|
راستىمنى دېسەم مەن مۇشۇ شىنجاڭدا تۇغۇلغان ، دادام ئاپاملار ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۆزلەيدۇ . تېخى ئۇدۇل خوشنىمىز ئۇيغۇر . بىز شۇنداق ياخشى ئۆتىمىز . سىلەرنىڭ ھېيت -بايراملىرىڭلاردا ئۇلار بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇلار پىشۇرغان گۆش تولىمۇ تەملىك ، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ ئۇلار پىشۇرغاندەك پىشۇرالمايدىكەنمىز ، شۇڭا بەزىدە گۆشنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ بېرىمىز ، پىشۇرۇپ بېرىڭلار دەپ ،ئىشقىلىپ يىقىن ئۇرۇق -تۇققانلاردەكلا دېگىنە ! مەن ئۇيغۇرچىنى دادام -ئاپاملاردەك سۆزلىيەلمىسەممۇ ، ئەمما خېلىلا چۈشۈنەلەيمەن . بايامتىن دوستۇڭ بىلەن ئۆي ئىجارىگە ئېلىش توغرۇلۇق پاراڭلاشتىڭ . سېنىڭ قىيىنچىلىقىڭ مېنىڭ قىيىنچىلىقىم . كېم سېنى مېنىڭ دۇكىنىمدا ئىشلىسۇن دەپتۇ ھى ھى . شۇڭا بۇ ئىشتا مەن ساڭا ياردەم قىلاي ، ناۋادا يەر ئاستى ئۆيىكەن دېمىسەڭ ، مېنىڭ ئويۇمنىڭ يەر ئاستى ئۆيىمۇ خېلى چوڭ ، ھەم دېزىسىمۇ بار ، ئۇنچە زەيمۇ ئەمەس . سېنى ئىجارىگە پۇل بەرگىنمۇ دېمەيمەن . كارۋاتتىن بىرنى ئەكىرىپ ، ئانچە -مۇنچە سارامجانلاشتۇرۋالساڭلا بۇلىدۇ . يولدۇشۇم خەۋىرىڭ بار ، يىقىندىن گۇئاڭجۇدىكى شىركەتتە سېتىۋاتقان كىيىملىرىمىزگە ماركا ئالىمەن دەپ ئالدىراش . ھازىرچىمۇ قايتىپ كېلەلمەيدۇ . ئۇ قايتىپ كەلگەن ھالەتتىمۇ قۇرۇنۇپ يۈرمىگىن ، بىز سېنىڭ نەزىرىڭدە خۇجايىن بولغۇنىمىز بىلەن ، پۇل تاپقاندا باشقىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ، قىيىنچىلىققا يۇلۇققانلارغا ياردەم قىلىشنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق . سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر سۆزىڭلار بار ‹‹ سەن بىرنى يۆلىسەڭ ، سېنى مىڭى يۆلەيدۇ ›› دەيدىغان . شۇڭلاشقىمۇ ئىشقىلىپ يىقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى سودىمىز يامان ئەمەس ، كىچىكلىكتىن كېڭىيىپ مانا ئەمدى ئۆز ئالدىمىزغا ماركىمىزمۇ بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ . ناۋادا بۇ ئىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا ، كېيىنچە تارماق دۇكانلىرىمىزمۇ بۇلىدۇ دېگىنە . مېنىڭ ساڭا ئىشەنچىم بار ، سەن باشقىلارغا ئوخشۇمايدىكەنسەن . سەندە بىر خىل تالانت بار ، مېنىڭچە سەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى . شۇڭا سەن بوشاشمىغىن ماقۇلمۇ ؟ — دېدى خۇجايىن ماڭا ئۈمۈتلۈك قاراپ .
— رەھمەت خۇجايىن ، ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىڭىزدىن تولىمۇ خوشال بولدۇم . ئىلگىرى بوۋام ، مومام ، ئىلياردىن باشقىلار مېنى چۈشەنمەيتتى . مېنىڭمۇ شۇنداق ئۆز ئالدىمغا بىرە ئىش قىلىش ئارزۇلۇرۇم بار ، ئەمما مەندە دەسمايە تۇرماق ، قوسۇقۇمنى توقلىغىدەكمۇ پۇل بولمىغاچ ، مۇشۇ يەردە ئالدى بىلەن ئىشلەپ ئاندىن ئوقۇشنى ئوقۇي دېگەنتىم . ئىليارنى سىزمۇ كۆردىڭىز ، ئۇ ياخشى بالا ، ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى . ئەمدى بولسىمۇ ئۇنىڭغا ئېغىرچىلىقىمنى سالماي دەپ ئويلىدۇم . يەر ئاستى ئۆي بولسا نېمە بوپتۇ ، مەن ئۈچۈن بۇ ئۆي ھازىر خۇددى ھەرەمباغدەك دەڭە . بەك خوش بولدۇم خۇجايىن ، رەھمەت سىزگە ، — دېدىم ھاياجاندىن خۇجايىننىڭ قوللىرىنى سىقىپ تۇرۇپ .
— تۈزۈت قىلما گۇلى ( خۇجايىن مېنى شۇنداق دەپلا ئاتايتتى ) ، ناۋادا بۇ قىيىنچىلىقىڭنى ھەل قىلىپ بەرمىسەم ، كەچكىچە ئېڭىكىڭنى يۆلەپ غەمگە چىلىشىپ ئولتۇرساڭ ، ماۋۇ دۇكانغا كىرگەن خېرىدارلارمۇ كەينىگە يېنىپلا چىقىپ كېتىدۇ ، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ زىيان بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ! ھى ھى
— ھا ھا ھا ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەپ بىكا ئېيتماپتىكەن
— ھا ھا ھا ...
14
قاراڭغۇ كېچە ...
ئاسماندا نە يۇلتۇز ، نە ئاي يوق . زىمىن بىلەن ئۇپۇق تۇتىشىپ كەتكەن ، ئەتراپ تىمتاس ، تەبىئەت ئېغىر ئۇيقۇدا ...
پەقەت مەنلا ئۇيغاق ئېدىم . يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇيقا كېلىدىغاندەك ئەمەس تورۇسقا تىكىلگىنىمچە ياتاتتىم. 8كۇۋادىرات كېلىدىغان يەر ئاستى ئۆيىنىڭ مېھرى شۇنچە ئىسسىق بولسىمۇ ، ئەمما يالغۇزلۇق ، بۇلۇقتۇرمۇلۇق ، سېغىنىش مېنى ئارامىمدا قويمايتتى . ئىليارنىڭ پىراكتىكىسى تۈگەپ ، ئاپىسىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتتى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئاپىسىنى ئاپىرىپ قۇيۇپ ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەن بىلەن خوشلۇشۇپ مەكتىۋىگە قايتىش ئېدى . ئەپسۇس كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى ، ئىلياردىن ھېچ بىر خەۋەرمۇ يوق ، ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ بارلىق دەرت -ئەلىمىمنى كۆزۈمدىن ئېلىپ ياتاتتىم . توساتتىن ئىشىك چېكىلدى . مەن قورقۇنىمدىن يوتقىنىمنى بېشىمغا پۈركەپ ، ئۇچىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە مىدىر -سىدىر قىلماي ياتتىم . ئىشىك يەنە چېكىلدى ، بۇ چاغدا بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ غالىلداپ تىترەشكە باشلىدىم ، ئەمما ئاۋاز چىقىرىشقا قەتئى جۈرئەت قىلالمىدىم . ئىشىك بىر ھازا چىكىلگەندىن كېيىن ؛
— گۇلى ، بۇ مەن فاڭ ئاچاڭ ، قورقما ! ئىلياردىن تېلىفۇن كەپتۇ . ئىشىكنى تېزراق ئاچقىن
مەن خۇجايىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا يۈرۈكىم ئازراق ئىزىغا چۈشۈپ يۈگۈرۈپ بېرىپلا ئىشىكنى ئاچتىم . ئىشىكتە فاڭ ئاچام ( ئەسلى ئىسمى فاڭشاۋخۇئا ) ئۇخلاش كىيىملىرى بىلەنلا قۇلىدىكى يېڭىدىن ئالغان كىچىك زېرەك تېلفۇنىنى ماڭا تەڭلىگەن ھالدا تۇراتتى . مەن تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئىتتىكلا ئالدىم ؛
— ۋەي ، ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !
— ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ، گۈزەلئاي ياخشى تۇرغانسەن ؟
— ياخشى ،ئۆزەڭچۇ ؟ ئاپاڭنىڭ ئەھۋالىچۇ ؟
— مەنمۇ ياخشى ، ئەمما ئاپامنىڭ ئەھۋالى بەك ناچار ، شۇڭا مەكتەپكىمۇ كېچىكىپ بارىدىغان بولدۇم .
— ناچار دەيسەنغۇ ، ماڭغىچە خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالدى دېگەنتىڭغۇ ؟
— شۇنداق ئېدى ، ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگەن كۈنى كېچىدە يىقىلىپ كېتىپ ھازىر بىر تەرىپى تۇتماس بۇلۇپ قالدى . يەنە كېلىپ مەن يېنىدىن بىر قەدەم ئايرىلسام ، يىغلاپ ۋاقىراپ ، مېنى ھېچيەرگە ماڭغىلى قويمايدۇ . بىر دەم كۈلۈپ ، بىر دەم يىغلايدۇ . ئاپامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ تۈگۈشۈپلا كەتتىم . شۇڭا ساڭا ۋاقتىدا خەۋەرمۇ بېرەلمىدىم . تېخى بايام ئۇخلىغان ئېدى ، ئاستا ئۆيدىن چىقىپ ، دوقمۇشتىكى دۇكاندارنى ئۇيغۇتۇپ تېلىفۇن قىلىشىم . ئۆزەڭنى ئاسرىغىن ، مەن كىرىپ كېتەي ، ئاپام ئۇيغۇنىپ يوقلىغىمنى كۆرسە يەنە غەلۋە قىلىپ كەتمىسۇن . خوش گۈلۈم !
— ماقۇل ، ئەمىسە سەنمۇ ئۆزەڭنى ئاسرىغىن ، خوش !
ئىليار تېلىفۇننى ئىتتىكلا قۇيۇۋەتتى ،ئۇنىڭ تىترەپ چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن ئاپىسىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . مەن تېلىفۇننى قۇيغاچ ‹‹ ئاللا ئېگەم ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن ›› دەپ ئۆز -ئۆزەمگە پىچىرلىدىم .
ۋاقىت بەيگە ئاتلىرىدەك چېپىپ ،ھەش -پەش دېگىچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، ئىلياردىن شۇ كەلگەن تېلىفۇندىن باشقا ھېچقانداق خەۋەر كەلمىدى . ئەمما باشقىلاردىن ئۇنىڭ مەكتەپكىمۇ بارمىغانلىقىنى ، ئاپىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم . ئۇنىڭ بۇ ۋاپادارلىقىدىن سۆيۈنگەن قەلبىم ، ئۇنى سېغىنغان چاغلىرىمدا ئۆزلىگىدىن پەسكويغا چۈشەتتى . مەنمۇ دۇكاندىن يانسام ، كەچلىك بازارغا ، ئۇ يەردىن يانسام ئۆيدىكى كىتاپقا ئالدىراپ كۈنلەرنىڭ قانداق كەچ بۇلۇپ كېتىۋاتقىنىنى سەزمەيلا قالدىم . ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى 9-ئاي كېرىشى بىلەنلا سوۋۇشقا باشلىغاچ ، كەچلىك بازار ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئېدى . شۇڭا كىتاپخانىگە بېرىپ بىر قانچە تىل ئۆگۈنىشكە ئائىت كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ، كەچتە شۇلار بىلەن دوست بۇلۇپ مۇڭدۇشۇپ ، يالغۇزلۇققىمۇ كۈنۈپ قالغان ئېدىم .
بۈگۈنمۇ ئادەتتىكىدەك دۇكاندىن يېنىپ ، مالىيە ئىقتىسات ئىنىستوتىغا بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇۋۇزغا چىقتىم ، چۈنكى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ يەردىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچى قىزلار ماڭا ئالماقچى بولغان ماللىرىنى بويرۇتۇپ قويغان ئېدى ، ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇ ماللارنى ئېلىپ ، ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقىشىم ئېدى . ئۇ يەرگە بارغىنىمدا ئۇلارمۇ دەل ياتىقىدا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن ، مەن ئۇلار بىلەن سودامنى قىلىشىپ بۇلۇپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ياتاققا بىر قىز كىرىپ كەلدى ۋە ؛
— ئالىيە ، ئىقتىسات باشقۇرۇش كىتاپىڭنى بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن ، ئۆزەمنىڭكىنى تاپالماي قالدىم ، — دېدى جىددىلا قىلىپ .
— ماقۇل ، مانا ، ئەمما ئەتە قايتۇرۇپ بېرىسەن جۇمۇ ،— دېدى ئاق سېرىق ، چىرايىدىن كۈلكە يىغىپلا تۇرىدىغان ئۇزۇن چاچ قىز .
— بۇلىدۇ ، ئەمما تاپالماي قالسام ، نەدىنمۇ ئالارمەن بۇنى ؟
— ۋاي كىتاپخانىگە كىرسەڭ بار چوقۇم .
—شۇنداق بولسىدى ئىلاھىم ! بۇ كىتاپنى ياخشى ئۆگىنىپ ، كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىمغا شىركەت ئاچاي دەپ ئويلاپتىكەنمەن تۈنۈگۈنلا ، بۈگۈن قېرىشقاندەكلا يۈتۈپ كەتكىنىنى دېگىنە !
— ھا ھا ھا ، مۇشۇ كىتاپنى ئۆگەنگەنلەر شىركەت ئاچىدىغان ئىش بولسا ، مەن يەپلېۋىتەي ئەمىسە !
— ھا ھا ھا ... شىركەت ئاچىمەن دېسەڭ ، ماۋۇ بەش يىللىق كىتاپنى ھەممىنى يېۋەتسەڭ ، ئاندىن تۇلۇق قۇراللانغان شىركەت خادىمىغا ئايلىنارسەن . لېكىن قۇرۇقلا يېسەڭ پاي قىلمايدۇ ، چوقۇم ئۇنىڭغا لازا -ئاچچىقسۇ ، سەي -پەيلەرنى قوشۇپ يىمىسەڭ ، گېلىڭدە تۇرۇپ قالىدۇ بىكا ،— دەپ چاخچاق قىلدى يەنە بىر بۇغداي ئۆڭ كەلگەن پاكارغىنە سېمىز بىر قىز .
— ھا ھا ھا ...
مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، كاللامدا توساتتىنلا ئىقساتقا ئائىت كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى . ۋە ئۇلار بىلەن ئالدىراپلا خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم .
|
|
|
|
|
|
|