جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 745 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 3414|ئىنكاس: 23

ئامېرىكا، شياڭگاڭ، جۇڭگو نۇسقىلىرىنىڭ پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 22:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مېنىڭ تېلېفونۇم شياڭگاڭ نۇسقىسى، مېنىڭ ئامېرىكا نۇسقىسى، مېنىڭ خاڭخو دەپ قويىدىغانلارنى ئاڭلاپ قالىمىز. بۇلارنىڭ دەۋاتقان ئۇ نۇسقىسى (نەشىرى)، بۇ نۇسقىسى دېگەننىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقىنى بەلكى ئاشۇنداق دەۋاتقانلارمۇ ئۆزى تەپسىلىي بىلىپ كەتمەيدۇ. ھەتتا ئامېرىكا نۇسقىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ مېنىڭ شىياڭگاڭ نۇسقىسى دەپ يۈرىۋېرىدۇ. بىز بۇنى قانداق ئايرىشنى بىر يىل بۇرۇن بلوگىمىزدا سۆزلەپ ئۆتكەن. مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقان سىز بەلكى ئۇ يازمامنى كۆردىڭىز ياكى كۆرمىدىڭىز... ئەگەر كۆرمىگەن بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈۋېلىڭ.

خوش. بىز بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئاساسلىق قىلىپ ئامېرىكا نەشىرى، شياڭگاڭ نەشىرى ۋە جۇڭگو نەشىرى ئۈستىدە ئازراقتىن چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەيلى. چۈشەنچە بېرىشتىن بۇرۇن بۇ 3 نەشىرنى چوڭ 2 تۈرگە بۆلىۋالايلى. بۇنىڭ بىرىنجى تۈرى يەرلىك رايوندا سېتىلىدىغان «دۆلەت مېلى» . ئىككىنجى تۈرى بولسا سىرتقى رايوندىن تاموژنا ئارقىلىق ئەكىرىلگەن «ئەجنەبى مال» .

1. دۆلەت مېلىگە چۈشەنچە
بۇ ھەرقايسى تېلېفون ئىشلەچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئاشۇ دۆلەتنىڭ تېلېگراف قائىدە - نىزاملىرىغا ئاساسەن قانۇنلۇق سېتىش ھوقوقىغا ئېگە بولغان، شۇ دۆلەت بەلگىلىگەن سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە ئېگە بولىدىغان، سۈپەت كاپالىتى دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدىغان، شۇ دۆلەتتە سېتىش ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە ئېگە بولىدىغان مەھسۇلاتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، دۆلەت مېلى (يەنى خەنچە خاڭخو دېۋالىدىغىنىمىز شۇ)  ئالما شىركىتىنىڭ مەخسۇس جۇڭگو رايونىدا سېتىشنى ۋە سېتىشتىن كىيىنكى سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭغا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئالما دۇككىنىدىكى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى ۋە تېلېگراف شىركىتىدىكى سېتىلىۋاتقان ئايفونلار كىرىدۇ. بۇ يەردىن سېتىپ چىقىرىلغان ئايفونلارنىڭ ھەممىسى بىۋاستە بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى ئالما دۇككىنىنىڭ ياكى ئالما شىركىتى ئېتىراپ قىلغان رېمونت قىلىش نوقتىلىرىنىڭ بىر يىللىق سۈپەت كاپالەت مۇلازىمىتىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولالايدۇ. تېلېفوندا سۈپەت مەسىلىسىگە كىرىدىغان ھەرقانداق مەسىلە كۆرۈلسە بىر يىل ئىچىدە ئالما شىركىتى ئۆزى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنداق ئايفونلارنى سېتىۋالغان كىشىلەر يۇقارقىدەك مۇلازىمەتتىن بەھرلىنەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئورۇندا سېتىلىۋاتقان دۆلەت مېلىنىڭ باھاسى ئالما تور بېتىدىكى باھاغا يېقىنلىشىدۇ ياكى ئوخشاش بولىدۇ.

2. «ئەجنەبى مال»غا چۈشەنچە.

بىز بۇ يازمىمىزدا بۇلارنى ئۆزىمىزچە «ئەجنەبى» دەپ ئاتاپ تۇردۇق. چۈنكى بۇنداق ماللارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو مېلى ئەمەس، بۇلار «چەتئەللىك ماللار». بۇلار دۆلىتىمىزدە يۇقارقىدەك دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئاپاراتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئەكىرىلمىگەن. بۇ پەقەت ئاشۇ دۆلەت ۋە رايونلاردا سېتىلىۋاتقان، لېكىن باشقىلار تاموژنىدىن ئوغرىلىقچە ياكى باج تۆلەپ ئەكىرگەن چەتئەللىك ماللار. بۇنى خەنچە 水货 شۈيخو دەپ ئاتايدۇ. بۇنى دانىشمەن تەرجىمانلىرىمىز سۇ مېلى دەپ تەرجىمە قىلىۋاپتۇ، ئۆرگىلەي... بادرىدەكلا توپتوغرا تەرجىمىكەن بۇ. بۇنىڭ سۇ مېلى دېمەيمىز، توغرىسىنى ئېيتقاندا «ئەتكەس مال» دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنى نېمىشقا بۇنداق سەت ئاتايمىز؟ ئەجەبا بۇ ماللار ساختىمۇ؟


ئۇنداق ئەمەس. بۇلار پەقەت تاموژنىدىن ئوغرىلىقچە ئەكىرىلگەن بەزىلىرى باجسىز بەزىلىرى باج تۆلەنگەن ماللار. قائىدە بويىچە ئالما شىركىتى (ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر تېلېفون ياساش كارخانىلىرى) مەھسۇلاتلىرىنى خالىغان بىر دۆلەتكە ئەكىرسە، ئۇلار قانۇنلۇق يول بىلەن ئەكىرىدۇ ۋە شۇ دۆلەتتىكى ئىشلەتكۈچى ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. مىسالغا ئالساق، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە ئايفون AT&T , Sprint, Verizon دىن ئىبارەت 3 چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئابونتى بولۇش شەكلى ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىلىدۇ. ئۇ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ كارتىسىنى ئىشلەتمەي باشقىسىنى ئىشلىتىش توغرا كەلسە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى تاپشۇرغاندىن كىيىن تور قۇلىپىنى ئېچىۋېتىدۇ. ئاندىن خالىغان كارتىنى سېلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. ئامېرىكىدا ئايفوننىڭ سېتىلىشى بۇ شەكلىدە بولىدۇ.
شياڭگاڭدا بولسا تېلېگراف شىركىتىنىڭ تېلېفونلىرىغا باغلانمىغان بولۇپ، بىۋاستە خالىغان كارتىنى سېلىپ بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
جۇڭگودا يەنە ئوخشىمايدۇ. گەرچە جۇڭگونىڭ ھەممىسى قۇلۇپسىز بولسىمۇ، سېتىپ چىقىرىدىغان جايى ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.
دېمەك، ئالما شىركىتىمۇ مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن، مەيلى شياڭگاڭدا بولسۇن، مەيلى جۇڭگودا بولسۇن، ھەر بىر جايدا شۇ يەردىكى ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە بويسۇنغان شەكىلدە مەھسۇلاتلىرى ساتىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قائىدە بويىچە بولغاندا جۇڭگودا شياڭگاڭنىڭكىنى، شياڭگاڭدا ئامېرىكىنىڭكىنى سېتىش قائىدىسىزلىك، مۇنداقچە ئېيتقاندا قانۇنسىزلىق بولىدۇ.
بۇنى خۇددى ئىخلاس شىركىتى قەشقەردىكى ۋاكالەتچىسىگە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى پىچىنىنىڭ بىر يېشىقىنى 100 كويغا ساتقىلى تۇرسا، بۇ تەرەپتىكى يەنە بىرەيلەن بىۋاستە ئۈرۈمچىدىن ئۆزى ئەكىلىپ قەشقەردە 90 كويدىن ساتقانغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. 90 كويغا ساتقان كىشىنىڭ قەشقەردە ئۆزى بىۋاستە ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدۈرۈپ سېتىش ھوقوقى بولمايدۇ. بۇ كىشى چوقۇم قىممەت بولسىمۇ ئاشۇ ۋاكالەتچىدىن ئېلىشى، ئىخلاس شىركىتىمۇ بىۋاستە قەشقەردىكى خېرىدارلىرىغا ئاشۇ ۋاكالەتچىسىنىڭ يولى ئارقىلىق تارقىتىشى كېرەك. بۇ كىشىنىڭ ساتقىنى گەرچە ھەقىقىي ئىخلاس مەھسۇلاتى بولغىنى بىلەن قىلمىشى قانۇنسىزلىق بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگودا، مەيلى ئامېرىكا نۇسقىسى، مەيلى شياڭگاڭ نۇسقىسى بولسۇن، ئىشقىلىپ جۇڭگو نۇسقىسىلا بولمايدىكەن، ھەممىسى جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئەتكەس مال، يەنى شۈيخو 水货 ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېسابلاش ئۇسۇلى بىلەن، جۇڭگو نۇسقىسىنى ئەچىقىپ شياڭگاڭدا ساتسا جۇڭگو نۇسقىسىمۇ ئەتكەس مال بولىدۇ. شىياڭگاڭنىڭ ئۆزىدە سېتىلىۋاتقىنىمۇ شۇلارغا نىسبەتەن دۆلەت مېلى بولغىنى بىلەن، جۇڭگوغا كىرگەندىن كىيىن ئەتكەس مالغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، ھەرقانداق ئورۇندا سېتىلىۋاتقىنى ئۆزىگە نىسبەتەن قانۇنلۇق، سىرتقا چىققاندىن كىيىن يات ئەلدە ئەتكەس مال دېگەن نامغا قالىدىغان گەپ.

مۇشۇ يەكۈندىن سىز نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى تولۇق چۈشىنىپ بولدىڭىز. سىز مەيلى شياڭگاڭ نۇسقىسىنى ئېلىڭ، مەيلى ئامېرىكا نۇسقىسنى ئېلىڭ، مەيلى قانۇنلۇق دۆلەت مېلى بولسۇن ياكى ئەتكەس مال بولسۇن، ئۇ چوقۇم ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەھسۇلاتى. ئاتالمىش «شياڭگاڭ نۇسقىسىنى ئۇ نېمىسى كەم، ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ بۇ نەرسىسى چاتاق» دەيدىغان ئۇقۇم يوق. پەقەت ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ بەزى ئايفونلىرى قۇلۇپلۇق بولىدىغانلا پەرقى بار. رايون جەھەتتە پەرق مانا مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت.

ئۇنداق بولسا نېمىشقا شىياڭگاڭ نۇسقىسى بىلەن ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ باھاسى شۇنچە كۆپ پەرق قىلىدۇ؟


ئەڭ دەسلەپتە ئېيتقىنىمىزدەك، بۇ باھا پەرقى پەقەت «سۈپەت كاپالەت مۇددىتى» دە. جۇڭگو مېلىنىڭ قىممەت بولىشىدا، جۇڭگو مېلى سېتىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن 1 يىلغىچە بىۋاستە ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تەرەپ تەمىنلەيدىغان سۈپەت كاپالەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شياڭگاڭ ۋە ئامېرىكا نۇسقىلىرىدا بولسا جۇڭگودا ئۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالمايدۇ. ئادەتتە بۇنى سېتىپ چىقارغۇچىلار ئۆزلىرى بىر يىلغىچە ئالما تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى تەمىنلەيمىز دەپ ۋەدە بىلەن سېتىپ چىقىرىدۇ. بۇ مۇلازىمەت ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭكى بولمىغانلىقتىن، باھاسى شۇنىڭغا يارىشا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.


ئامېرىكا نۇسقىسىنىڭ شياڭگاڭ نۇسقىسىدىنمۇ تۆۋەن بولىشىدىكى سەۋەب، شياڭگاڭ نۇسقىسىنى كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە شياڭگاڭنىڭ ئۆزىگە بېرىپ شۇ مۇلازىمەتتىن بەھرلەنسە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بولسا بىزگە تېخىمۇ يىراق بولغانلىقتىن، سۈپەت كاپالىتىگە دائىر مەسىلىلەر كۆرۈلسە ھەل قىلىش ئاۋارىچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن باھاسىمۇ تۆۋەنرەك بولىدۇ. لېكىن سۈپىتى ئوخشاشلا بىر خىل.

مۇشۇ يەردە ئەتكەس مال (شۈيخو 水货) بىلەن دۆلەت مېلى (خاڭخو 行货) نى ئايرىش ۋە پەرقىنى بىلىشنى تەپسىلي سۆزلىگەن تېمىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

باھا سۆز

قوللايمەن!: 5.0
jailbreakme  قوللايمەن!: 5
thank you wvery much  يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 22:37
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشەرەپ تەڭگە تۆھپە قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
ئاتامان + 2 + 2 + 2 + 2 كېچىككەن بولساممۇ باھ.

ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 2  تەڭگە + 2  تۆھپە + 2  قىزغىنلىق + 2   باھا خاتىرىسى

7

تېما

9

دوست

1640

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
307
تۆھپە
429
قىزغىنلىق
786
شەرەپ
420
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-29
تېما
7
جۇغلانما
1640
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
239

شەرەپ ئوردېنى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 22:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىلىدۇ ما كۇنۇپكا تاختىسى تۈزۈك بېسىلماي قالدى ئۆزۈر.
!قەشقەر قەسىر مېھمانسارىيى سىزنىڭ ساياھەتتىكى ئەڭ ئېسىل تاللىشىڭىز

3

تېما

0

دوست

683

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
126
تۆھپە
137
قىزغىنلىق
286
شەرەپ
134
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
تېما
3
جۇغلانما
683
تىزىملاتقان
2011-12-11
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:00:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭگاڭ نۇسقىسىنى جوڭگودىمۇ كاپالەت مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەۋاتاتتىغۇ؟

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 23:35:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياغما يوللىغان ۋاقتى  2012-10-2 23:00
شاڭگاڭ نۇسقىسىنى جوڭگودىمۇ كاپالەت مۇددىتى كۈچكە ئىگە ...

ئۇنداق ئەمەس. پەقەت ساتقۇچىلار ئۆزى ئېگە بولىدۇ. ئالما تەرەپ ئېگە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

55

تېما

1

دوست

4377

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
940
تۆھپە
1216
قىزغىنلىق
2050
شەرەپ
1111
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
55
جۇغلانما
4377
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
801

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:09:32 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى چۈشىنىشلىك، دەل تېما بولاپتۇ. ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن، گاڭگىراپ قالغانلار يېشىل چىراققا ئېرىشكۈدەك.

29

تېما

0

دوست

1798

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
311
تۆھپە
462
قىزغىنلىق
872
شەرەپ
464
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-8
تېما
29
جۇغلانما
1798
تىزىملاتقان
2012-5-2
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:54:47 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسلى چۈشىنشلىك ئىسىل تىما بوپتۇ ......
ئالما ئالما يەنە ئالما......     
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1431

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
231
تۆھپە
237
قىزغىنلىق
474
شەرەپ
240
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
تېما
0
جۇغلانما
1431
تىزىملاتقان
2012-6-10
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 06:59:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكا نۇسخىسى قۇلۇپلۇق ،قۇلۇپسىز دەپ ئايرىلامدۇ؟يەنى قۇلۇپسىز نۇسخىسى ئۈچ خىل ئالاقىنى قوللامدۇ؟جۈملىدىن تېلگىرافنى ،شۇنداق بولسا 4س دىن بىرنى ئالسام بولاتتى

12

تېما

0

دوست

793

جۇغلانما

رېيز

Rank: 5Rank: 5Rank: 5

تەڭگە
105
تۆھپە
203
قىزغىنلىق
372
شەرەپ
218
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-19
تېما
12
جۇغلانما
793
تىزىملاتقان
2012-9-12
يازما
133
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 07:14:55 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇلارنى پەرىق ئىتەلمەيتتىم بەك ئىسىل تىما بوپتۇ رەھمەت سىزگە
تەۋپىق ئىسلام تورى  Www.Tewpik.Com

11

تېما

6

دوست

1521

جۇغلانما

خان تاجى

Rank: 6Rank: 6

تەڭگە
223
تۆھپە
409
قىزغىنلىق
710
شەرەپ
402
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
تېما
11
جۇغلانما
1521
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
174
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 08:25:39 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ۋە چۈشۈنۈشلۈك يازما
ئامال با دانا تەرجىمانلار قوللىنىۋاتقان سۇ مېلى دېگەن ئاتالغۇنى يوقاتساق بولاتتى، ھەر كۆرسەم ھەر ئۆتۈم ئاغرىيدۇ
شاڭگاڭ ئالما دۇكىنىدىن تالونلۇج، پىچىتىنى ئاچماي، ئايفون-ئايپەدلىرىنى ۋەكالەتەن ئېلىپ بىرىمەن. QQ:761250477

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 09:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghurbeg يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 08:25
ئېسىل ۋە چۈشۈنۈشلۈك يازما
ئامال با دانا تەرجىمانلار قو ...

شۇنى دېسىلە! كۆرسەم مەنمۇ غەلەت بوپقالىمەن. بۇ خۇددى ئاقسۇنى 白水 ، قىزىلسۇنى 红水 ، خوتەننى 好身 ، ئالتاينى 六月، ياركەنتنى 情人村 دېگەندەكلا بىر گەپتە؟

6

تېما

3

دوست

2219

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
519
تۆھپە
597
قىزغىنلىق
1037
شەرەپ
585
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
6
جۇغلانما
2219
تىزىملاتقان
2012-3-4
يازما
167
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:05:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 09:14
شۇنى دېسىلە! كۆرسەم مەنمۇ غەلەت بوپقالىمەن. بۇ خۇددى ئ ...

ئالامەت تەرجىمىلەر بوپتۇ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭكىگە ئوخشاش.

135

تېما

58

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55Rank: 55

تەڭگە
2500
تۆھپە
2957
قىزغىنلىق
12299
شەرەپ
1884
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
135
جۇغلانما
17145
تىزىملاتقان
2011-11-17
يازما
1553

مۇنبەر مەسئۇلى ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركە1 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 10:05
ئالامەت تەرجىمىلەر بوپتۇ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭكىگە ئ ...

دانالارنىڭ ئىلھامىدا ئازراق تەرجىمە ئويناپ قويدۇق

6

تېما

3

دوست

2219

جۇغلانما

پرادو

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تەڭگە
519
تۆھپە
597
قىزغىنلىق
1037
شەرەپ
585
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
6
جۇغلانما
2219
تىزىملاتقان
2012-3-4
يازما
167
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:07:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاسىبان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 10:06
دانالارنىڭ ئىلھامىدا ئازراق تەرجىمە ئويناپ قويدۇق

لىكىن بەك كەلتۈرۈپسىز جۇمۇ.

55

تېما

1

دوست

4377

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46Rank: 46

تەڭگە
940
تۆھپە
1216
قىزغىنلىق
2050
شەرەپ
1111
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-2
تېما
55
جۇغلانما
4377
تىزىملاتقان
2011-12-9
يازما
801

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر ئەزا ئاكتىپ ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 10:34:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ehsan99 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 06:59
ئامرىكا نۇسخىسى قۇلۇپلۇق ،قۇلۇپسىز دەپ ئايرىلامدۇ؟يە ...

ئامېرىكا نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى ئۈچ تورنى قوللىمايدۇ. ئۈچ تور قوللايدىغىنى ئامېرىكا Verizon نۇسخىسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملېتىش

bottom

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش