- شەرەپ
- 1949
- توردا
- 515 سائەت
- تەڭگە
- 2597
- تۆھپە
- 3053
- قىزغىنلىق
- 13191
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 141
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 18198
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1620
      
- تەڭگە
- 2597
- تۆھپە
- 3053
- قىزغىنلىق
- 13191
- شەرەپ
- 1949
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-29
- تېما
- 141
- جۇغلانما
- 18198
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1620
|
iPhone نورمالدا 3G كارتىسى سېلىنغان ھالەتتە (مەسىلەن، جۇڭگودا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىسى شۇ) رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشىكىنى ئاپتۇماتىك تولدۇرىدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ، ھەتتا جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ CDMA كارتىسىنى سېلىپ ئىشلىتىمىز. ئۇنداق بولغان بۇ كارتىلارنىڭ رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشەش قىسمىنى قول سېلىپ تەڭشەپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. تۆەندە بىز بۇنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى.
بۇنى دېمىسەممۇ بىلىسىزغۇ دەيمەن. رەڭلىك ئۇچۇر ئىۋەتىش ئۈچۈن سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنىڭ GPRS مۇلازىمىتى مۇتلەق ئوچۇق بولىشى كېرەك. ئاندىن ئازراق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. ئۇسۇلى مۇنداق:
بىز تەڭشەك قىسمىدىن 设置-通用-网络-蜂窝数据网 ئىچىگە كىرىپ ئاستىغا قارىساق 彩信 دەيدىغان رەڭلىك ئۇچۇر تەڭشەك قىسمىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىكى مۇناۋسىۋەتلىك جايلارغا مۇنداق قىلىپ توشقۇزۇڭ (中国移动 ئابونتلىرى):
APN گە : cmnet
MMSC گە : mmsc.monternet.com
彩信代理 گە : 10.0.0.172
ئەگەر سىزنىڭ 联通 كارتىسى بوپقالسا مۇنداق توشقۇزىسىز:
APN گە : uninet
MMSC گە : mmsc.myuni.com.cn
彩信代理 گە : 10.0.0.172
电信 كارتىلىرىنىڭ تەڭشەش ئۇسۇلى توردا كۆپ ئەمەسكەن. توغرىمۇ يوق بىلمىدىم. سىناپ كۆرۈڭ (لېكىن ئەڭ توغرىسى تېلېفونىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ 10000 غا تېلېفون ئۇرۇپ شۇلاردىن سوراش. ئۇلار تەڭشەش ئۇسۇلىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرىدۇ. شۇ ئەڭ توغرىسى):
ئاستىدىكى MMS UA Prof URL گە تۆۋەندىكى ئادرېسنى يازىمىز:
توشقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن:
1. ئايفوننى قايتا قوزغىتىڭ.
2. ئاندىن 设置-短信 نىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز تەڭشەك قىسمىدا رەڭلىك ئۇچۇرنىڭ تاللاش تۈرى قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭدىكى 彩信 نى ئېچىپ قويۇڭ. 显示主题栏 نى تاقاپ قويۇڭ (ئېچىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. تاقاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى ئېچىپ قويساق نورمال قىسقا ئۇچۇر يازغۇچە قولىمىز ماۋزۇ قويىدىغان جايغا تېگىپ كېتىپ شۇ يەرگە خەت يېزىپ قالساق نورمال ئۇچۇرنىمۇ رەڭلىك ئۇچۇر شەكلىدە ئېۋەتىپ قېلىشى مۇمكىن.)
دىققەت : رەڭلىك ئۇچۇرنى ئىۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش ۋاقتىدا چوقۇم GPRS تورىنى تېلېفونىڭىزدا ئوچۇق ھالەتتە قويۇشىڭىز كېرەك. 4.0 دىن كىيىن 蜂窝数据网 نى تاقاپ ئاچىدىغان ئايرىم ۋىكليۇچاتىلى بار بولدى. شۇنى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ 设置-通用-网络-蜂窝数据网 نىڭ ئىچىدە. |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شەرەپ + 5
تەڭگە + 5
تۆھپە + 5
قىزغىنلىق + 5
باھا خاتىرىسى
|