سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2011-يىلى 05-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

يۈرەك

بار ئىدى مەندە پەقەت بىر يۈرەك،

بىلىۋالدىڭ.

قارچۇقۇمدەك ساقلىغانتىم مەن ئۇنى،

ئېلىۋالدىڭ .

بولسا ئىدى ئەگەر مەندە مىڭ يۈرەك،

چۈشەنسەڭ،

ھەممىسىنى  ساڭا ئۈزۈپ  بېرەتتىم  .

ئىشەنسەڭ !

رۇبائىيلار

مىنگەن ئات ،كىيگەن تون بەختىڭ سېنىڭكى ،
تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى .
بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن ،بىر قولۇڭ قامچا،
دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.

كۆرۈنگەن ئامەتتىن كەتمىگىن  چۆچۈپ ،
تاغ كۆچسە كۆچسۇنكى ، سەن يۈرمە كۆچۈپ .
ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ ،
ئۆتكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ .


تاغ-تاشنى سۇ بۇزار ،ئەلنى ئۆسەك سۆز ،
ئېشەككە چىقىپتۇ ،دېگەندەك مۈڭگۈز .
پىچىرلاپ سۆزلەشنى قويغىن ئۆگىنىپ ،
بولسىمۇ ئىنساننىڭ بارى ساڭا ئۆز


راست سۆزنىڭ ھىچ يەردە خىجالىتى يوق ،
يالغان گەپ ياياقتۇر مىنەر ئىتى يوق .
يالغاننىڭ بېغىدا كۆكلىمەس دەرەخ،
يا پىشار ئۈرۈكى ، ياكى قېقى يوق .


 

سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر

(بەختلىك بىر كۈننىڭ خاتېرىسى ئۈچۈن)

ئامەتلىك كۈن ئىدى بۇ كۈن مەن ئۇچۇن ،

چىن سۆيگۈ بېغىدىن ئالغانتىم ھوسۇل

پاكىز بىر ئەقىدە بېرىپ نىھايەت ،

تاتلىق بىر سۆيۈشنى قىلغانتىم قوبۇل!


ئېھ،بۈگۈن كۆز ئاچسام قۇياشلىق ئاسمان ،

سۈپسۈزۈك ئەسلىمە قەلبىمدە زاھىر.

ۋە لېكىن سۈت ئۇيقۇ ئىلكىدە زۆھرە ،

تەنھالىق قىيىنىغان مەن غېرىب تاھىر …


نەخ ئۈچيۈز ئاتمىش بەش ئېغىزلىق ئۆيگە،

سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر .

ئېيتقىنا، قانچىگە باسقانسەن قەدەم ،

قانچىگە سېپ قويماي ئۆتكەنسەن كۆز قىر…


مەن يەنە شۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن،

بىز باسقان ئىزلارنى ئىزلەپ يۈرىمەن .

«سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن بۇ كۈن…» دېگەننى ،

دەل-دەرەخ،  گۈللەرگە سۆزلەپ يۈرىمەن  …….


2007-يىلى، سىنتەبىر، قەشقەر

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن

يات كۆزلەرگە باقمىدىم ھەرگىز،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ؛

سۇ بېرەلمەس قولۇڭغا ئون قىز،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ! 

 

گۈللەر سۆزلەپ  تۇرار يېنىمدا،

سۆيگۈڭ ئوت بوپ ئاقار قېنىمدا؛

پاك ئەقىدەڭ كۆكلەر جېنىمدا،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .

 

كۈلكەڭ دۇنيا بېرەر قولۇمغا،

يىغاڭمۇ نۇر  سېپەر يولۇمعا؛

ئۆزۈڭ قالقان چىن غۇرۇرۇمغا،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .

 

كەچمىشىمدە مۇڭلۇق ئاۋازىڭ،

يەتمىشىمگە رىغبەت شوخ نازىڭ؛

يازدۇر ماڭا،ھەتتا ئايازىڭ،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !

 

كۈن بولامدۇ سېنىڭسىز كۈنلەر،

بەكمۇ ئۇزۇن سېنىڭسىز تۈنلەر؛

بۇلبۇل بولدۇم ئىشقىڭدا ئۈنلەر،

بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن …

2007.12 kashgar

ئانا رازى بول