• تۆت دانە ئېئوت ۋە ئېئوت ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش قورالى - [ئەسلىي كودلار]

    تور بېكەت ۋە بلوگىڭىزغا EOT ياسىيالماي بېشىڭىز قاتتىمۇ؟ ئەنسىرمەڭ، ھازىر كۆپ ساندىكى تور بېكەت ۋە بلوگ مەسئۇللىرى EOT ياساش دېتالى (weft) نى ئىشلەتمەيدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ تور بېكەتلىرىدىكى تەييار EOT لارنى EOT ئۆزگەرتىش قورالى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپلا، بوشلۇققا چىقىرىدۇ ۋە تور بېكىتىنىڭ CSS تىكى EOT ئادرېسىغا ئۇلاپ قويىدۇ. پېقىرمۇ ئىلگىرى EOT توغۇرلۇق بىر ئاي ھەپلىشىپ، EOT ياساش ئۇسۇلى ۋە EOT نىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ قېتىم كۆپ ئىشلىتىدىغان تۆت خىل EOT ۋە EOT ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش قورالى تەمىنلەندى. مېنىڭچە بۇ EOT لار تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. بۇ EOT لار تۆۋەندىكىچە: ALKATIP Basma، UKIJ Tuz Tom، Alpida Unicode System ۋە UKIJ Esliye لەردىن ئىبارەت.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئۆزىڭىز ياقتۇرغان EOT نى EOT ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش قورالى ئارقىلىق ئېچىپ، ئىچىدىكى EOT ئادرېسىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، تور بېكەت ۋە بلوگىڭىزنىڭ نامىنى كىرگۈزىسىز ۋە ساقلايسىز. مەسىلەن: مەن http://ulinix.cn نىڭ EOT نى ئالماشتۇرماقچى بولسام (Alpida Unicode System نى ALKATIP Basma غا) ئالدى بىلەن خاتىرە دەپتەرگە Alpida Unicode System  ۋە ALKATIP Basma دېگەن بۇ ئىككى خەتنى كۆچۈرىۋالىمەن. ئاندىن بارىلىق بەتلەردىكى Alpida Unicode System خەت نۇسخىسىنى خاتىرە دەپتەر ياكى تور بەت ياساش قوراللىرى ئارقىلىق بىر بىرلەپ ئېچىپ، خەت ئالماشتۇرۇش (替换) نى ئاچىمەن. ئۈستىدىكى رامكىغا باياتىن خاتىرە دەپتەرگە كۆچۈرۋالغان Alpida Unicode System نى ئاستىدىكى رامكىغا يېڭىدىن ئالماشتۇرماقچى بولغان ALKATIP Basma نى كۆچۈرۈپ چاپلاپ، ھەممىنى ئالماشتۇرۇش (全部替换) نى بېسىپ، بارىلىق خەت نۇسخىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ساقلايمەن. (CSS نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاندىن ALKATIP Basma.eot نى EOT ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش قورالى ئارقىلىق ئېچىپ، ئىچىدىكى EOT ئادرېسىنىڭ ئورنىغا http://ulinix.cn ۋە http://www.ulinix.cn  نى كىرگۈزۈپ  قوشۇش (添加) قىلىپ ئىككى ئادرېسنى قوشىمىز. قوشۇپ بولغاندىن كېيىن ساقلايمىز. ئاندىن EOT نى بوشلۇققا چىقىرىپ، EOT ئادرېسىنى CSS نىڭ ئىچىدىكى EOT ئادرېسىغا توغرا ئۇلاپ، ساقلاپ بارىلىق تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن تور بېتىمىزنى بوشلۇققا چىقىرىمىز. ئەسلىدىكى Alpida Unicode System خەت نۇسخىسى ALKATIP Basma غا ئۆزگەردىمۇ؟ قانداق ئوڭايمىكەن؟ ئەمدى سىز بۇ خىل ئۇسۇل ھەر قانداق تور بېكەت ۋە بلوگىڭىزغا EOT ياسىيالايسىز. بلوگلارغا EOT ياساش ۋە CSS ھۆججىتىگە ئۇلاش تېخىمۇ ئاسان. ئەگەر چۈشەنمىسىڭىز، تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ. مەن ھەر قانداق ھاجىتىڭىزدىن چىقىشقا تەييار.

     


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.
  • زىيارەت سانى:
ئېلخەت: gujamniyaz1974@126.com پىنگىۋىن:915575425 تېلفۇن:13779832908
بلوگنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز بۇ تۇغنى ئۇلاڭ