|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-2 18:36
مومام گەپلىرىمدىن قايىل بولدىمۇ ياكى يەنە جىق سۆزلەشنى خالىمىدىمۇ ، ئىشقىلىپ بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا چىقىپ كەتتى . مومامنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىشتىن ئۇنىڭمۇ بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرەپ تۇرغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى .
شۇ كۈنى كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى ، قەلبىمنى چىرمىۋالغان تاتلىق سېغىنىش بىلەن مومامنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىش مېنى ئارامىمدا قويمايتتى . بىلمىدىم قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتىكىن ، بىر چاغدا قۇلاق تۆۋۈمدىلا ‹ قەتئى ئىرادە ھاياتلىق يولىڭدىكى نۇرلۇق مەشئەل ، پەقەت سەن ئۇنى قانات قىلىپ يولىڭدىن قايتمىساڭلا ، ئۇ سېنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدۇ › دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . مەن چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم . ئۆينىڭ ئىچى يۇپيۇرۇق ئېدى . يېنىمدا ياتقان موماممۇ ھويلىدا تاراق -تۇرۇق بىر ئىشلار بىلەن ھەپىلىشۋاتقان ئېدى .
‹توۋا ، بايامقى ئاۋاز بوۋامنىڭ ئاۋازىغۇ ؟! ئەجىبا بوۋاممۇ مېنىڭ بەل قۇيۇۋەتمەسلىكىمنى ئۈمۈت قىلىدىكەندە ؟!› دېگىنىمچە روھلىنىپ يىنىكلەپ قالدىم . چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە سېغىنىش . كۈتۈش ، تەلمۈرىش ، تەققازالىق ئىچىدە ئۆزەمنى شۇنداق يىتىمسىرەپ قالغاندەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئېدىم . تەققازالىق بىلەن كۈتۈشنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ، مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ، كىشىنى چەكسىز شېرىن خىياللار بىلەن مەست قىلىدىغان ئىشەنچ -ئۈمۈتنىڭ ئۈزۈلىشى پاك قەلبكە قانچىلىك ئازاپ ، ھەسرەت ، قايغۇ -ئەلەم تۇمانلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتكەن ئېدىم . مانا ئەمدى مېنىڭ يىغامدا يىغلاۋاتقان بىر موماملا بولماستىن رەھمەتلىك بوۋامنىڭ روھىمۇ مېنى يۆلەۋاتقان ئېدى
. . .
6.
سېغىنىش ، كۈتۈش ، تەلمۈرۈش ، تاپا -تەنە ، پىتنە -پاسات ، غەيۋەت ، گۇمانخورلۇقلار بىر -بىرگە چىرمىشىپ ، گىرەلىشىپ كەتكەن ھايات يولىدا تەمكىنلىك بىلەن كىتىپ باراتتىم . مەھەللىدىكى قېرى يىگىتلەرنىڭ ماڭا شەھۋانىلارچە قاراشلىرىغا ، غەيۋەتچى خوتۇنلارنىڭ گومانلىق ھومىيىشلىرىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم ، ئىليارمۇ ئوقۇشىنى داۋام ئەتكىنىگە 3 يىل بولغان ئېدى . ئۇ ھەر تەتىلدە كەلگەندە مېنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ ، كەلگۈسىدىكى بەختلىك كۈنلىرىمىز توغرىسىدا سۆزلەپ ، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچەمنى ئاشۇرۇپ قۇيۇپ ماڭاتتى . مەن شۇ شېرىن خىياللار بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ ، ئىزتىراپلىق كۈنلىرىمنى تۈنگە ئۇلاپ كىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بېرىدە تۇيۇقسىز مومامنىڭ ئاغرىپ قېلىشى مېنىڭ بارلىق ئارزۇ -ئۈمۈتلىرىمنى يوققا چىقاردى . شۇ كۈنى سەھەردە ئېتىزغا سۇ باشلاش ئۈچۈن دادۇي كادىرى قاسىمكامنىڭ ئۆيىگە سۇ سوراپ بارغان ئېدىم ، ئىشىكتىن كىرىشىمگە ئۇنىڭ ئايالى ؛
— ھوي خېنىم ، قاچانغىچە ئەرگە تەگمەي يۈرىيسىز ، مەھەللىدىكى ئەرلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىپ ، نېمە قىلاي داۋاتىسىز ؟ سىزنىڭ شاپىقىڭىزغا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشەمۇ ئەرلىرىمىز دەپ ، ئەنسىرەپ كېچىسى تۈزۈكرەكمۇ ئۇيقۇ يوق بىزلەرگە خېنىم . كەلگەن ئەلچىلەرنى بىر -بىرلەپ يولغا سېلىپ ئىليارنى ساقلاۋاتىمەن دەڭ ، ئۇ ئىليار ئوقۇش پۈتتۈرىپ كەلسە سىزدەك يىتىم ئوغلاقنى يارىتامتى ؟!...
ئايال ھە دەپ سۆزلەۋاتاتتى ، مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ بۈگۈن ئېتىزغا سۇ تۇتماقچى بولغانلىقىمنى قاسىم دۇيجاڭغا ئېيتتىم . قاسىمكام ؛
— مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ ئاغزىنىزە ، نېمە قالايمىقان كۆتۈلدايسەن ، باشقىلار ئەرگە تەگمىسە سېنىڭ نېمە كارىڭ ، ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ ! —دېدى ئايالىغا كايىپ ، ھەم سۇنى باشلىسام بۇلىدىغانلىقىنى دېدى . مەن ئۇ ئۆيدىن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا ھالدا قايتىپ چىقتىم . گەرچە ئىليارغا ئىشەنسەممۇ ، ئەمما شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ‹راست دەيدۇ ، ئۇ دېگەن بۇ مەھەللىگە كەلسە كادىر بۇلىدۇ ، مەنچۇ ؟ مەندەك ئاتا-ئانىسىنىڭ كېملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان قىزنى ئىليارنىڭ ئاتا-ئانىسى يارىتارمۇ ؟! › دېگەن بىسىرامجان خىيال كاللامدا چاقماق چاققاندەكلا شۇنچە تېز ، يالت -يۇلىت قىلىپ پەيدا بولدى . ئەسلىدىكى ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىلىرىم بىردىنلا داۋالغۇشقا باشلاپ ، قەدەملىرىم مېنى ئېتىزلىققا ئەمەس دەريا بويىغا باشلاپ ماڭدى .
قۇياش ئەتتىگەنلىك سېخى نۇرىنى بۇ توپىلىق مەھەللىمىزگە ئايىماي چېچىپ تۇراتتى ، قوي -كالىلىرىنى تاغ باغرىغا بېقىش ئۈچۈن ھەيدەپ ماڭغان پادىنىڭ ئايىغىدىن توزىغان توپا مەھەللىنى ئاققۇچ تۇمان بىلەن قاپلىغان ئېدى . مەن كىتىۋاتقان پادىلارنىڭ ئايىغىدىن چىقىۋاتقان توپا-چاڭلارغا قاراپ ،يامغۇرنى ئەسلەپ قالدىم . مۇشۇ پەيتتەشاقىراپ بىر يامغۇر ياققان بولسا ، بارلىق توپا -چاڭلار بېسىققان ، ئىچ -ئىچىمدىن ئىسيان كۈتۈرۋاتقان يىغىلىرىممۇ يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن بولسا قانچە ياخشى بۇلاتتى-ھە ! ، ئىليار مۇشۇ تاپتا سەن نېمىمۇ قىلىۋاتقانسەن ؟ ئۇ يەردە بۇ يەردىن ئىككى سائەت بۇرۇن تاڭ ئاتىدۇ دەۋاتقان ئېدىڭ ، بەلكىم دەرستە بۇلىشىڭ مۇمكىن ، مېنى سېغىنغانسەنمۇ ؟ مەن سېنى سېغىندىم ، بەك بەك سېغىندىم ئىليار !
— گۈزەلئاي ، ھەي گۈزەلئاي بۇلىڭە قىزىم مومىڭىز ،— دېگەن ئەنسىز چاقىرغان ئاۋازدىن ، ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ، سارىخان مومام يىراقتىن قول پۇلاڭشىتىپ ، يۈگۈرگىنىچە كىلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىدىن توزىغان ئۈلۈك توپا ، ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ لەپىلدىشىى بىلەن ،خۇددى تار توپىلىق بۇ يولدىن بىر قۇتان پادا ئۆتكەندەك چاڭ -تۇزاڭ چىقىرىپ كېلىۋاتاتتى .
مەن ئەندىككىنىمدىن سارىخان مومامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرەپلا باردىم ؛
—موما نېمە ئىش بولدى ؟
—ۋاي قىزىم ، مومىڭىز يىقىلىپ چۈشتى ،—دېدى ھاسىرەپ تۇرۇپ ، —بۇلىڭە تېز دوختۇرغا ئاپىرىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى !
—نېمە ،قانداق بۇلۇپ؟—دېدىم جىددىلىشىپ ئالدىراپ ماڭغاچ .
—قىزىم بايام ئىليارنىڭ ئاپىسى كەپتىكەن ، بىر ئوبدان پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ، مومىڭىز ئۇ چوكاننى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ كىرىپلا كەينىگە ئۆرلىپ چۈشتى . ھېلىمۇ ياخشى مەنمۇ ئۆيىڭىزلەردە باركەنمەن قىزىم . بولمىسا مومىڭىز ..
مەن سارىخان مومامنىڭ كېيىنكى گەپلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇچقاندەك ئۆي تەرەپكە يۈگۈردىم ، شۇنچە يىلدىن مېڭىپ يىراق بىلىنمىگەن بۇ تار توپىلىق مەھەللە يولى ماڭا تولىمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتىكى ، ئۆزەمنىڭ دەريا بويى تەرەپكە قاراپ ماڭغىنىمدىنمۇ مىڭ پۇشايمان قىلىپ كەتتىم .
مومام ھويلىدىكى سۇپىدىلا سوزۇلۇپ ياتاتتى ، ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى مەھكەم يۇمۇلغان بۇلۇپ ، پىشانىسىدىكى ئېغىر تۇرمۇشنىڭ يالدامىسى بولغان يول -يول قۇرۇقلىرى بوۋام كەتكەندىن كېيىن خېلىلا كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى ، تاتىرىپ كەتكەن ياداڭغۇ چىرايى قۇياش نۇرى ئاستىدا ساپسېرىقلا كۆرۈنەتتى . مەمەت بوۋام ۋە بىر قانچە خوشۇنلىرىمىز ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئالاقزادە بۇلۇشۇپ تۇرىشاتتى . ‹ موما › دېگىنىمچە كىلىپ مومامنىڭ ئۈستىگە ئۆزەمنى ئاتتىم . بىر چاغدا سارىخان مومامنىڭ ‹قىزىم مومىڭىز نى دەرھال دوختۇرغا ئاپىرايلى › دېگەن سۆزىدىن ئېسىمنى يىغىپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىمدىكىلەرگە قارىدىم .
—گۈزەلئاي سىز كىرىپ ئاپىڭىزنىڭ بىر نەچچە قۇر كىيىملىرىنى ئېلىۋېلىڭ ، مەنسۇر ئاكىڭىز ماشىنا ئالغىلى كەتتى ،—دېدى مەمەت بوۋام جىددىلىك بىلەن .
—ھە ماقۇل ،-دېدىم ئوكسۈپ تۇرۇپ ھەم ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ مومامنىڭ كىيىملىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم . بۇ چاغدا سارىخان مومام كەينىمدىن كىرىپ ؛
— قىزىم ، ئەھۋالىڭىزلار بىزگە ئايان ، ھەقىچان مومىڭىزنى دوختۇرغا ئاپارغىدەك پۇل -پىچەك يوق ئۆيدە . شۇڭا مەھەللىدىكىلەر ئازراق يىغىش قىلىشتۇق . يەتمىگەن يېرىگە يەنە بىر ئامال بۇلۇپ قالار قىزىم ،—دەپ قۇلىدىكى پۇلنى ماڭا سۇندى . مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي يىغلىغىنىمچە سارىخان مومامنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم . دېمىسىمۇ بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن بېرى مومام بىلەن ئىككىمىز ئەتىياز كىرىشى بىلەن باشقىلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشىپ مۇشۇ تاپقان پۇل بىلەن ئىككى مو يېرىمىزنى تېرىپ تۇرمۇشنىمىزنى قامداپ كىلىۋاتاتتۇق . باردى -يوقى بىر دانە قويىمىزنى بوۋام تۈگەپ كەتكەندە نەزىر -چىراق ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ بۇ قىسىنچىلىقتىنمۇ چىقىۋالغان ئىدۇق . سارىخان مومام دېگەندەك ئۆيدە مومامنى دوختۇرغا ئاپارغىدەك پۇل يوق ئېدى . مەن گەرچە ئۇرۇق -تۇققان بولمىساقمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنغان بۇ مېھرىبانلىرىمدىن سۆيۈنىپ كەتتىم .
مومامنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىگە ئېلىپ كەلدۇق . دوختۇرلار بىر قاراپلا مومامنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئەكىرىپ كەتتى . مەن قورقۇنىمدىن نىمە قىلىشنىمۇ بىلمەي ،ئىشىك ئالدىدا ئۇياقتىن -بۇياققا ماڭاتتىم . كاللام قوپ-قۇرۇق ئېدى . سارىخان مومام بىلەن ئوغلى مەنسۇر ئاكام دوختۇرخانىدا پالاقشىپ يۈرۈپ ، بىر دوختۇردىن مومامنىڭ زادى نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى سورىدى .
— قارىغاندا جىگەردە مەسىلە باردەك قىلىدۇ ، تەكشۈرۋاتىمىز ،—دېدى دوختۇرمۇ قەتئىلىك بىلەن . بۇنى ئاڭلاپ بايامقى مومامنىڭ چىرايىدىكى سېرىقلىق ئېسىمگە كەلدى .نەچچە كۈن بۇرۇنلا مومامنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ ، ھەتتا كۆز چاناقلىرىمۇ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، مومامدىن بىر يەرىڭىز ئاغرامدۇ دەپ سورىسام ئۇ ‹ياق بالام ، ئەتىياز پەسلى ئەمەسمۇ شۇڭا چىرايىم شۇنداق كۆرەنگەندۇ › دېسە ،مەنمۇ ئانچە پىسەنت قىلمىغان ئىكەنمەن .‹ بىچارە مومامنىڭ تارتمىغان جاپاسى قالمىغان ئېدى ، ئەمدى ئاللا ئېگەم بۇ كېسەلنى ئۇنىڭغا سالغىنى نېمىسى ، بۇ دۇنيا نېمىدىگەن رەززىل ؟! › دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە .
ئارلىقتىن ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر سېستىرا بىزنى دوختۇرخانە ئىشخانىسىگە باشلاپ كىردى . 50ياشلار چاممىسىدىكى ، پىشانىسىدىكى چاچلىرىغا ئاق سانچىلغان ، دۇغلاق يۈزلۈك دوختۇر بىزنىڭ كىرىشىمىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەن ، بىز كىرىشىمىزگىلا ؛
—سىزلەر موماينىڭ قانداق تۇققانلىرى ،—دەپ سورىدى . مەن ئۆزەمنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىمنى ، سارىخان مومام خوشنىمىز ئىكەنلىكىنى دېدىم .
—مومىڭىزنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ، جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىلىپ قاپتۇ ، ئوپىراتسىيە قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ ، يەنە كىلىپ مومىڭىز ياشىنىپ قاپتۇ ، بۇ خىل ئوپىراتسىيەنى كۆتۈرەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى مومىڭىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ بىر نەچچە ئاي بولسىمۇ بېقىۋېلىڭلار ، -دېدى جىددى قىياپەتتە .
مەن دوختۇرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ‹ ئاخىرقى باسقۇچى › دېگەن بۇ سۆز بىلەن كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ، ئولتۇرغان جايىمدىن تۇرالماي سەنتۈرلۈپ بېرىپ يىقىلدىم .
‹دوختۇر ، مومامنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلا ئىش بولسا ، مەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىشقا تېرىشىمەن ، ئولتۇرۋاتقان ئاشۇ ئۆيىمىزنى سېتىپ بولسىمۇ مومامنى داۋالىتىمەن !›دېگىنىمچە ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ دوختۇرنىڭ قۇلىغا ئېسىلدىم .
— قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنىمەن ، ئەمما بەكلا كېچىكىپتۇ ، پايدىسى يوق ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە كۆڭلى نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۋالسۇن .
—مومام يەنە قانچىلىك ياشالايدۇ دوختۇر ؟
— بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس قىزىم ، بەلكىم ئىككى يىل ياكى ئىككى ئاي ياشىشى مۇمكىن .
دوختۇرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بەدەنلىرىم بوشىشىپ ، پۇتلىرىم دىر -دىر تىترەۋاتاتتى ، ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى . سارىخان مومامغا ئۆزەمنى تاشلاپ يىغلاپ كەتتىم . سارىخان موماممۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي ،‹ بوپتۇ قىزىم يىغلىۋېلىڭ ، تازا يىغلىۋالسىڭىز ئىچىڭىز بوشاپ قالىدۇ › دەپ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى سىلاشقا باشلىدى ...
مومامنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ كەلدۇق ، شۇ كۈندىن باشلاپ كۆزۈمدىن ياش قۇرۇماسلا بولدى ، خۇددى ياغاچتىن ياسالغان ياغاچ قوچاقتەك روھىم تېنىمدىن سۇغۇرلۇپ كەتكەندەك ، بىر يەردە ئولتۇرسام ئولتۇرۇپلا كېتىدىغان، نېمىنى ئويلىغىنىمنىمۇ ئۆزەممۇ بىلمەي ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلەپ كىتىدىغان گاراڭلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم . ئىليارغا خەت يېزىپ مومامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى دەپ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىلىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلمىدىم ، چۈنكى ئۇنى ئەنسىرتىشنى خالىمىدىم .
مومامغا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېيتماسلىق توغرۇلۇق سارىخان مومام بىلەن مەسلەھەتلىشىۋالغان ئىدۇق ، شۇڭا مومام ئۆزىنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى ئاچىلىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى .بىز مومامغا بىر ئىشلارغا ئارتۇقچە چېچىلىپ ھاياجانلانماسلىق كېرەكلىكىنىلا دەپ قويدۇق . بىر كۈنى مومام مېنى يېنىغا چاقىرىپ ؛
—قىزىم ، سىلەر ماڭا دېمىگەن بىلەن كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ ، مېنىڭ كۈنلىرىم ئاز قالدى ، ئاخشام بوۋىڭىزنى چۈشەپ قاپتىمەن ، چۈشىدە ئۇ مېنى چاقىرۋاتقۇدەك . ئەمما سىزگە قىيمايمەن قىزىم ،— دېدى نۇرسىز كۆزلىرىگە ياش ئەگىتىپ .
—نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز موما ، بىر ئوبدانلا تۇرمامسىز ، مېنىڭ تويىمنى قىلىپ نەۋرىڭىزنى تەڭ بېقىشىپ بېرىدىغان بولغانغۇ ؟ — دېدىم مومامنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .
—ۋاي شەيتان قىز ، قېنى سىز بىلەن توي قىلىدىغان يىگىت ؟ كۆزۈمنىڭ تېرىكىدە ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قۇيالىغان بولسام دەپلا ئويلايتتىم ، ئۆتكەندە ئىليارنىڭ ئاپىسى كىلىپ ئىليار مەكتەپ پۈتتەرسە ئۈرۈمچىدە قالىدۇ ، بۇ يېزىغا كەلمەيدۇ ، ئۈرۈمچىدىكى تاغىسى بۇ ئىشقا يول مېڭىۋاتىدۇ دېگەن ئېدى ، سىزدىن ئەنسىرەپلا قالدىم بالام . ناۋادا شۇنداق بۇلۇپ قالسا ، سىز قانداق قىلىسىز قىزىم ؟
— مەن ئىليارغا ئىشىنىمەن ، ئۇ ھەرگىز ئۈرۈمچىدە قالمايدۇ ، ئۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن موما !
— بۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئاتا-ئانىسى مەجبۇرلاپ تۇرىۋالسا ئۇمۇ ئامالسىز قالىدۇ بالام ، شۇڭا كۆزۈمنىڭ مىدىراپ تۇرغان ۋاقتىدا سىزنى بىرەسىنىڭ پېشىگە ئېسىلدۇرۇپ قويغان بولسام ، ئاندىن ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوقتى .
—موما سىز مېنى باشقىلارغا مەجبۇرلىمايمەن دېگەن
—ئۇغۇ شۇنداق ، ئەمما ئىليارنىڭ كىلىشىگە يەنە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت باركەن ، ئۇ چاققىچە مەن ھايات تۇرالىسامغۇ ياخشى ، ناۋادا ئۇنداق بولماي قالغاندا بىر كۆزۈم ئۇچۇقلا كېتىدۇ مېنىڭ قىزىم .
— قالايمىقان خىياللارنى قىلمىڭە موما ، سىز ھايات تۇرىسىز ، مەنمۇ ئىليار بىلەن توي قىلىمەن . قانداق دېدىم تاتلىق موما ؟—مەن ئەركىلەپ تۇرۇپ مومامنى قۇچاقلىۋالدىم ، گەرچە چىرايىمدا كۈلكە بولغىنى بىلەن ئىچىمدە يىغلاۋاتقان ئېدىم . مومامنىڭ گەپلىرى توغرا ئېدى ، سارىخان مومامدىن ئاڭلىسام ، ئىليارنىڭ ئاپىسى مەھەللىدە ‹ ئوغلۇم ئۈرۈمچىدە كاتتا ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشۈدۇ ، شەھەرلىك قىزلارنى ئېلىپ بېرىمەن › دەپ يۈرگىدەكمىش . ئىلياردىن خەت يېزىپ بۇ ھەقتە سورىسام ئىليار ئاتا-ئانىسى شۇنداق دەپ يۈرگەنلىكىنى ، ئەمما ئۆزىنىڭ يەنىلا مەھەللىگە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ، قانداقلا ئىش بولسۇن مېنىڭ ساقلىشىم كېرەكلىگىنى دەپ جاۋاپ خەت قايتۇرغان ئېدى . لېكىن مانا ھازىر مومامنىڭ ئەھۋالى بۇ ، ناۋادا مومامدىن ئايرىلىپ قالسام كىممۇ مېنىڭ بۇ ھالىمغا يېتەر ، كىممۇ مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ئادىل گەپ قىلار ؟ مەھەللىدىكىلەرچە بولسا مېنى ھازىرلا بىرەسىگە ياتلىق قىلىپ مومامنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىق ئېدى .
‹مۇھەببەت ھېجراندا تاۋلىنىدۇ › دەپ كىم ئېيتقان بولغۇيتتىكى ، قەلبىمدىكى ھېجران ئوتلىرى ئولغايغانسېرى ئىليارغا بولغان سېغىنىشىم ھەسسىلەپ ئېشىپ ، ئۇنىڭ خەتلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇيتتۇم ، ئىليارنىڭ ھەر بىر خېتىنىڭ ئاخىردا يازغان ‹ دەرت -ئەلەم ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن قەلب يارىسى پەيدا قىلىدىغان رەھىمسىز قامچا بولغىنى بىلەن ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەر ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بۇلىدۇ › دېگەن سۆزلىرى ئۈمۈت ،ئىشەنچ ئوتلىرىمنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ ، ‹مەيلى قانداق ئىش يۈز بەرمىسۇن سېنى ساقلايمەن › دەپ ئۆز ئۆزەمگە مەدەت بېرەتتىم .
7
يېرىم كېچىدە مومامنىڭ نوقىشى بىلەن كۆزۈمنى ئېچىپ قورقۇپلا كەتتىم . مومامنىڭ يۇتقان -كۆرپىلىرى خۇددى بىر جاۋۇر قاننى چېچىۋەتكەندەك قىپ-قىزىل تۇراتتى . مومامنىڭ چىرايى بولسا قاپ-قارا كۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن ئېدى . مەن قوققىنىمدىن جالاقلاپ تېتىرەپ كەتتىم ،
—موما نېمە بولدۇڭىز ؟ گەپ قىلىڭە ،—دېيەلىدىم ئارانلا ، مومام ماڭا قاراپ بىر كۈلۈمسىرەپ ئاغزىنى ئۈمەللەتتىيۇ گەپ قىلالمىدى . مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ سارىخان موماملارنىڭ دەرۋازىسىنى كۈچەپ ئۇردۇم . قاراڭغۇ ، ئايسىز كېچىنىڭ جىمجىتلىغىغا چۆككەن مەھەللە ،قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋازدىن ئۇيغۇنىپ ، قاياقلاردىن ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلانسا ، بىر كىملەرنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئېچىلىپ -يېپىلغانلىقى ئاڭلاندى . ئىشىكتىن مەمەت بوۋام ھاسىسىنى توكۇلدۇتۇپ چىقىپ كەلدى 。
|
|
|
|
|
|
|