|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-21 20:53
بۇ سىرلىق ئالەمدە ، ئۇنىڭغا ئاپرىدە بولغان جىمى نەرسە ئالەمنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ . سەن مەلۇم بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىي ئۆزىنى تاپقان چېغىڭدا ئاشۇ سىرلىق قۇلۇپلارنىڭ بىرسى ئېچىلغان بۇلىدۇ . قۇياش چىقىدۇ ، ئالەمنى يۇرۇتۇپ ھەممىگە ھاياتلىق لەززىتىنى تېتىتىپ ، قاراڭغۇلۇق قوينىغا شۇڭغۇپ كېتىدۇ . ھېچكىم ئۇنىڭ چىقىشىنى ، پېتىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ . ئۇ سېنىڭ ، نە خوشاللىقىڭ ، نە كۆز يېشىڭ بىلەن زادىلا كارى يوق .
مانا بۈگۈن مەمەت بوۋاملارنىڭ يەتتە نەزىر كۈنى . تولا يىغلاشتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ،ئىشىپ كەتكەن ئەسقەر ئاكام ، ھويلىدىكى تامغا يۈلەنگەن ھالدا ، خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تۇراتتى . بىر كۈندىلا مېھرىبان ئاتا -ئانىسىدىن ، ھەم بىردىن-بىر ئىنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق پاجىئە ، ئۇنىڭ ئەرلەرگە خاس ئېگىلمەس گەۋدىسىنى چىۋىقتەك ئېگىپ ، ساڭگىلاپ تۇردىغان قوساقلىرى ئىچىگە تارتىشىپ قالغان بۇلۇپ ،نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قارىغان ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ يۈرىكى چىدىمايتتى . ئۆي ئىچىدىن ئاڭلىنىپ تۇرغان ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازىدىن ، ھويلىغا كىرگەن ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش ئەگىتەتتى . مەن ھويلىدا يۈگۈر -يىتىم ئىشلارغا ياردەملىشىپ ، ھېلى ئۆيگە ، ھېلى قازان بېشىغا يۈگۈرەيتتىم . ئىچ -ئىچىمدىن ئىسيان كۆتۈرۋاتقان پىغانلىق ياشلىرىمنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە تېرىشساممۇ ، ئەمما كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ ، يۇيىۋاتقان قاچىلىرىمنى تەڭ يۇياتتى . مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان نۇرغۇن قورقۇنىشلىق خىياللارنى ھەرقانچە ئويلىماسلىققا تېرىشساممۇ ، ئەمما ماڭا ئەگىشىپلا يۈرەتتى .
—رەھىمسىز دۇنيا ! — دەيتتىم قايتا -قايتىلاپ پىچىرلاپ . — سېنىڭ مۇشۇ رەھىمسىزلىكىڭ بىلەن مەن يەنە يالغۇز قالدىم ، مەن نېمانچىلا شور پىشانىدۇرمەن ! بوۋام ، مومام تۈگەپ كەتكەندە ھەر قانچە ئازاپلانساممۇ ، سارىخان مومامنىڭ مېھرىبانلىقىدا يالغۇز قالغىنىم ئانچە بېلىنمەپتىكەن . مانا ئەمدى بۇ مېھرىبانلىرىممۇ مېنى تىكەندەك يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى . تۈنۆگۈن ئەسقەر ئاكام ‹ ئەمدى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭ › دېگىنى بىلەن خەيرىنىسا ھەدەمنىڭ شۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىدىن ئانچە خالاپ كەتمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . جەمىلە ھەدەمنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرسە بوينىنى ئېتىپ ، گەپ قىلماي يۈرۈشلىرىنى ھېچ چۈشۈنەلمىدىم . ئەمدى قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۇ مەھەللىدە كىم مېنى قانات ئاستىغا ئالار ؟ ئىليارغىغۇ ئىشىنىمەن ، ئۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ . ئەمما شۇ چاققىچە يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرەر ؟ مەيلى نېمە ئىش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئىليارنى چوقۇم ساقلايمەن . ئىليار مۇشۇ تاپتا يېنىمدا بولغان بولساڭ قانچىلىك ياخشى بۇلاتتى -ھە ؟ ! ...
خىيال بىلەن بۇلۇپ كېتىپ بېشىمدا ماڭا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان جەمىلە ئاچامنىڭ يېنىمغا قاچان كەلگىنىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىدىن ئەندىكىپ تۇرۇپ كەتتىم . قۇلۇمدىكى يۇيىۋاتقان قاچىمۇ داسقا توككىدە چۈشۈپ ، داستىكى يۇندا ئىشتانلىرىمغا چاچراپ كەتتى .
— ھەممىگە سەۋەپچى بولغان سەن جۇۋاينىمەك ، ھو تېگى پەس بۇزۇق ! سەندەك نەس باسقان يىتىم ئوغلاقنى بۇ ئۆيگە ئەكىرىپ ، مانا ئەمدى ھەممىمىزنى نەس باستى . سېنىڭ كاساپىتىڭدىن بوۋاڭ ، موماڭمۇ ئۆلۈپ تۈگىگەن . مانا ئەمدى بۇ پوقىڭ بىزگە چاپلىشىپ ، بۇ ئۆيدىكىلەرنىمۇ تىرىك يىتىم قىلدىڭ . ئەسلىدىنلا سېنىڭ بۇ ئۆيدە تۇرىشىڭنى خالىمايتتۇق . ئاپام بىلەن دادامنىڭ چىڭ تۇرىشى بىلەن مەيلى دىيىشكەن . بۇنداق بۇلىدىغىنىنى بۇرۇنراق ھېس قىلغان بولساق ، ھەرگىزمۇ بوسۇغىمىزنى ئاتلاتتۇرمايتتۇق، ئەمدى بۇ يەردىن يوقال ! — دېدى قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ .
تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي داسمالنى مىجىغدىغىنىمچە تۇراتتىم . ئوي ئىچىدىن بىر قانچە مەھەللىنىڭ خوتۇنلىرى ياق ، گەپ تاپار غەيۋەتچىلىرى يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ جەمىلە ھەدەمگە بۇلۇشقىلى تۇردى .
— شۇ ئەمەسمۇ ، ئاتا-ئانىسى ھارامدىن تېپىپ قۇيۇپ ، شۇڭا تاشلىۋەتكەن بىرنېمە بۇلىشى مۇمكىن . بۇنداق نەس باسقۇر كىمنىڭ ئۆيىگە بارسا شۇنى نەس باسىدۇ . ئىلگىرى شۇنچە ياخشى يەرلەردىن ئەلچى كەلسە تەگمىدى ، نەدىكى ئىگىز شاپتوللارغا قول ئۇزۇتۇپ . ئەپتىڭگە قاراپ باققىنە ، ئىليارغا تىگەرمىش تېخى ! ئىليارنىڭ ئاپىسى سەندەك ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاقنى ئېلىپ بېرەما ؟ يەنە كىلىپ خەق دېگەن چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇدى ، چوڭ شەھەرلەردىكى ئاپپاق يۈزلۈك شەھەرلىك سەتەڭلەرنى ئالماي ، قۇرۇپ قالغان قۇناق شېخىدەك سېنى ئالامدا ؟! غۇنچىدەك چاغلىرىڭدا بىرسىنىڭ پېشىغا ئېسىلۋالغان بولساڭ ، موماڭ بىلەن بوۋاڭمۇ يەرلىكىدە خاتىرجەم ياتقان بۇلاتتى . مانا ئەمدى مەھەللىمىزدىكى سەن بىلەن دىمەتلىك قىزلاردىن سەنلا قالدىڭ . سەندەك قېرى قىزنى كىم ئالاتتى ؟ ئالسىمۇ سېنى ئالغان ئادەمنى نەس باسىدۇ ! — دېدى قوللىرىنى كۆزىمگە سېيىپ تۇرۇپ خۇشخۇيخان ھەدەم .
— راست دەيلا راست ، - دېيىشتى ئەتراپتىكىلەرمۇ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ . بۇ چاغدا دەرۋازىدىن يۈگۈرىپ كىرگەن ئەسقەر ئاكام ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ؛
— بۈگۈن دادام بىلەن ئاپامنىڭ نەزىرىنى قىلىۋاتىمىز ، جەمىلە سىزنى خېلى ئەقىللىق كېلىن دەپ يۈرەتتىم . بۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىدىغان چاغما ؟ يەنە سىلىمۇ خۇشخۇيخان ھەدە ، ئاغزىڭىزغا بېقىپ گەپ قىلىڭ . گۈزەلئاينى دادام ئاپاملار ئۆز قىزىنىڭ ئورنىدا كۆرەتتى . بۇ قىزدا نېمە گۇنا ؟! گەپ دەپلا دەيدىغان گەپ ئەمەس . كەتكەنلەرنىڭ روھى قۇرۇنۇپ قالمىسۇن دېگەنلەرنى ئويلىساڭلار نېمە بۇلا ؟
ئەسقەر ئاكامنىڭ گېپى بىلەن ئۇلار قىلغانلىرىدىن خىجىل بولدىمۇ بىر -بىرگە قارىشىپ باشلىرىنى تۆۋەن قىلغان ھالدا سىرتقا ماڭدى . ئىشىك تۆۋىدە بۇلىۋاتقان ئىشلارغا ئارلاشماي قاراپ تۇرغان خەيرىنىسا ھەدەم ، ئۇلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ ؛
— گۈزەلئاي ، ئەسقەر ئاكىڭىز سىزنى بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن دېدى . ئەمما مەن بۇنىڭغا تازا قوشۇلمايمەن . سەۋەبى ، كۆرگەنسىز ئاۋۇ ئاياللارنىڭ قانداقلىغىنى . بۇرۇنمۇ سىز بىلەن ئەسقەر ئاكىڭىز ئۈستىدىن گەپ تېپىپ تاس قالغانتىم ئاجىرشىپ كەتكىلى . ئەمما مومىڭىزنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ قۇرۇق گەپلەرگە ئىشىنىپ قالغىنىمغا پۇشايمانمۇ قىلغان . بۈگۈن ئاكىڭىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سىز ئۈچۈن گەپ قىلدى . كىم بىلىدۇ ئەتە ئۇلار يەنە نېمە گەپلەرنى تېپىپ مەھەللىدە چۆچەك قىلىدىغىنىنى . شۇڭا مەن سىزنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىشىڭىزنى خالاپ كەتمەيمەن . تۇرماڭ دىمەيمەن تۇرۇڭ . لېكىن تېزراق بىرەسى بىلەن توي قىلىپ چىقىپ كېتىڭ . سىزنى بىراقلا ئۆيدىن چىقىرۋېتىشقا بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ . سىزنىڭ يا بىر ئۇرۇق -تۇققىنىڭىز يوق . شۇڭا گېپىمىزنى ئاڭلاپ ئەمدى ئۇ ئىليارنى ساقلايمەن دېمەي ، بىز دېگەن يەرگە كۈنۈپ ، شۇ يەردە جېنىڭىزنى جان ئېتىڭ . جەمىلە ھەدىڭىزمۇ ئەنۋەر ئاكىڭىزدىن ئايرىلىپ ، قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىسىنىڭ دادا يۈزىنى كۆرمەيلا يىتىم قالغىنىغا چىدىماي ئىگىز -پەس سۆزلەپ قويدى . ھەرگىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ سىڭلىم . مەنمۇ بۇ گەپلەرنى سىزگە ئەسلىدە كېيىنچە دەرمەن دەپ ئويلىغان . بۈگۈن بۇ گەپ بۇلۇپ قالدى ،شۇڭا دەپ سالدىم .
— ئەمدى تېزىنى باسسام بېزى دېگەندەك سەن جۆيلىگىلى تۇردۇڭغۇ ئەمدى ،بولدى قىلىشساڭلارچۇ ! — دېدى ئەسقار ئاكام ئايالى خەيرىنسا ھەدەمگە نارازى بۇلۇپ .
مەن نېمە دىيەلەيتتىم . مۇشۇ ۋاقىتتىكى مەن خۇددى ئىشىك تۆۋىدە بويۇن قىسىىپ تۇرغان تىلەمچىگىلا ئوخشاپ قالغان ئېدىم .
|
|
|
|
|
|
|