشىمۇ چوڭ . يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىز بار ، ئويۇنغا ئامراق ، لېكىن دائىم ئويۇن ئويناپ باتارىيە يەتمەي ئاۋارە بولىدۇ . مەن ئاساسلىق مۇشۇ دوستلىرىمىزنى كۆزدە تۇتۇپ ، iPhone 4 گە باتارىيە ئالماشتۇرۇش قوللانمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . ئەگەر يازما كۆرۈۋاتقان سىزمۇ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز سىزمۇ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ ...خوش ، ھەقىقىي پاراڭغا كېلەيلى ئەمسە ...


دىققەت قېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قوياي ، باتارىيە ئالماشتۇرۇش بولسا قاتتىق دېتال ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئىش ، ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ ئوڭشاش مۇددىتى (保修期) تېخى توشمىغان بولسا ، ھەرگىز بۇ ئۇسۇلنى سىنىماڭ ، باتارىيە ئالماشتۇرماڭ . چۈنكى سىز باتارىيە ئالماشتۇرىمەن دەپ يانفوننى چۇۋۇدىڭىزما ، كېيىن بىرەر مەسىلە چىقىپ قېلىپ ئالما ئورگان تەرەپكە ئاپارسىڭىز ، ئورگان تەرەپ چۇۋۇپ بېقىپسە دەپ يانفونىڭىزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . شۇڭا ، باتارىيە ئالماشتۇرۇشنى ئەڭ ياخشىسى iPhone نىڭ ئوڭشاش مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن ، ياكى سۇمېلى سېتىۋالغان دوستلار سىنىسا بولىدۇ .
2. تۆۋەندە مەن تەمىنلىگەن باتارىيە ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىشەنچىلىك ، ئۆزەممۇ نەچچە نۆۋەت سىناق قىلىپ باققان ، باتارىيە ئالماشتۇرۇپ بولۇپ ھېچقانداق مەسىلە چىقماسلىققا كاپالەت بېرەلەيمەن ، بىخەتەر ، باشتىش ئاخىرغىچە خاتىرجەم بولىسىڭىز بولىدۇ .  لېكىن ، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلماي ، ئىختىيارىڭىزچە چىقىلماسلىققا تېگىشلىك قىسىملارغا چېقىلىپ قويۇپ ، يانفونىڭىزدا كاشىلا كۆرۈنسە ئۇنىڭغا مەن ئىگە ئەمەس . شۇڭا قىزىقىشنىڭ كەينىگە كىرىپ پۇشايمان يەيدىغان ئىش بولمىسۇن .

ئىشلىتىدىغان قوراللار:

1. ھازىر بازاردا iPhone 4 نىڭ ھەرخىل تىپتىكى نۇسخىلىرى بار . ياسالغان دۆلەتنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ، iPhone ئاستىدىكى ۋېنتىنىڭمۇ شەكلى ئوخشىمايدۇ. ( ۋېنتا دېگىنىمىز بۇرما مىخنى كۆرسىتىدۇ ) . چوڭ تۈردىن 2 خىلغا ئايرىلىدۇ ، يەنى تۆۋەندىكىدەك بەشۋار شەكىللىك بىلەن كىرىس شەكىللىك .






  شۇڭا ۋېنتىنى يېشىشكە ئىشلىتىدىغان ئەتۋىركە شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ iPhone 4 رىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا چۈشىدىغان ئەتۋىركە سېتىۋېلىڭ ، ياكى دوستلىرىڭىزدا بار بولسا شۇنى ئىشلىتىڭ .


2. ئېكران ۋە بەزى قىسىم زاپچاسلارنى يېشىش ئۈچۈن يەنە بىر پىلاستما پىچاق ئىشلىتىمىز ، شەكلى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ،  بۇ كۆپ ئىشلىنىدۇ ، شۇڭا چوقۇم ھازىرلىشىڭىز زۆرۈردۇر . ئادەتتە بۇنداق پىلاستما پىچاق بازاردا كۆپ ، باشقا خىل شەكىلدىكى بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەرقانداق يانفونغا چۈشۈۋېرىدۇ .





ئالماشتۇرۇش جەريانى :

1. ھەممە مەشغۇلاتتىن بۇرۇن يانفونىڭىزنى ئۆچۈرۈڭ . يانفونىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ۋېنتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن شۇنىڭغا چۈشىدىغان ئەتۋېركە ئارقىلىق iPhone 4 ئاستىدىكى ئىككى ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرۈڭ .





2. ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئارقا قاپنى ئىككى قولىڭىز بىلەن تۇتۇۋېلىپ ، ئىككى تەرەپتىن ئاستا ئۈستىگە ئىتتىرىڭ .  ئاندىن ئارقا قاپنىڭ ئۈستىگە تەخمىنەن 2 مىللىمېتىر سۈرۈلگەنلىكىنى بايقايسىز .






3. ئارقا قاپنى ئاستا ئېلىپ چۈشۈرۈڭ .



4. قاپنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، باتارىيە سول تەرەپ ئاستىغا قارىسىڭىز بىر كىچىك 2.5 مىللىمېتىرلىق ۋېنتىنى كۆرىسىز ، بۇ باتارىيە بىلەن ئاساسىي توك يولىنى ئۇلايدىغان قىسىم ، شۇ ۋېنتىنى يېشىپ چۈشۈرۈڭ . ( رەسىمدىكى قىزىل يۇمىلاق ئىچىگە ئېلىپ قويغان قىسىم )



5. ۋېنتىنى ئېلىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ، رەسىمدىكى ئورۇنغا قاراڭ ، يەنى ۋېنتىنى چۈشۈرگەن مېتال قىسىم ، ئەمدى ھېلىقى پىلاستما پىچاق ئارقىلىق ئاۋايلاپ بىر چېتىدىن يېشىڭ ، بۇ قىسىم باتارىيە بىلەن ئۇلاقلىق بولىدۇ ، شۇڭا بەك كۈچىمەي ، ئاستا ئاستا بوشاتسىڭىز ئۆزلىكىدىن چۈشىدۇ ، ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدىلا چىڭ كۈچەپ تارتىپ چىقىرىۋەتمەڭ .





6. مېتال قىسىمنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن ، ئەمدى باتارىيە يېشىمىز . دىققەت قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئوتتۇرىدا بىر ئەسكەرتىش خېتى يېزىلغان پىلاستما بار ، بىز مۇشۇ پىلاستما ئارقىلىق باتارىيىنى تارتىپ يېشىپ چىقىرىمىز . تارتقاندا بەك دىققەت قىلىڭ ، ئاۋايلاپ تارتىڭ ، بەك كۈچىۋەتمەڭ ، بەلكىم باتارىيە بىلەن ئارقا ئاساسىي تاختا ئوتتۇرىسىدا شىلىم بىلەن چاپلانغان بولىشى مۇمكىن ، شۇڭا ، ئاۋايلاپ كۆپ قېتىم تارتسىڭىز ئالدىرماي بوشايدۇ . ( ئەگەر يەنە چىقمىسا ھېلىقى پىلاستما پىچاقنىڭ ياردىمى بىلەن تەڭ تارتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ )  






7. خوش ، باتارىيەنى يېشىپ چۈشۈردۇق ، ئەمدى يېڭى باتارىيەنى سالغاندىمۇ بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك ، ئالدى بىلەن چوقۇم باتارىيە سالىدىغان مېتال رايوننىڭ پاكىز ھەم ھېچقانداق توپا-چاڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ ، بۇ رايون بەك مۇھىم ، ھەمدە باتارىيە ئالماشتۇرۇش پۈتۈش جەريانىدا قولىڭىز چوقۇم پاكىز بولسۇن ، ئەڭ ياخشىسى پەلەي كىيىۋېلىڭ ، چۈنكى ، قولدىكى بىر قىسىملار مايلار مېتال رايونلارغا يۇقۇپ قالسا كېيىن سىمسىز تور ئىشلىتىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن . شۇڭا  بولۇپمۇ تۆۋەندىكى رەسىم كۆرسىتىلگەن قىزىل رايونغا بەك دىققەت قىلىڭ ،  بۇ رايون چوقۇم پاكىز بولسۇن ، ھەمدە  يېڭى باتارىيەنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ھەرقايسى تېگىشىش نۇقتىلىرى چوقۇم تولۇق جايىدا تېگىشسۇن .








  ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن باتارىيە ئالماشتۇرۇش جەريانى مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى ، تەمتىرمىسىڭىز بىرلا قېتىمدا چوقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك ئالماشتۇرالايسىز . ئاخىرىدا بۇ يازمامنىڭ  دوستلارغا ئازتولا ياردىمى تېگىپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .  


تامام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەھرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-18 13:05  

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملېتىش

0

تېما

0

دوست

557

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
140
تۆھپە
107
قىزغىنلىق
148
شەرەپ
71
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-16
تېما
0
جۇغلانما
557
تىزىملاتقان
2011-12-20
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 13:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، ياردىمىڭىزدە ئاجايىپ تىخنىكىلارنى ئۈگىنىۋالىدىغان بولدۇق !
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 14:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاچىن يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 13:56
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ، ياردىمىڭىزدە ئاجايىپ تىخنىكىلا ...

ئەرزىمەيدۇ ، سىزنىڭمۇ  قوللاپ قۇۋۋەتلەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .

75

تېما

21

دوست

4541

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
1252
تۆھپە
1430
قىزغىنلىق
1739
شەرەپ
1367
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
75
جۇغلانما
4541
تىزىملاتقان
2011-12-10
يازما
694

شەرەپ ئوردېنى مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 14:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 14:07
ئەرزىمەيدۇ ، سىزنىڭمۇ  قوللاپ قۇۋۋەتلەت بەرگىنىڭىزگە ...

تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سىلىنىڭ يازغانلىقىڭلىنى پەرەز قىلغانتىم.
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى !

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 16:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامان يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 14:11
تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سىلىنىڭ يازغانلىقىڭلىنى پ ...

مېنىڭ يېقىندىكى قىزىقىدىغان نۇقتامنى بىلىۋاپسىزدە ...

13

تېما

11

دوست

3083

جۇغلانما

لېكساس

Rank: 8Rank: 8Rank: 8Rank: 8

تەڭگە
643
تۆھپە
577
قىزغىنلىق
746
شەرەپ
457
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-4
تېما
13
جۇغلانما
3083
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
203

ئاكتىپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 18:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يازغان بارلىق تېمىلار مۇنبەردىكىلەرگە كۆپلىگەن بىلىملەرنى بىلدۇردى.....كۆپ رەھمەت.....

.... يەنە  مۇشۇ  مەزمۇندىكى ئىسىل تېمىلىرىڭىز مەسىلەن: سىرتقى قاپلىرىنى ئالماشتۇرۇش  ، ئېكران ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ چۈشەندۇرگەن بولسىڭىز .
كىشىلەرگە ياخشى ئىش ، ياخشى مۇئامىلە قىل  ، ئەگەر قىلالمىساڭمۇ ھەرگىز يامانلىق قىلما .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 20:54:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-3-21 18:57
سىز يازغان بارلىق تېمىلار مۇنبەردىكىلەرگە كۆپلىگەن بى ...

يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، سىز دىگەنلەرنى مەنمۇ ئويلىشىپ قويدۇم ،  خۇدايىم بۇيرۇسا قالغان قاتتىق دېتالغا ئائىت بىلىملەرنىمۇ دوستلاردىن ئايىماي تەپسىلىي قىلىپ يېزىپ يوللايمەن .

7

تېما

33

دوست

1723

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
705
تۆھپە
636
قىزغىنلىق
623
شەرەپ
464
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-30
تېما
7
جۇغلانما
1723
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
309

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-25 16:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىما ماۋزۇسنى كۇرۇپ بەھرام  يازدىمكى دەپ ئۇيلغان 。
سالام پاسىبانداشلار .

14

تېما

4

دوست

639

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
101
تۆھپە
113
قىزغىنلىق
196
شەرەپ
98
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
تېما
14
جۇغلانما
639
تىزىملاتقان
2012-3-22
يازما
33
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 13:54:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولۇپتۇ

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 09:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2012-3-25 16:53
مەنمۇ تىما ماۋزۇسنى كۇرۇپ بەھرام  يازدىمكى دەپ ئۇيلغان ...

سىزنىڭ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۈچۈن تەكلىپ دىگەن يازمىڭىز ئېچىلمايۋاتىدۇ  ، سىز ئۆچۈرۋەتتىڭىزمۇ ياكى  ؟

7

تېما

33

دوست

1723

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
705
تۆھپە
636
قىزغىنلىق
623
شەرەپ
464
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-30
تېما
7
جۇغلانما
1723
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
309

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 11:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ئۇچۇر ۋاتتى بەزىلەر ,گەپلىرىم باشقۇرغۇچىلارغا ئىغىر كەلدى بۇلغاي بەزى بىز
سالام پاسىبانداشلار .

66

تېما

56

دوست

8883

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
618
تۆھپە
2171
قىزغىنلىق
5069
شەرەپ
1623
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
66
جۇغلانما
8883
تىزىملاتقان
2011-12-13
يازما
1447

تېخنىكا ساھىبى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 21:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 11:31
بۇنى ئۇچۇر ۋاتتى بەزىلەر ,گەپلىرىم باشقۇرغۇچىلارغا ئى ...

قانداق پىكىر تەلەپلەر بولسا قېنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر يازما يېزىش ئەپسىز بولسا ، بېكەت ئىچى خېتى يازسىڭىزمۇ بولىدۇ .  مەن پاسىبان ئەپەندىمگە ۋاكالىتەن سىزنىڭ تەلەپ پىكىرلەرنى  بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

7

تېما

33

دوست

1723

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
705
تۆھپە
636
قىزغىنلىق
623
شەرەپ
464
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-30
تېما
7
جۇغلانما
1723
تىزىملاتقان
2011-12-12
يازما
309

ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 09:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەھرام يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 21:03
قانداق پىكىر تەلەپلەر بولسا قېنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز  ...

ئۇتتۇرغا قويسام ئۇچۇرۋاتسە ئەنە .....
سالام پاسىبانداشلار .

8

تېما

10

دوست

391

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
79
تۆھپە
93
قىزغىنلىق
205
شەرەپ
93
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-12
تېما
8
جۇغلانما
391
تىزىملاتقان
2012-4-24
يازما
31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 15:35:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىڭلار باتارىيسىنى ئالماشتۇرۇپ باقتىڭلار ؟سىنىاقتىن ئۆتكۇزۇپ كۆرگەنلەر بولسا ئۇنۇمى قانداق بولىدى دەپ باقمامسىلە ؟

1

تېما

0

دوست

441

جۇغلانما

گولف

Rank: 4Rank: 4

تەڭگە
99
تۆھپە
104
قىزغىنلىق
225
شەرەپ
112
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-7
تېما
1
جۇغلانما
441
تىزىملاتقان
2012-12-17
يازما
22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 15:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئادەمگە نەپ تىگدىغان تىملارنى يوللايدىكەنسىز .....يوللىغان تىمىلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى ئىز قوغلاپ كۇرۇپ باقسام بولغۇدەك ....باسىبان كۇلۇبىنىڭ بايلىقى ئىكەنسىزغۇ سىز (باش بارمقىنى چىقىرىپ خو دەۋەتقان چىراي ئىپادىسى )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش