تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2009-03-23

    چاۋشەن ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    چاۋشەن ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى
         1950-يىلى6-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە چاۋشەن رەھبىرى  كىم ئېرسىن كورىيە(جەنۇبى چاۋشەن)گە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى.بىرنەچچە يۈز مىڭ چاۋشەن ئارمىيىسى نەچچە يۈزلىگەن تانكىنىڭ ھىمايىسىدە 38-پاراللىلدىن بۈسۈپ ئۆتتى.شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشەننىڭ بۇ قىلمىشىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئەيىپلىدى.
        ئەينى چاغدا كورىيە(جەنۇبى چاۋشەن)ئارمىيىسىنىڭ بىرقانچە بىرونىۋىكلىرى بولۇپ چاۋشەن بىلەن ئەسكىرى كۈچ جەھەتتە زور پەرقلىنەتتى.3كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كورىيە پايتەختى سېئۇل چاۋشەن ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.8-ئايدا كورىيىنىڭ قولىدا ئاران ئوندىن بىر قىسىم زىمىنىلا قالدى. چاۋشەن تەرەپ دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ «كورىيە(جەنۇبى چاۋشەن)نى ئازات قىلىپ،ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قلدى.
         9-ئاينىڭ 15- كۈنى ب د ت نىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ب د ت قۇشۇنلىرى ئامىرىكىلىق گېنىرال ماك ئارتورنىڭ قوماندانلىقىدا كورييىنىڭ رېنچۇەن دىگەن يېرىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ،چاۋشەن ئارمىيىسىنى بۆلۈپ قورشىۋالدى ھەمدە يوقۇتۇش خارەكتىرلىك زەربە بەردى.ب د ت ئارمىيىسى بىر ھۇجۇم بىلەنلا چاۋشەن پايتەختى پىيوڭياڭنى ئىشغال قىلدى.
    (ب د ت يىغىنىغا سوۋېت ئىتپاقى قەستەن قاتناشماي ھۇقۇقىدىن ۋاز كېچىپ،كېيىن بىزنى    ئۇرۇشۇشقادەۋەت قىلدى)
         كىم ئېرسىن ئالاقزادە بولۇپ ،ئالدىراپ تېنەپ سوۋېت ئىتپاقى ۋە جوڭگۇدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.ئەينى چاغدا ئېلىمىز قۇرۇلۇش قىلغىلى تېخى بىر يىل بولمىغان ،ھەممىنى باشتىن باشلاشقا توغرا كىلىۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا تۇغاچقا بېيجىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئەسكەر چىقىرىقا قۇشۇلمىدى. بىراق ماۋ زېدوڭ ئامىرىكا يالۇجاڭ دەرياسىغا كەلسىلا جۇڭگۇغا ھۇقۇم قىلىدۇ دەپ قاراپ ،ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىۋالدى.
       پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھەركەت كېلىپ،«ئامىرىكا جاھانگىرلىكى نۇمۇسسىزلارچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى.كالپۇك بولمىسا چىش توڭلايدۇ شۇڭا پۈتۈن مەملىكەت خەلقنى ئامىرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىش»كە چاقىرىق قىلدى.
      ئەمىلىيەتتە تەرەپلەرنڭ مەخپى ئارخىپلىرى بۇلۇپمۇ ئامىرىكىنىڭ مەخپى ھۆججەتلىرىدە جوڭگۇ بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھېچقانداق تەييارلىق كۆرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
       10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئارمىيىمىز يالوجاڭدىن ئۆتۈپ چاۋشەن ئۇرۇىشىغا ئارلاشتى.
        3يىللىق ئۇرۇشتا ئۇرۇشقا قاتناشقان تەرەپلەر ساناقسىز ئادەم ۋە ئىقتىسدى جەھەتتى زور بەدەل تۆلىدى.ئەڭ يېڭى مەخپى ماتىريالدا ئاشكارلىنىشىچە ئامىرىكا ئارمىيىسىدىن 50مىڭ   كىشى،جوڭگۇدىن 900مىڭ  كىشى شىمالى  ۋە جەنۇبى چاۋشەندىن ھەربى ۋە پۇقرا بولۇپ قازا قىلغانلار مىليوم كىشىدىن ئاشىدىكەن.
        1953-يىلى 7-ئاينىڭ 27- كۈنى چاۋشەن ۋە جوڭگۇ ئامىرىكىنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە قوشۇلۇپ ،ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.ئىككى تەرەپ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى 38-پاراللىل سىزىق ھالىتىگە قايتتى.شۇنىڭ بىلەن كىم ئېرسىن قوزغىغان بۇ ئۇرۇشنىڭ پەردىسى يېپىلدى.
        بۇ ئۇرۇشتا جوڭگۇ سوۋېت ئىتپاقىغا غايەت زور قەرزگە بۇغۇلدى،سوۋېت ئىتپاقى قەرزنى سۈيلىگەچكە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى.چاۋشەنگە قىلغان زور ياردەم ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا ،پىدايى قىسىم قەۋرىسى كولىنىپ جوڭگۇنىڭ قانلىق ياردىمىنى يوققا چىقاردى.بۇ كېيىنكى گەپلەر

    مەنبە:http://bbs.newssc.org/dispbbs.asp?boardid=22&id=31628


    收藏到:Del.icio.us




1234