ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: مېھرىيە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەرسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم (پوۋىست )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

111#
ۋاقتى: 2015-5-16 14:43:45 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي ئاخىرى قىنى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

112#
ۋاقتى: 2015-5-17 00:17:53 | ئايرىم كۆرۈش
دەۋامىچۈ مھرېيە.
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

113#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-18 12:21:59 | ئايرىم كۆرۈش

بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى .كەچكىچە ئازراق بولسىمۇ يازىمەن جانىم . سەت بولدى

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

114#
ۋاقتى: 2015-5-18 13:43:56 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-18 12:21
بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى .كەچكىچە ئازراق بولسىمۇ يازىمەن جا ...

كەچتە كورۇش نىسىپ بولدىكەندە .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

115#
ۋاقتى: 2015-5-18 15:25:17 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-18 12:21
بۈگۈن ۋاقتىم چىقتى .كەچكىچە ئازراق بولسىمۇ يازىمەن جا ...

ۋاھ بۈگۈن ئاخىرىنى ئوقۇيدىكەنمىزدە تىزراق يوللاڭ بەك تەشنا بوپ كەتتىم.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

116#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-19 17:59:57 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-20 15:44  

مېنىڭ سۇئالىمدىن ئىليارنىڭ چىرايىدىكى جىددىلىك ، ئەندىشىلەر بىر -بىرىگە گېرەلىشىپ ، بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بوش ئاۋازدا ؛
— ئەسلىدە ساڭا دېمىگەن ئېدىم ، ئۆتكەندە ئاپام تۇيۇقسىزلا كۆزى كۆرمەس بۇلۇپ قالدى ، ئاپامنىڭ دېيىشىچە بۇنداق ئەھۋال نەچچە مىنۇت داۋاملىشىپلا يەنە ئوڭشۇلۇپ قالىدىكەن . شۇڭا تاغاملار بىلەن تىببى ئىنىستۇت تارمىغىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكەن ، مېڭىسىدە ئۆسمە بار دەپ دىئاگنۇز قويدى . ئوپىرەتسىيە قىلدۇرۇشقا ئاپام قەتئى قوشۇلمىدى . ئۆسمە كۆرۈش نېرۋا تۇمۇرلىرىنى بېسىۋالغاچ ، ئاپامدا ئاشۇنداق بىنورمالسىزلىق كۆرۈلۈپتىكەن . ئەمما يامان يېرى ،مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئۇقۇپ ، مۇشۇ نەچچە كۈن جەريانىدا ، ئاپام تولا يىغلاپ ، ئۆز -ئۆزىنى شاپىلاقدايدىغان ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ، خۇددى نېرۋىسى ئاداشقان كىشىدەك كونتۇرۇللىقىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇدىغان  بۇلۇپ قاپتۇ . دادام بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يەنە دوختۇرخانىگە تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىپتىكەن ، ئاپام دادامنىڭ گەپلىرىگە قۇلاقمۇ سالماي ،  ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كېلىپتۇ . دادام پەستە قالدى ھازىر ، مەن ئاپامغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئېلىپ چۈشۈپ دوختۇرغا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئامالىنى قىلاي گۈلۈم . ئاپام ساڭا ئىگىز -پەس گەپ -سۆزلەرنى قىلغان بولسا كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمىگىن . بەلكىم ئۇ ئۆزىمۇ نېمە داۋاتقىنىنى بىلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن ،— دېدى ماڭا ئەندىشە ئىچىدە قاراپ .
— ھېچقىسى يوق ئىليار ، مەن خاپا بولمۇدۇم . تېزراق ئاپاڭنىڭ يېنىغا كىرگىن . مەنمۇ ئىشقا ماڭاي . كەچتە سېنى باغچىدا ساقلايمەن . خوش ئاللاغا ئامانەت !
—ھە ماقۇل ئەمىسە ، كەچتە چوقۇم بارىمەن .
ئىليار بىلەن خوشلۇشۇپلا ئالدىراپ پەلەنپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم . چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مېنى كۆرۈپ يەنە چېچىلىپ كېتىشىنى خالىمىغان ئېدىم . ئەمما شۇ 6 قەۋەت بىنادىن  چۈشۈپ بولغۇچە ، ئىليارنىڭ تەڭقىستا قېلىۋاتقان چىرايى كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەي ، قەلبىمنى بىر خىل ئەنسىزلىك چىرماپ ، نەپەسلىرىم خۇددى پەلەنپەيدىن چىقىپ كىتىۋاتقان ئادەمدەك قىسىلىپ ، بىنادىن شۇنچە تەستە چۈشتۈم .
بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق بۇلۇپ ، ئاسماننى كۈلرەڭ ، قارا بۇلۇتلار قاپلىغان ئېدى . دەرەخلەردىن شامالدا شۇڭۇلدىغان ئاۋاز كېلەتتى . جاھاننى قاپلىغان چاڭ -تۇزان كىشىنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ھەم ۋەھىمىلىك سېزىم بېرەتتى . يول بويىدىكى ئىگىز سىمۇنت تۆۋرۇككە تارتىلغان توك سىملىرىدىن شامالدا خۇددى ئادەمنىڭ يېغىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يىغا، بىر ئۆكسۈش ، بىر ئېسەدەش ئاڭلىناتتى . بۇ نالە يەرنىڭ تېگىدىن ، ئاسماننىڭ قەھرىدىن كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى . مەن ئەتراپقا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدىم ‹ توۋا › دېدىم ئىچىمدە ‹ ئادەم تەبىئەت بىلەن قوش كېزەك دەپ قايسى بىر كىتاپتىن ئوقۇغۇنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . ماۋۇ ھاۋا مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋالدىمۇ قانداق ، بۇنىڭمۇ تازا بىر يىغلىغۇسى كېلىپلا تۇرىدۇغۇ ! تەبىئەت يىغلىسا ، جاھان كۆكىرىپ ، دېھقان ئاتىلارغا خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ ، ئەمما مەن يىغلىسامچۇ ؟  ياق ، مەن يىغلىمايمەن ، چوقۇم بېشىمنى تىك تۇتۇپ ، ھاياتقا ئۈمۈتلۈك بېقىپ ياشىشىم كېرەك . بۈگۈن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كەچلىك بازارغا بارماي ، ئالدى بىلەن ئىجارە ئۆي ئىزدەي  ، ئەمدى ئىليارنىڭمۇ پىراكتىكىسى توشۇدىغانغا بىر ھەپتىلا ۋاقىت قالدى ، بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكىمۇ بولمايدۇ ، ئۇنى تەڭلىكتە قۇيۇدىغان ئىشنى قىلماي ، ئۆزەمنىڭ جېنىنى ئۆزەم جان ئېتەي  ›  
مەن شۇلارنى ئويلاپ ئىتتىكلا بىكەتكە  قاراپ يۈگۈردۈم . سۇ تامچىلىرى بىلەن كۆپجۈگەن قارا بۇلۇت ، غەرب شامىلىنىڭ سۈرۈشى بىلەن ئاستا -ئاستا پەسلەپ يامغۇر تامچىلىرىنى قۇيۇۋەتتى .

13

— گۈزەلئاي ھەدە  نېمىگە شۇنچە خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىز ، ئىليار ئاكامنى ئويلاپما ؟
ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرغان رىزۋاننىڭ قاچان دۇكانغا كىرگىنىنىمۇ سەزمەپتىمەن ، ئىتتىك ئۆزەمنى ئوڭشاپ ؛
— شەيتان قىز ، بۇ يەردىن  كېلىشكەن يىگىتلەر ئۇياقتىن بۇياققا ئۆتۈپ تۇرسا   ، ئۇنى ئويلاپ نېمە قىلاتتىم ،—دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي .
— قارىسام خىيالغا پېتىپلا قاپسىز ، غەمكىنلا كۆرۈنىسىز ، ئىليار ئاكام بوزەك قىلمىغاندۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىشكە مېنىڭ ئامالىم بار ھەدە !
— ۋاي ئۇ مېنى نېمىشقا بوزەك قىلىدىكەن ، ئۇنداق ئىش يوق سىڭلىم ، شۇ سىلەرنىڭمۇ تەتىلىڭلەر توشۇپ قالدى ، شۇڭا مەنمۇ بىرە يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ، ئۇ ياتاقتىن كۆچۈپ چىقسام بۇلاتتى . شۇنىڭ غېمىدە ئولتۇرغانتىم .
— شۇ قارىساملا مۇنۇ كۈلۈپلا تۇرۇدىغان چىرايىڭىز بۈگۈن باشقىچە تۇرىدۇ . ئىليار ئاكام بىلەن قانداق مەسلىھەتلەشتىڭىز ؟ ئۆزىڭىز يالغۇز بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالسىڭىز بەك قىممەت توختاپ كېتەرمۇ ؟
— ئىليار بىلەن تېخى بۇ ھەقتە پاراڭلاشمىدىم . ئۇنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدا ، شۇڭا ئۇ بەكلا ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى . ئىككى كۈن بولدى ئۇنى كۆرمۈدۈم .
— ۋاي نېمە دەيدىغانسىز ، بىر بىنادا تۇرۇپمۇ كۆرمۈدۈم دەيسىزغۇ ؟ سىلەرگە بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ ئىليار ئاكامغۇ شۇنداق مەسئۇلياتچان ئېدى بولمىسا ! ئاپىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ -ھە ؟
— ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ، يەنە كېلىپ بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ، نەچچە كۈن ئىلگىرى دوختۇرخانىگە بارسام ، مېنى كۆرۈپلا ياتاقتىكى قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ دوختۇرخانىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلىۋەتتى . شۇڭا مەن ئىككىنچىلەپمۇ بارمىدىم .
— ئىليار ئاكامچۇ ، ئۇ نېمە داۋاتىدۇ ؟
— نېمە دەيتتى سىڭلىم ، بېشى ساڭگىلاپلا كەتتى . ئۇمۇ بۇنداق بۇلىشىنى خالىمايدۇ-دە ! ئاپىسىغا گەپ قىلاي دېسە يەنە ، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى چۈشۈنىمەن رىزۋان ، شۇڭا ئىلياردىن رەنجىشىم يوق . ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ، بۇ ئىشلارنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ . ئاۋال ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتسۇن . شۇڭا ئۇنىڭمۇ كۆزىگە كىرىۋالمىدىم . ئۇنىڭ باش قېتىنچىلىقىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ، شۇڭا ئۆزەم ھەل قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزەم ھەل قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلۇدۇم .
— توغرا ئويلاپسىز ھەدە ، ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا قايىلمەن . بىر -بىرىڭلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ ، بىر -بىرىڭلارغا ياردەمدە بۇلۇپ كېلىۋاتىسىلەر . بىر -بىرىڭلارغا بولغان ئىشەنچىڭلار سۇزلاپ قالمىسۇن . چوقۇم مىرادىڭلارغا يىتەلەيسىلەر !
— رەھمەت سىڭلىم . ھازىرقى ئەڭ چوڭ غېمىم ، بىر ئۆي تېپىش ، نەچچە كۈندىن ئۇيەر -بۇيەرلەردىكى ئوي ئىجارىگە بېرىش ئېلانلىرىغا خېلى يۈگۈرەپمۇ باقتىم . ئەمما مۇۋاپىق ئۆي چىقمىدى ، سىز دېگەندەك يالغۇزلا بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالسام ، ھازىرقى بۇ شارايىتىمدا ماڭا راستىنلا ئېغىر كېلىپ قالغۇدەك . نەچچىمىز بىرلىشىپ ئالساق دېسەم ، ھازىرچە ھېچكىم يوقكەن . شۇڭا بېشىمنىڭ ئىچىمۇ -تېشىمۇ قېتىپ كەتتى سىڭلىم .
— مۇنداق دەڭ ، مەنمۇ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي ، ئەمما كىلەر ھەپتىلا مەكتەپكە قايتىدىغان بولغاچ ، بۈگۈن خۇجايىنىم بىلەن ھېساپ -كېتاپ قىلىشىپ بۇلۇپ ، سىز بىلەن خوشلاشقىلى كېرىشىم ئېدى . شۇنىڭدىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كۆرەي ، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ ھەدە ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
— ماقۇل سىڭلىم ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ھېلىمۇ سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە مۇشۇنچىلىك كۈنگە ئۇلۇشۋالدىم . بۇ ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمەن .
—ۋاي -ۋۇي ھەدە ! يەنە شۇنداق دېسىڭىز خاپا بۇلۇپ قالىمەن جۇمۇ ، ئىليار ئاكام ماڭىمۇ مەكتەپتە جىق ياردەملەرنى قىلغان . بۇ قانچىلىك ئىشتى ، كېيىن پۇلنى جىق تېپىپ باي بولغاندا ، مېنىڭدەك بىر سىڭلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا بولدى ، كىم بىلىدۇ ، كېيىن شىركەت ئېچىپ كەتسىڭىز ، مەن سىزگە كاتىپ بۇلۇپ ئىشلەمدىم تېخى ! ھى ھى ھى
— ھا ھا ھا
رىزۋاننىڭ چاقچىقى بىلەن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق ، ئالا كۈچۈكلىرىم تاققا چىقىپ كەتتى بولغاي ، كەيپىياتىم كۆتۈرلۈپ ، خېلىلا يىنىكلەپ قالدىم . رىزۋان خوشلۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، مەندىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان خۇجايىنىم سەل ھەيران بولغان ھالدا ؛
— نەچچە كۈن بولغان سەن بايامقىدەك كۈلۈپ باقمىغىلى ، بىرە ئىش بولغانمىتى ؟ گەرچە مەن سېنىڭ خۇجايىنىڭ بولساممۇ ، ئەمما ساڭا يىقىندىن ئامراق بۇلۇپ قالدىم ،چۈنكى سەن تولىمۇ تېرىشچان ئىكەنسەن .

يەنە ئىشىم چىقتى خەپ !!

1

تېما

133

يازما

377

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 777
يازما سانى:
133
تىللا:
221
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
30 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-7
117#
ۋاقتى: 2015-5-19 20:03:30 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-19 17:59
مېنىڭ سۇئالىمدىن ئىليارنىڭ چىرايىدىكى جىددىلىك ، ئەند ...

سىز ئەسەرنى بىر دەپتەر قەلەمغا يېزۋېلىپ يېزۋاتامسىز ياكى كومپىيۇتېر ئالدىغا كېپلا كاللىڭىزدىكى پىشۇرۋالغان
ۋەقەلىك بويىچە يېزۋاتامسىز ! ئەسىرىڭىز ياخشى چىقۋاتىدۇ،مۇشۇنى بىلىپ باققۇم كېلۋاتىدۇ .

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

118#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-20 15:34:19 | ئايرىم كۆرۈش
كەمجان يوللىغان ۋاقتى  2015-5-19 20:03
سىز ئەسەرنى بىر دەپتەر قەلەمغا يېزۋېلىپ يېزۋاتامسىز  ...

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، مەن كومنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ، تاراق -تۇرۇق بېسىپلا يوللاۋاتىمەن . ۋاقتىم بولسا ئېدى ، ئالدى بىلەن بىرە قەغەزگە يېزىپ ، تەھرىرلەپ ئاندىن مۇنبەرگە يوللىغان بولسام ، نۇرغۇن خاتالىق مەسىلەن : ئىملا خاتالىقى ۋاھاكازا ... لاردىن ساقلىنىپ قالار بولغۇيتتۇم . يۇقۇرقى يوللىغىنىمنى ھەتتا بىرە قېتىم ئوقۇپ باقمايلا ، ئىشىم چىقىپ قېلىپ يوللاش كۇنىپكىسىنى بېسىۋېتىپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكەنتىم . مانا ھازىر مۇنبەرگە كىرىپلا يەنە ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپ سىزگە ئىنكاس يېزىپ ئولتاردىم . دېمەك ، يىقىندىن ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ ، ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ . چىقسىمۇ بىر سائەت ياكى يېرىم سائەت . مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلنىپ يازغىنىمنى يوللاپ كېلىۋاتىمەن . كوپچىلىكنى تولىمۇ ساقلىتىپمۇ كەتتىم .
ھەرقانداق تەكلىپ -پىكىرلىرىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قۇيىشىڭىزنى سەمىمىلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن . رەھمەت !

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

119#
ۋاقتى: 2015-5-20 15:44:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزگە مۇشنداق ياخشى ئەسەرنى سوۋغا قىلغىنىڭىزدىن سۇيۇندىم ،سالامەتلكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ !
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

120#
ۋاقتى: 2015-5-20 16:04:49 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى داۋاملىشۋاتدۇ .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:27 , Processed in 0.145479 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش