| 
 | 
	
ئۇ ئايالنىڭ خوشاقمىغان ھالدا ماڭا قارىشىدىنلا كۆڭلۈم ھەممىنى سېزىپ ئىليارنى ئاستا نۇقۇپ تۇرۇپ ؛  
—بولدىلا ئىليار ، بۇ يەر ماڭا ماس كەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ ، باشقا يەرگە بېرىپ باقايلى ،—دېدىم يېلىنىش ئاھاڭدا .  
ئىليارمۇ كۆزلىرىمدىكى ئۈمۈتسىزلىكنى چۈشەندى بولغاي ، ئۇنچە تارتىشىپ تۇرمايلا ئۇ خۇجايىن ئايالغا ‹ ئاۋارە قىلدۇق › دەپ قۇيۇپ دۇكاندىن يىنىپ چىقتۇق .  
مۇشۇ ئاساستا بىر بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگىچە چىقىپ چۈشتۇق ، نۇرغۇنلىرى مېنىڭ ئۈستى -بېشىمغا بىر قاراپ قۇيۇپلا بېشىنى لىڭشىتتى . ئىليارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە  بىرەسىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى . بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپلا ، ئىليارنىڭ ئىلگىرى ماڭا ‹ شەھەرلىكلەر بىر -بىرگە يۈز خاتىرە قىلىشىپ كەتمەيدۇ ، نۇرغۇنلىرى پايدا -زىيان مەنپەئەت ئۈچۈنلا بارمۇ سەن دەپ ئەھۋاللىشىدۇ › دېگەنلىرىنىڭ تولىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىم . ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بىنادىن چۈشۈۋاتساق بىر قىزنىڭ ‹‹ئىليار ئاكا !›› دەپ توۋلىغان ئاۋازى دىققىتىمىزنى تارتتى . ھەر ئىككىمىز ئاۋاز چىققان تەرەپكە تەڭلا بۇرۇلدۇق . كەينىمىزدىكى دۇكاندىن يۈگۈرۈپ چىققان زىلۋا بوي ، ئاق پىشماق كەلگەن ، مەڭزىدىكى ئىككى زىنىقى گۈزەل چىرايىغا تېخىمۇ چىرايلىق ھۆسۈن قوشقان بىر قىز بىزگە كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتاتتى . 
— ۋۇي سىز  بۇ يەردە نېمىش قىلىپ يۈرۈيسىز رىزۋان ؟ -دېدى ئىليار ئۇ قىزغا ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ .  
— نېمىش قىلاتتىم ، ئاشۇ دۇكاندا ئىشلەۋاتىمەن ، تەتىلدە بىكار ئولتۇرساممۇ ئولتۇرغىدەكمەن ، ئۇنىڭدىن بۇ يەرگە كىلىپ ئىشلەپ ئازراق بولسىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتەي دېدىمغۇ ؟! بۇ قىز كىم بۇلىدۇ ؟ گۈزەلئاي ئاچاممۇيە ؟ — دېدى قىز ماڭا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلغاچ .  
—ھەئە ، گۈزەلنۇ رئاچىڭىز شۇ ، كۆزىڭىز بەك يامان ئىكەن جۇمۇ ، بىر قاراپلا بىلىۋالدىڭىز دېسە ! 
— ئەلۋەتتە بىلىۋالىمەندە ، بىر قاراشتىلا بىر جۈپ قوشماقلاردەك كېتىۋاتساڭلار ھى ھى ھى ، ئىسمىم رىزۋان ، ئىليار ئاكام بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، ئۈرۈمچىدىن ،ئۆزەمنى ئۆزەم تۇنۇشتۇرۋەتتىم مانا ! —دېدى قىز شوخلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ . 
— ياخشىمۇ سىز ، سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن خوشالمەن ،—دېدىم مەنمۇ قىزنىڭ ئۇچۇق -يۇرۇق مىجەزىدىن خۇرسەن بۇلۇپ .  
— بۇ يەرگە ئاچامغا كىيىم ئېلىپ بەرگىلى كەپسىزدە ئىليار ئاكا ، يارايسىز جۇمۇ !  
—  ئۇ كۈنلەرمۇ ھامان كىلىدۇ رىزۋان ، ئەمما بۈگۈن بىز كىيىم سېتىۋالغىلى ئەمەس ، خىزمەت ئىزدەپ كېلىۋىدۇق ، ئەمما بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئىش يوقكەن . 
— ھەئە مۇنداق دەڭلار ، ۋاي بۇ يەردىكىلەر قوسۇقىڭىزدىكى بىلىمگە ئەمەس ، ئاغزىڭىزدىكى گەپكە قارايدۇ . كەلگەن خېرىدارنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن تۇتۇپ ، ماللىرىڭىزنى ماختاپ ئۇچۇرالىسىڭىز سىز نوچى ھېساپلىنىسىز .  
—ئەمما گۈزەلئاي خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ ئەمەسمۇ ؟! 
— ۋاي ئاكا ، سىز دىققەت قىلمىدىڭىزمۇ ، ھەممە دۇكاننىڭ خۇجايىنى خەنزۇ ، ھەر بىر دۇكاندا بىردىن خەنزۇ بىلەن بىردىن ئۇيغۇر قىزىنىڭ تۇرغىنىنى ، ئۇلار بىزدەك ئۇيغۇرلارنى شۇ ئۇيغۇر خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلسۇن دەپ ئىشقا ئالىدۇ . چۈنكى بۇ يەرگە جەنۇبى شىنجاڭدىن نۇرغۇن خېرىدارلار كېلىدۇ . تولىسى خەنزۇچىنى چۈشۈنمەيدۇ ، شۇڭا بىزدەكلەرنى تۇرغۇزۋالسا ئۇلارغا پايدا .  
— ھەئە ، مۇنداق دەڭ ، شۇ قارىسام تولىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرى باركەن ، لېكىن بىز كىرگەنلىكى دۇكان خۇجايىنى ئۇنداق نىيىتى يوقمۇ بىلمىدۇق ، تولىسى بېشىنى لىڭشىتىپ رەت قىلدىغۇ !  
— بۇنداق دېسەم گۈزەلئاي ئاچا كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، سىز ئۈستى -بېشىڭىزدىكى كېيىملەرنى ئەتە يېڭىلاپ ، چىرايلىق ياسىنىپ كېلىڭ . قېنى شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ باش لىڭشىتقىنىنى كۆرەي ! 
مەن بۇ قىزنىڭ بۇ سۆزىگە ئەجەپلىنىپ ئىليارغا قارىدىم ، ئىليار دەرھال بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك ‹ توغرا › دېگىنىچە چاۋاك چېلىپ بىرنى سەكرىۋەتتى ۋە  ماڭا ؛ 
— رىزۋان راست دەيدۇ گۈزەلئاي ، ھازىرقى كىشىلەر باشقىلارغا باھا بېرىشتە  قوساقتىكى بىلىمگە ئەمەس ، يۈرۈش -تۇرۇشىغا ، كەيگەن كىيىمىگە قاراپ  باھا بېرىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بۇلۇپمۇ كېيىم -كېچەك ساھەسىدە بۇنىڭغا بەكلا دىققەت قىلىدۇ . بىز بۇ نوقتىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق .  
— ئەمما ئىليار مېنىڭ ... 
— بۇنى بىلىمەن ، خاتىرجەم بولغىن مەن بىر ئامال قىلىمەن  
— ياق ئىليار ، ھېلىمۇ يول كىرا ، تاماق ھەممىنى سەن چىقاردىڭ ، سەن يا بىر رەسمىي خىزمەتچى ئەمەس ، پىراكتىكا قىلىۋاتىسەن . سېنىڭ پۇلۇڭمۇ قالمىدى ، ئەمدى يەنە ئاتا-ئاناڭدىن پۇل سورىساڭ بولماس . مەيلى ئىليار ئۇلار مېنى ئىشقا ئالمىسا ،  ئاشخانىدەك يەرلەرگىمۇ بېرىپ باقايلى ، قىلغۇدەك ئىش تېپىلىپ قالار . 
ئىككىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاپ تۇرغان قىز بۇ چاغدا ؛ 
— ئىليار ئاكا ، گۈزەلئاي ئاچا ، گېپىڭلاردىن ماڭا چۈشۈنىشلىك بولدى ، ناۋادا گۈزەلئاي ئاچام خالىسا مەن كىيىملىرىمدىن نەچچە قۇرنى بېرەي ، سىز ئەتە كىيىپ كەلسىڭىزلا بولدى . بۇ يەرگە كەلگەندە دۇكانغا قايسى كىيىم يېڭىدىن كەلسە شۇنى كىيىپ خېرىدارلارغا كۆرسۈتۈمىز . قارىڭە ئۇچامدىكى كىيىمنىڭمۇ  ماركىسى ئېسىقلىق  تۇرمامدۇ ، كۈندە مۇشۇنداق يېڭى كەلگەن ماللارنى كىيىپ يۈرىمىز ، پەقەت ئىشتىن چۈشكەندىلا ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرىنى كېيىپ قايتىمىز . سىز خاتىرجام بۇلۇڭ ، ئەتە كەلسىڭىز مەن بىر نەچچە دۇكانغا باشلاپ كېرىمەن ، ئۇلارغا تۇققۇنىم دەپ تۇنۇشتۇرسام چاتاق يوق سىزنى ئالماي قالمايدۇ ، —دېدى كەسكىنلىك بىلەن . مەن خوشاللىقتىن بېرىپ ئۇ قىزنىڭ قۇلىنى سىقىپ تۇرۇپ؛  
— رەھمەت سىزگە ، چوڭ ئىشىمىزغا ياردەم قىلغۇدەكسىز ، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن،-دېدىم ھاياجان ئىچىدە .  
— رەھمەت رەيھان ، بىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭىزدىن خۇدايىم بەختىڭىزنى بېرە . بۇ ياخشىلىقىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمىز .  
— ۋۇي ئىليار ئاكا ، قاچاندىن موللام بۇلۇپ كەتتىڭىز ھا ھا ھا ، كېرەك يوق . كىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشمەيدۇ ئاكا ، قوينىڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دەپتىكەن ، بىر -بىرىمىزگە ياردەم قىلىپ ئۆتسەك ياخشى ئەمەسمۇ ، ئەمىسە مەن كىيىملىرىمنى ئۆيدىن ئېلىپ سىلەرنى ئىزدەپ باراي ، سىلەر نەدە تۇرىۋاتىسىلەر ؟ 
— نەدە تۇراتتۇق رىزۋان ، شۇ ئىدارىنىڭ ياتىقىدا .  
— ھەئە بىلدىم ، ئەمىسە مەن كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ بارىمەن .  
—ھەئە بۇلىدۇ 602 ياتاق .  
— ماقۇل ، ئەمىسە خوش ، خۇجايىنىم تىللاپ كەتمىسۇن ، مەن كىرىپ كېتەي ،  
— خوش ئاللاغا ئامانەت !  
 
 
  |   
 
 
 
 | 
| 
 | 
 | 
 | 
| 
 | 
 |