- شەرەپ
- 1878
- توردا
- 492 سائەت
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2950
- قىزغىنلىق
- 12225
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-31
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- تېما
- 134
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 17058
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 1545
      
- تەڭگە
- 2494
- تۆھپە
- 2950
- قىزغىنلىق
- 12225
- شەرەپ
- 1878
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-31
- تېما
- 134
- جۇغلانما
- 17058
- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- يازما
- 1545
|
ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش، Apple ID غا پۇل قاچىلاش دېگەندەك بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى كۆپىنچە دوسلار قىلالمايدىكەن. ئىلگىرى بىر دەرسلىك يوللىغان. بىلمىدىم دوستلار بۇنى تاپالمىغانمۇ، ياكى تاپالىسىمۇ يېڭى iTunes قا تەدبىقلىيالمىغانمۇ. تۆۋەندە بۇنىڭ سۈرەتلىك دەرسلىكىنى يوللاشنى ماقۇل كۆردۈم.
دىققەت: بۇ ئۇسۇل Apple ID تىزىملاتقاندا جۇڭگو رايونىنى تاللاپ تىزىملاتقان جۇڭگو ئابونتلىرىغا ماس كېلىدۇ.
ئۇنداقتا دەرسلىكنى باشلىدۇق. ئاۋال كومپىيۇتېردىن iTunes تىن ئاچىمىز. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى iTunes Store نى بېسىپ ئىشنى باشلايلى. چۈنكى ھەممە نەرسە مۇشۇ يەردە.
iTunes Store ئېچىلغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپتىكى بۇ رەتتىن پۇل قاچىلاش 充值 نى تاللايمىز.
كىيىنكى بەتتىن پۇل سوممىسى ۋە پۇل قاچىلايدىغان بانكىنى تاللايمىز. بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشىلىكى شۇكى، سىز چوقۇم تور بانكىسىنى ئاچقۇزغان بانكىنى تاللىشىڭىز ۋە شۇنىڭدىن پۇل قاچىلىشىڭىز كېرەك. تور بانكىسى يوق كارتىدىن پۇل قاچىلىغىلى بولمايدۇ. مەن يەنىلا ئالدىنقى قېتىمقىدەك سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلىنى مىسال قىلاي.
سوممىسى (مەن 50 كوي قاچىلاي دەپ تاللىدىم) ۋە بانكىنى تاللاپ بولۇپ داۋاملاشتۇرۇش 继续 نى باسىمىز.
مېنىڭ ئىشلەتكىنىم Google Chrome تور كۆرگۈسى بولغاچقا جۇڭگوچىلىقتا تور بانكىسى تېخى بۇنداق ئېسىل تور كۆرگۈگە ماغدۇرى يەتمەيدۇ. شۇڭا بىزگە پۇل قاچىلاش ئادرېسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز IE نىڭ ماتورىنى ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈ ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بەلكى بىۋاستە بەتنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا مەن ھاسىل قىلىپ بەرگەن بۇ ئادرېسنى كۆچۈرىۋېلىپ بۇ مەشغۇلاتنىڭ داۋامىنى Internet Explorer دا قىلاي.
بۇ چاغدا iTunes قا قارىساق بۇ ھالەتتە بىزنىڭ تور كۆرگۈدە پۇل قاچىلاش مەشغۇلاتىمىزنى پۈتتۈرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز.
پۇل تۆلەش بېتى ئېچىلدى. ئېچىلغاندىن كىيىن كارتا نومۇرىنى كىرگۈزۈپ داۋاملاشتۇرىمىز.
بۇنىڭ داۋامىنى يوللاپ يۈرمىدىم. تور بانكىسى ئىشلىتىپ پۇل خەجلەپ باققانلار بۇنى چوقۇم قىلالايدۇ. بۇ مەشغۇلات باشقا پۇل خەجلەشكە ئوخشاش. پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن تور بەت ئاپتۇماتىك ھالدا بۇ شەكىلگە ئۆزگىرەيدۇ.
بۇ چاغدا سىزنى تەبرىكلەيمەن. سىز مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇل قاچىلاپ بولغان بولىسىز.
ساقلاپ تۇرساق ئاپتۇماتىك ھالدا iTunes قا قايتىپ بىزگە پۇل قاچىلانغانلىق ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ. بىز بۇ چاغدا Apple نىڭ ئېۋەتكەن بىر دانە ئېلخەت ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز. بۇنى ئوقۇساقمۇ ئوقۇمىساقمۇ بولىدۇ. يەنى مۇۋاپپىقىيەتلىك پۇل قاچىلىدىڭ، قاچىلىغان پۇل مانچە پۇل، بۇنىڭ تالون نومۇرى پالانى دېگەندەك ئۇچۇرلار. ئەمدى تەكشۈرۈپ باقايلى. پۇل قاچىلاندىمۇ يوق.
ئەسلى 10 كويام قاپتىكەن. 50 كوي قاچىلىنىپتۇ. ئەمدى ئالىدىغان ئەپنى ئىزدەپ ئىچىگە كىرەيلى. ئېچىلغاندىن كىيىن باھاسىنى باسىمىز.
بىزدىن سېتىۋېلىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم Apple ID نىڭ پارولىنى سورايدۇ. كىرگۈزۈپ بولۇپ سېتىۋېلىش 购买 نى باسىمىز. ئەگەر سىز تۇنجى قېتىم بۇ كومپىيۇتېردا سېتىۋالغان بولسىڭىز بەلكى سىزدىن بىخەتەرلىك سۇئالىنى سورىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغىمۇ جاۋاب بېرىپ قويىسىز ۋە داۋاملاشتۇرىسىز.
بىر ئازدىن كىيىن پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ ئەپنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن Apple ID غا پۇل قاچىلاش ۋە ئەپ سېتىۋېلىش دەرسلىكى تامام. |
|