|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-30 18:21
5
ئىليارمۇ مەكتەپكە ماڭغىلى ھەش -پەش دېگىچە يېرىم يىل بۇلاي دېدى ، كۈنلىرىم ئۇنىڭ خېتىغا تەلمۈرۈش ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى . بىر كۈنى خوشنىمىزنىڭ مومامغا دېگەن گەپلىرىدىن سېغىنىشقا تولغان قەلبىمنى قورقۇش ، ئەنسىرەش چىرمىۋالدى .
شۇ كۈنى ئېتىزغا قىر چاپقىلى ماڭغان ئېدىم ، بوۋامنىڭ مەمەت قارىم دەيدىغان بىر قەدىناسى بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ، ئېتىز -ئېرىق ئىشلىرىمىزغا ئوغۇللىرى بىلەن ھەمدەمدە بۇلاتتى . شۇ كۈنىمۇ مەمەت بوۋام ئېتىزغا قىر چېپىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتىكەن ، ئۇلار بىلەن ئېتىزغا ماڭغان ئېدىم . ئەمما مەمەت بوۋامنىڭ ‹ چۈشتىمۇ ئېتىزدا چاي ئىچىپ ئىشنى تۈگۈتىپلا قايتىلى › دېگەن سۆزى بىلەن ئۆيگە نان ، چاي ئېلىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن ئېدىم ، ئىشىكنىڭ يېنىغا كىلىشىمگە مومام بىلەن مەمەت بوۋامنىڭ ئايالى سارىخان مومامنىڭ قىلىشقان گەپلىرى ،مېنى ئىشىك ئالدىدا توختۇتىپ قويدى .
— گۈزەلئايمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى ، قىز بالا دېگەن پاختا ئىچىدىكى ئوت ، تېزراق بىرەسىگە بېرىپ ، خاتىرجەم ئولتۇرماملا خوشنام !—داۋاتاتتى سارىخان مومام .
— بالا تېخى كىچىك سارىخان ، بۇ ئىشنى تېخى كىيىنچەرەك ئويلىساممۇ كېچىكمەسمەن .
— ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن ھازىرقى ياشلار بەكلا يامان ، ئاۋۇ تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ئايشەمخاننىڭ قىزى 16 گە كىرگەن تېخى ، نەچچە كۈندىن بېرى مەھەللىدە ئۇ قىزنى توي قىلماي تۇرۇپ قوسىقى يۇغۇناپ قاپتۇ دەپ سۆز -چۆچەكلەر ئېقىپ يۈرىيدۇ . شۇڭا مەنمۇ ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىلىگە داۋاتىمەن .
— مەنمۇ ياخشى كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم خوشنام ، قىز بالىنىڭ غېمى يامان بۇلىدىكەن ، ئەمما مۇۋاپىقراق كىم بار دەيسىز بۇ مەھەللىدە ، يىراق يەرگە بېرىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ياتلىق قىلۋەتسەم تىكەندەكلا يالغۇز قالىمەن ،رەھمەتلىك بوۋاي دائىم ماڭا ‹ قىزىمىزنىڭ تويىنى چوڭ قىلىپ ، ئەل -جامائەتكە بارلىق بىساتىمنى بولسىمۇ چىقىرىپ داستىخان سالىمەن › دەيدىغانتى . ئەپسۇس بۇ كۈنلەر نېسىپ بولمىدى . گۈزەلئاينىڭ كىشىنىڭ كۆزىنىڭ يىغىنى يىگىدەك چوڭ بۇلىۋاتقىنىغا قاراپ ، كېچىلىرى بۇ ئىشنى ئويلاپ كۆزۈمگە ئويقۇمۇ كەلمەيدۇ ، يىقىنراق يەر بولسا كۆزۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرسە ياخشى بۇلاتتى . . .
— مەھەللىدىكى ئەمىتاخۇننىڭ ئوغلى سىلىچە قانداق بۇلا ؟ ناۋادا ماقۇل كۆرسىلە بۇ ئىشلارنى ئۆزەملا جۆندەيمەن .
— ھېلىقى بىر پۇتى ئاقساپ ماڭىدىغان ئوغلىنى دەملا سارىخان ؟
— ھە ، بۇ بالا مىيىپ بولغىنى بىلەن بەكلا يۇۋاش ، گۈزەلئاينى ھەرگىز بوزەك قىلالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە شارايىتى خېلىلا ياخشى ، گۈزەلئاي ئۇ ئائىلىگە كىرسە ، قوساقتىن ، كىيىم -كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ .
— ئەمما تۇتقاق كېسىلىمۇ باركەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟
— ۋاي ئۇ كېسىلى ناگاندا @ بىر قوزغىلارمىش ، ھازىر يۇۋاش بالىلارنى تاپماق تەس ، سەل چارچاڭ بۇلۇپ قالسا ، جۈمەلىكىڭ تولا بۇلۇپ كەتتى ، ھە دېسە موماڭنىڭكىگە قاترايسەن دەپ مۇشتىنى تەڭلىسە ، ۋاي خۇدايىم ئۇ خاپىچىلىقنى بۇ قېرىغان جېنىڭىزدا نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىيلا ؟!
— ئەمما قىزىم بۇنىڭغا قۇشۇلماسمىكىن ، ھازىر نىكا ئەركىنلىكى دەپ ، بالىلار ئالىمەن دېگەننى ئالىدىغان ، تېگىمەن دىگەنگە تىگىدىغان بۇلۇپ كەتتى . بۇرۇنقى بىزلەرنىڭ زامانىمىزدا چوڭلار نېمە دېسە شۇ ئېدى خوشنام . تەگمەيمەن دەپمۇ ھەددىمىز ئەمەس ئېدى . ھەي ... ھازىر بالىلار بەختلىك جۇمۇ !
— ۋاي نېمىسىنى دەيسىز ، ھازىر شۇ نىكا ئەركىنلىكى دەپ ئۆزلىرى تاپقانغا تېگىپ ،ئالىمەن دېگەننى ئېلىپ ، ئىككى كۈن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرشىپ يۈرمەمدۇ ئەنە ! چوڭلارنىڭ كۆرگىنى كۆپ بۇلىدۇ ، شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ، ئوبدان ئادەملەردىن بولسا ئاندىن ماقۇللىقىنى بىلدۈرىدۇ . ھازىر ياشلار شۇ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ تېگى -تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كۆيدۈم -پىشتىم دېيىشىپلا توي قىلىشىدۇ . بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس خوشنام .
— ئۇ دېگەنلىرىغۇ راست ، قىزىم گۈزەلئاينىڭ بەختىنى كېچە -كۈندۈز خۇدايىمدىن تېلەۋاتىمەن . پىشانىسى پۈتۈلگەن بولسا بۇلا ، بولمىسا ئۇنىڭغىمۇ ئىلاجىمىز يوق سارىخان .
— ئەمىسە سىز گۈزەلئايدىن سوراپ بىقىڭ ، ئاندىن بۇ ئىشنى دىيىشەيلى . گۈزەلئايغۇ بەكلا ئوڭ ياخشى قىز ، چوقۇم گېپىڭىزنى يارمايدۇ .
— ماقۇل ، مەن كەچتە بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئېچىپ باقاي ، قېنى نېمە دەيدىكىن ؟!
— ئەمىسە مەن ئەتىگىچە يەنە كېرەمەن ، خوش مەن چىقاي !
— خوش ئەمىسە .
مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىليار بىلەن قىلغان ۋەدەمنىڭ ئاسانغا توختۇمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ھوجۇدۇم ئازاپلىق تىترەپ كەتى . ئەمما پاك مۇھەببىتىمدىن بۇنداقلا ۋاز كېچىشكە يۈرىكىم يول قويمايتتى ، شۇڭا ناۋادا مومام بۇ گەپنى قىلىپ قالسا قەتئىلىك بىلەن رەت قىلىش توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ قويدۇم .
ئىش ئەمگەكلەر قىزىغان ، ئەمگەك ناخشىلىرى ئۈزۈلمەي ئېيتىلىپ ، ھارغىن دىللارغا غەيرەت ، جاسارەت ئاتا قىلغان قايناق بۇ كۈنمۇ ئاخىرلىشىپ ، بىپايان زىمىنغا گۈگۈم پەردىسى يېيىلغان چاغدا ئېتىزدىن قايتىپ كەلدۇق . مومام ئۇچاققا ئوت يىقىپ ، كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئېدى . مەن كىلىپ ئۇچاق بېشىدىكى ئوتۇنلارنى ئۇشتۇپ ئۇچاققا سالغاچ ،مومامنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى كۈتتۈم .
ئەمما مومام خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ماڭا بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلمىدى . تاماقمۇ يىيىلىپ ،قاچا- قۇچىلارنىمۇ يىغىشتۇرۇپ بۇلۇپ ، ئارام ئالاي دەپ ياتسام ، مومام ئاستا بېشىمغا كىلىپ ئولتۇردى ؛
— قىزىم سىزدىن سوراپ باقسام ، كەلگۈسىدە قانداقراق يىگىتكە ياتلىق بۇلاي دەيسىز ؟ ئارزۇيىڭىزنى ماڭا دىيىشنى خالامسىز بالام ؟
— ۋاي -ۋۇي موما ، مەن تېخى يىگىرمە ياشقىمۇ كىرمىسەم ، نېمە ئۇ توينىڭ گېپىنى قىلىپ كەتتىڭىز ؟!
— ياق ئەمدى دەيمەنغۇ قىزىم ، قىز بالا دېگەن ھامان تالانىڭ ئادىمى دەپ سىزنى ھېچكىمگە بەرگىم بولمىسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر كۈنى ئۇچۇپ كېتىسىز يېنىمدىن ، ئەمما سىزنىڭ قانداق ئويلىرىڭىز بار بىلىپ باققىم كىلىۋاتىدۇ .
— موما ، مەن ئەتتىگەن سارىخان مومام بىلەن دېيىشكەنلىرىڭلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، مېنىڭ ئۇ ئابلىز بىلەن توي قىلغۇم يوق .
— ۋۇي شەيتان قىز ، ئەسلىدە ئوغرۇلىقچە قىلىشقان گەپلىرىمىزىنى ئاڭلىۋاپسىز-دە!
— ياق موما ، مەن ئوغرۇلۇقچە ئاڭلىمىدىم ، توغرا كىلىپ قالدى شۇڭا ئاڭلاپ قالدىم ، مەن تېخى كىچىك ، يەنە كىلىپ توي قىلمىساممۇ قىلمايمەنكى ، سىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمەن .
— رەھمەت بالام ئىنساۋىڭغا ، لېكىن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلار چوڭ بولسا ياتلىق قىلىش ، ئۆيلەش مەجبۇرىيىتى بار ، ئەمما مەن سىزنى ھەرگىزمۇ مەجبورلاپ بىرسىگە توي قىل دېمەيمەن قىزىم . بۇنداق مەجبۇرلاش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتسۇن ،— مومام شۇنداق دېگىنىچە مىچىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
—ۋاي -ۋۇي موما ، مەن توي قىلمايمەن بولدى ، يىغلىمىڭە ، خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن ھەرگىز سىزنىڭ ھەم رەھمەتلىك بوۋامنىڭ يۈزى تۆكۈلدىغان ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيمەن .
— ساڭا ئىشىنىمەن قىزىم ، ئەمما قىز بالا دېگەن ئاجىز بۇلىدۇ . خۇدايىم ساقلىسۇن بالام ، مەنمۇ سېزىپ تۇرۋاتىمەن ، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىليار بار ، شۇنداقمۇ ؟
— موما ... سىز ،—مەن قىزارغىنىمچە ياتقاننى تارتىپ بېشىمنى ياتقاننىڭ ئىچىگە تىقىۋالدىم .
— خىجىل بولماڭ قىزىم ، مەن بۇنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغان بالام ، ئىليار ياخشى بالا ، ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق ياخشى كىشىلەر ، ئەمما ئۇ ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ يېزىغا كەلمەي ، شۇ چوڭ شەھەرلەردە قالامدۇ تېخى !
— ياق موما ، ئۇ قايتىپ كىلىدۇ ، مەن ئۇنى ساقلايمەن .
—راست ساقلامسىز ؟
—راست موما ، ئۇ ماڭا كىچىكىمدىن ياردەم قىلىپ كەلدى ، كىچىك ۋاختىمدا مەكتەپتە بالىلار مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەپ ھاقارەتلىسە ، ئۇ ئۇلار بىلەن تەڭ تۇراتتى . ناھىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ ماڭا جىق ياردەملەرنى قىلغان .
—بۇلارنى بىلىمەن ، ئەمما بەش يىل ئوقۇپ كەلگىچە كىم بىلىدۇ قىزىم ، شەھەرلىك بىرەسىنى تېپىۋالامدۇ تېخى ، ئۇنداق بولسا سىزگە بەكلا ئازاپ بۇلىدۇ .
—مەن قانچە ئازاپ چەكسەممۇ ، ئىليار بىلەن بىللە بۇلىدىغانلا ئىش بولسا ماڭا ھېچقانچە ئىش ئەمەس موما .
—بارىكاللا قىزىم ، مۇھەببەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى تارتقان جاپا مۇشەققەتلەر ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس . ئەمىسە سىزنى مەجبۇرلىمايمەن . خۇدايىم پىشانىڭىزگە ئىليار پۈتۈلگەن بولسا رېسقىڭلار قوشۇلار . مەنمۇ كېچە -كۈندۈز سىزنىڭ بەختىڭىزنى خۇدادىن تېلەۋاتىمەن ...
—ۋۇي موما ، قارىسام گەپلىرىڭىز ئىچىدە گەپ باردەكلا قىلىدۇ ، قېنى ماڭا سۆزلەپ بېرىڭە ، بوۋام بىلەن ئىككىڭلار مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانمۇ ؟
—ھوي شەيتان قىز ، ئۇ چاغلاردا مۇھەببەتلىشىش نېمە قىلسۇن قىزىم ، دەپ بەرسەم گەپ تولا ، ئىشقىلىپ مەنمۇ شۇ بوۋىڭىزغا تېگىمەن دېسەم ، ئۆيدىكىلەر قوشۇلماي ، باشقا بىرسىگە ياتلىق قىلماقچى بولدى ، يىغلاپ قاھشاپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم ، ئاتا -ئانامغا گەپ ئاڭلىتالمىدىم ، بوۋىڭىز شۇ چاغلاردا تولىمۇ قاۋۇل يىگىت ئېدى ، ئۇمۇ مېنىڭ باشقىلارغا ياتلىق قىلىشىمغا چىداپ تۇرالمىدى . ئاخىرى توي كۈنى كېچىدە بوۋىڭىز مېنى توينىڭ مەشرىپى قىلىۋاتقان يەردىن ئېلىپ قېچىپ كەتكەن . مانا شۇ قاچقانچە تا ھازىرغىچە مەن ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بارىمەنمۇ دەپ باقمىدىم ، ئۇلارمۇ كىيىن بىزنىڭ نەدىلىكىمىزنى بىلىپتۇ ، ئەمما مەندەك قىزىمىز يوق دەپ مېنى يوق قاتارىغا چىقىرۋېتىپتۇ . شۇندىن بېرى بوۋىڭىز بىلەن ئىككىمىز ياققا -يۇرتلاردا يۈرسەكمۇ ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ ، تۇرمۇشنىڭ بەختىنى سۈرۈپ كەلدۇق . مال -دۇنيا ، بايلىقىمىز بولمىسىمۇ ، ئىككىمىزنىڭ بىر -بىرىمىزگە سادىق مېھرى -مۇھەببىتىمىز بار ئېدى قىزىم ، ئەمما بوۋىڭىز مەندىن بۇرۇن كېتىپ قالدى ! مېنىڭمۇ كۆرىدىغان كۈنىم ئاز قالدى ، شۇڭا كۆزۈمنىڭ مىدىراپ تۇرغان ۋاقتىدا ، سىزنى ياتلىق قىلىپ ، بىرەسىنىڭ پىشىگە ئېسىلدۇرۇپ قۇيۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوقتى . سىز ئەمدى ئىليارنى ساقلايمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز مېنىڭمۇ ئامالىم يوق قىزىم . مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتۈلگەن ئىش مېنىڭ بېشىمدىنلا كەتكەي .
—رەھمەت موما ، مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت ،— مەن ئەركىلەپ مومامنىڭ مەڭزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدۇم . موماممۇ مەڭزىمنى بىرنى چىمداپ قۇيۇپ ئورنىغا بېرىپ ياتتى . گەرچە مومامنىڭ گەپلىرىدىن خاتىرجەم بولغان بولساممۇ ، ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم بىر شۇملىقنى سەزگەندەك ئېغىپ كەتتى .
بۇ ئىش بۇلۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۆيىمىزگە تۆۋەنكى مەھەللىدىن ئىككى ئايال ئەلچىلىككە كەپتۇ ، بۇ مەزۇملارنىمۇ مومام چىرايلىق گەپلەر بىلەن ‹ قىزىم تېخى كىچىك › نى باھانە قىلىپ يولغا سالدى . شۇ كۈنلەردە ئۆيگە بىرەسى كىرسىمۇ ئەندىكىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ئىليار ئوقۇشقا كېتىپ بىر يىل بولماستىن ئۆيىمىزگە ئۇ يەر -بۇ يەرلەردىن ئەلچىلەر كىلىشكە باشلىدى . بۇ گەپلەرنى ئىليارغا دەپ ، ئۇنى ئەنسىرتىشنىمۇ خالىمىدىم . خېتىمدە پەقەت ياخشى تۇرۋاتقىنىمنى ، مەندىن ئەنسىرمەسلىكنىلا يازاتتىم . ئۆزەمنىڭ چوڭ بولماي شۇ يېشىمدىلا تۇرۇپ قېلىشىمنى ئۈمۈت قىلاتتىم . ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەستە !
مەھەللىدە بىرە ئىش بولسىلا تاختا كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرۇپ گازىر چاققاچ غەيۋەتكە چۈشىدىغان بىر نەچچە ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزەم توغرۇلۇقمۇ سۆز -چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . ‹ نېمە دېسە دېمەمدۇ › دەپلا يۈرىۋەردىم .
بىر كۈنى مومام ئېتىزدىن كىلىشمگە مېنى ئوينىڭ ئىچىگە تارتۇشتۇرپ ئەكىرىپ ؛
—قىزىم ، مەن بۈگۈن غەلىتىلا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم ، بەلكىم بۇ باشقىلارنىڭ تاپقان گېپىدۇ ، ئەمما يەنىلا ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاي قىزىم ، دەڭە ، سىز مەمەت بوۋىڭىزنىڭ چوڭ ئوغلى بىلەن قانداق مۇناسىۋېتىڭىز بار ؟
— نېمە دەيدىغانسىز موما ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاكامنىڭ ئورنىدىكى ئادەم ، يەنە كىلىپ ئايالى خەيرىنىسا ئاچامغىمۇ مەن بەكلا ئامراق ، ئۇلارنىڭ قىزىنى ئۆز سىڭلىمدەكلا ياخشى كۆرۈمەن .
— ۋاي جېنىم بالام ، بايام ئۆيدە ئولتارسام ، سارىخان موماڭ كىرىپ بىرمۇنچە كايىپلا كەتتى . سىزنى‹ ئوغلۇم بىلەن غەيرى مۇناسىۋىتى باركەن ، شۇ سەۋەپتىن كېلىنىم خەيرىنىسا ئوغلۇم بىلەن بالىسىنى تىرىك يىتىم قىلىپ ئاجىرشىمەن دەيدۇ › دېمەسما قىزىم ، بېشىمدىن تۈتىن چىقىپ كەتتى . ئەمما سارىخان مومىڭىزغا چۈشەندۈرۈپ ، سىزگە كەلگەن ئەلچىلەرنى نېمە سەۋەپتىن ياندۇرۋاتقىنىمنى دەپ بەرسەم ، شۈك بۇلۇپ چىقىپ كەتتى .
— توۋا ، ئەمدى مەھەللىدىكىلەرنىڭ تاپمايدىغان شۇ گېپى قالماپتىدە ، يا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە نان تېلەپ بارمىسام ، ئەمدى قىلىدىغان گەپ تاپالماي ، مەندەك بىر قىزغا تىغنىڭ ئۇچىنى قاراتقىنىغا ھەيران قالدىم .
—قىزىم تىل دېگەننىڭ سۈڭىكى يوق ، نېمە دېگىسى كەلسە دەۋېرىدۇ . ئەمما ئۆزىمىزگە پۇختا بولساقلا بۇلىدۇ . چۈشەندىڭىزمۇ قىزىم گېپىمنى ؟
—چۈشەندىم موما ، ئەمدى مەن خەيرىنىساخان ئاچاملارنىڭكىگە جىق كىرمەي ، ئېتىز ئىشلىرىمىزغا ياردەم قىلغاندىكىن دەپ ، ئۆي ئىشلىرى بولسا قىلىشىپ بېرەي دەپلا تولا كىرەتتىمكەن . قارىغاندا بۇنداق قىلسام باشقىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن . دىققەت قىلاي بۇندىن كىيىن موما !
— بالام ، مەن سىزدىن ئەنسىرەپلا قېلىۋاتىمەن ، سىزنى مەن ياتلىق قىلغۇچە مەھەللىدىكىلەر ياتلىق قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . مۇشۇ كۈنلەردە مەھەللىدە گەپ تولا ، ئىليارغا يەنە توت يىل باركەن ، ئۇ كەلگىچە خېلى گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئوخشايمىز
— مەن قوقمايمەن موما ، ئۇلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن ، مېنىڭ قوقىدىغان يېرىممۇ يوق .
ھەي بۈگۈن مۇشەگىچە يازالىدىم ،ئۆزرە ...
ناگاندا —— بىرە -بىر دېگەن مەنىدە
|
|
|
|
|
|
|