|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-25 11:50
ئىليارنىڭ تەبەسسۇملۇق چىرايى بىلەن مۆلدۈرلەپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرى ئەمدىلىكتە ئېيتقۇسىز بىر خىل ئازاپتا ماڭا تىكىلدى . ۋىسال تەشنالىقىدا رەتسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىم شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ئازاپ ۋە خوشاللىقنىڭ ئاچىلىدا تىپچەكلىمەكتە . 8 يىلدىن بۇيان ئىچىمگە سېلىپ كېلىۋاتقان ئازاپلىرىم ، شۇنداقلا تاقىتى تاق بولغان سېغىنىشلىرىم بۈگۈن بىراقلا ئېغىز ئالغاندەك ئۆزەمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالمىدىم ، گويا كەينىمدىن بىرى ئىتتىرگەندەكلا ئىليارنىڭ باغرىغا ئۆزەمنى ئېتىپ ھوڭرەپ يىغلاپ كەتتىم .
2
مەن ئېسىمنى بىلسەملا بوۋام بىلەن موماملارنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىمكەن . ئاتا-ئانامنىڭ كېملىكىنىمۇ بىلمەيتتىم . مومام ماڭا سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۇلار ماشىنا ھادىسىدە تۈگەپ كەتكەن دېگەنتى . كىچىك ۋاقتىلىرىمدا بۇ سۆزگە ئىشىنىپلا يۈرەتتىم . تۇرمۇشىمىزمۇ بوۋامنىڭ تېرىغان ئىككى مو يېرىگە تايىنىپ جان باقاتتۇق . مەكتەپ يېشىغا توشقان يىلىم ، بوۋام قۇلۇمدىن يېتىلەپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى . بۇ مەكتەپ لاي بىلەن سۇۋالغان ئىككى كورپۇس ، ئىشىك -دېرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىمۇ يوق دېيەرلىكلا كونا ئۆيلەر ئېدى . مەن كىرگەن سىنىپتا 9 نەپەر بالا بۇلۇپ ، ئىليارمۇ شۇ سىنىپتا ئېدى . سىنىپىمىزدا توت دانە كونىراپ كەتكەن پارتا بىلەن ئولتۇرسىڭىز غىچىرلاپ ئۆرلۈپ چۈشكىدەكلا ئۇزۇن ئىككى كىشلىك ئۇرۇندۇقتىن تۆتىسىلا بار ئېدى . 9 بالىغا تۆت ئورۇندۇق ، تۆت پارتىنى قانداق تەقسىملەشتە مۇئەللىمنىڭمۇ بېشى قېتىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ چاغدا ۋىجىككىنە كەلگەن بۇغداي ئوڭلۈك خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈل ؛
— مۇئەللىم گۈزەلئاي يەردە ئولتارسۇن ، - دېدى ماڭا ئالىيىپ قاراپ .
كىچىككىنە سەبى قەلبىم مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا باشقىلارنىڭ يەكلىشىگە ئۇچۇردى . مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن ؛
— نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟
— ئۇ دېگەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق .
— بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ ، — دېدى مۇئەللىممۇ ئايگۈلگە تەربىيە بېرىپ .
— مەن ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق ئەمەس ، دادام -ئاپاملار كىچىك چېغىمدا تۈگەپ كەتكەن ، — دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي .
— ئاپام سېنى بوۋاڭ مەسچىتنىڭ ئالدىدىن تېپىۋالغان دەيدۇ .
— يالغان ...
مەن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىغىنىمچە سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتىم .
كەينىمدىن مۇئەللىم چىقىپ ، ‹ ئۇلارنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭ › دەپ بەزلەپ سىنىپقا ئېلىپ كىرىپ ، ئىليار ، ھەنىپە لەر بىلەن بىر پارتىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى .
ئىليار بىزنىڭ مەھەللىدىكى سودىگەر مەمەت شاڭخەينىڭ ئوغلى ئېدى . ئۇنىڭ دادىسى بىر قېتىم شاڭخەيگە بېرىپ كىلىشى بىلەن مەھەلىدىكىلەر ئۇنى مەمەت شاڭخەي دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋالى مەھەلىدىكىلەردىن ياخشى ئېدى . شۇڭا ئۇ دائىم ماڭا قەلەم ، ئۆچۈرگۈچلىرىنى بېرەتتى . بالىلار مېنى‹ يىتىم ئوغلاق› دەپ چاقىرسا ، ئۇ مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارنى تىللايتتى . مەن نېمىشقا ئۇنداق قىلىسەن دېسەم ‹ مەن ئەسلىدە قوش كېزەك ئېكەنمەن ، بىر سىڭلىم باركەنتۇق ، ئەمما تۇغۇلۇپ 3 كۈندىن كېيىن تۈگەپ كېتىپتىكەن ، سېنى شۇ سىڭلىمغا ئوخشۇتىمەن › دەپ جاۋاپ بەرگىنى ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇراتتى .
مەن مومامدىن ئاتا -ئانام توغرۇلۇق يەنە نەچچە رەت سورىغان بولساممۇ ، مومام يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا جاۋاپ بەرگەن ئېدى . شۇڭا بالىلارنىڭ مېنى ‹يىتىم ئوغلاق› دەپ ئاتاشلىرىغىمۇ كۈنۈپ كەتتىم .
كۈنلەر ئايلارنى ، ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىنجە بىلەن پۈتتۈردىم . مەھەللىمىزدىكى بۇ مەكتەپتە ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچ ، ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى . بىر كۈنى كېچىدىكى مومامنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان يىغا ئاۋاز ىدىن ئۇيغۇنىپ كەتتىم .
— مەيلى قانداق جاپا تارتساقمۇ بالىنى ئوقۇتساق بۇلاتتى دادىسى ، بىزمۇ ياشىنىپ قالدۇق ، ئۇ بىزدىن قالسا يا بىر ئۇرۇق -تۇققىنى بولمىسا ، قانداقمۇ قىلار ؟!
—مېنىڭمۇ شۇنداق ئوقۇتقۇم بار ، ئۇنىڭ چېچەن ئەقىللىقلىغىغا قارىمامسەن ، ئۇنى تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىز ئاتا -ئانىسىغا ئىلگىرى مىڭ لەنەت ئوقۇغان بولساممۇ ، ئەمما ھازىر گۈزەلئاينىڭ بۇنداق ئەقىللىق ، ئىش بىلىدىغان قىز بۇلۇپ چوڭ بولغىنىنى كۆرۈپ ، ھازىر ئۇلارغا رەھمەت داۋاتىمەن . قارىغىنا ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئۆي ئىشلىرىغا قوللىرىنىڭ ئەپلىك كېلىشلىرىنى ، يەنە تېخى ئېتىز ئىشلىرىمغىمۇ ئوغۇل بالىدەك ياردەملىشىدۇ .
— شۇنى دېسىلە دادىسى ، بىز يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىقىۋالغىنىزغىمۇ 40 يىل بۇلاي دەپتۇ ، بۇ جەرياندا ئاز جاپالارنىمۇ تارتمىدۇق ، ئەمما بىرلا ئۈكۈنىشىم بار ، ئۇ بولسىمۇ سىزگە بالا تۇغۇپ بېرەلمىدىم .
مومامنىڭ مىچىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزلىرىدىن مەھەلىدىكى بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مېنى ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق دەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلدىم ، ھەم شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم ، شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، ئاتا-ئانام بولغۇچى ئىنسان ئاتلىق كىشىلەرگە بىر خىل نەپرەت ، كىچىككىنە سەبى قەلبىمنى قاماللىدى .
— نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن موماي ، ھېچقىسى يوق ، خۇدايىم مانا بىزگە گۈزەلئاينى بەردىغۇ ، ئۇنى ئۆز كۆز قارچۇغاڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ چوڭ قىلدىڭ ، مەن بىلەن جاپادىمۇ تەڭ يۈرۋاتىسەن . شۇنچە يىلاردىن بېرى گەرچە ئاتا-ئاناڭنى ، يۇرتنى سېغىنغان بولساڭمۇ ، مېنى دەپ بىرە قېتىم ئالدىمدا ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىدىڭ ، بەزىدە كۆزلىرىڭدىكى ھارغىنلىقتىن ئەينى چاغدىكى قىلغان يەكۈنىمدىن پۇشايمەنمۇ قىلىپ قالىمەن . لېكىن سەن بىرەر قېتىممۇ مەندىن نارازى بۇلۇپ باقمىدىڭ . ساڭا يا راھەت ياشىغىدەك تۇرمۇشمۇ ئاتا قىلالمىدىم . كونىلارنىڭ ‹ ئاتا رازى خۇدا رازى › دېگىنى توغرىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە . ناۋادا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ سەن بىلەن بىرگە بولغان بولسام ، بەلكىم كۈنلىرىمىزمۇ بۇنچىلىك غۇربەتچىلىكتە ئۆتمەسمىكىن . ئىشقىلىپ سېنى بەكلا جاپادا قويدۇم .
كىچىككىنە قەلبىم بوۋام دېگەن سۆزلەرنى تازا چۈشۈنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما مومامنىڭ ئىسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹ مەن سىلىدىن رازى دادىسى ›› دېگەن سۆزلىرىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەن ھېس قىلىپ كېتەلمەيدىغان نۇرغۇن ھېكايىلىرىنىڭ بارلىقى چىقىپ تۇراتتى .
— ئەتە گۈزەلئاينى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى . مەن ئېتىزدا باشقىلارنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇتىمەن دادىسى ،— دېدى مومام بىر ھازادىن كېيىن ئۇلۇغ كىچىك تېنىپ .
— ماقۇل ، ئەتە ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيايلى ، ھاياتلا بولسام ئۇنى ئوقۇتۇپ ، كېيىن ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىگىدەك قىلىپ قۇيۇپ ، بۇ ئالەمدىن كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق .
— شۇنداق قېلىلى ...
بوۋام بىلەن مومام جىمىپ قېلىشتى . بەلكىم بوۋام قۇرلۇش ئورنىدا خىش كېسەك توشۇپ ، مومام بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدا پاختا تېرىپ چارچىغان بۇلىشى مۇمكىن . مەن خېلى ۋاققىچە ئۇخلىيالمىدىم ، كاللامدا نۇرغۇنلىغان ‹ نېمە ئۈچۈن › لەر جاۋاپ تاپالماي يا يىغلاشنى يا كۈلۈشنى بىلمەيتتىم .
ئەتىگەندە مومامنىڭ يېرىلىپ يىرىكلىشىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن چېچىمنى مېھرىبانلارچە سېلىشىدىن كۆزۈمنى ئاچتىم .
— تۇرىڭە قىزىم ، مەكتەپكە بارىمىز .
— موما ، بىر گەپ قىلسام خاپا بۇلامسىز ؟
— ۋۇتتان ، شەيتان قىزنىڭ گەپلىرىنى ، قېنى دەڭە ، نېمە گەپتى ؟— مومام مېنى ئەركىلىتىپ مەڭزىمنى چىمداپ قويدى .
— مەن مەكتەپكە بارمايمەن .
— نېمىشقا ؟
— سىلەرنى كۈندە كۆرەلمەيدىكەنمەن ئۇ يەردە
— ئارانلا بەش كۈن كۆرەلمەيسىز قىزىم . جۈمە كۈنى بوۋىڭىز بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
— ياق ، بارمايمەن . مېنىڭ ئوقۇغۇم يوق موما ، سىزگە ياردەملىشىپ مەنمۇ پاختا تېرىمەن . جىق پاختا تېرىپ سىزگە ھەم بوۋامغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بېرىمەن موما !
— رەھمەت بالام رەھمەت ، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇسىڭىز ، كېيىن كادىر بۇلىسىز ، ئۇ چاغدا بىزگە كىيىملا ئەمەس ، چوڭ ئازادە ئۆيلەرنىمۇ ئېلىپ بېرەلەيسىز ئەمەسمۇ ؟!
— راستلا مەن ئوقۇسام كادىر بۇلامدىم ؟
— ئەلۋەتتە ، سىز دېگەن ئەقىللىق قىز تۇرسىڭىز
..........
شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈندىن باشلاپ ناھىيىدىكى ئوتتۇر مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇشنى باشلاپ كەتتىم . ئىليارمۇ مېنىڭ كەلگىنىمدىن تولىمۇ خوشال بولدى . ئىككىمىز دائىم بىرگە دەرس تەكرار قىلاتتۇق . ئۇ ماڭا شۇ يىللاردا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى . مەنمۇ بوۋام بىلەن مومامغا ئېغىرلىقىمنى سالماسلىق ئۈچۈن كۈندە بىر ۋاقلا تاماق يەيتتىم ، باشقا چاغلاردا ئۆيدىن ئەكىلۋالغان نان بىلەن چاي ئىچەتتىم . بوۋام مېنى ياخشى تاماق يىسۇن دەپ تاماق پۇلى بېرىپ تۇراتتى ، ئەمما مەن مومامغا ‹ سەن ياققان نان مەكتىۋىمىزدىكى ئېسىل تاماقلارغا يەتمەيدۇ › دەپ ھەر ھەپتىدە قايتىپ كەلگۈچە ناندىن نەچچىنى سومكامغا سېلىۋالاتتىم . كەچلىكى نان بىلەن قايناقسۇ ئىچىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرگەن ئىليار ، ئاشخانىدىن تاماق ئەپچىقىپ ئۇنىمىساممۇ ئۇنىماي ماڭا بېرەتتى . ئۇنى شۇ چاغلاردا ئۆز ئاكامدەكلا تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم . ئوقۇشتا ھەر ئىككىمىز سېنىپنىڭ ئالدىدا ماڭاتتۇق ، سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنىڭ ئائىلە ئەھۋالىمدىن خەۋەردار تاپقاندىن كېيىن ، نۇرغۇن جەھەتتە ماڭا ياردەم قىلىپ . كىتاپ پۇلىنىمۇ مەندىن ئالمايدىغان بولدى .
ئاخىرى تۇلۇقسىزنىمۇ ياخشى نەتىنجىلەر بىلەن پۈتكۈزۈپ ، ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىم مەكتىۋىگە ئىمتىھان بەردىم . ئىليار تۇلۇق ئوتتۇردا بىللە ئۇقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرەيلى دەپ شۇنچە گەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما جاپاكەش بوۋام بىلەن مومامنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ يۈكىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغان ئېدىم .
ئىمتىھاننىمۇ شۇنداق ياخشى بەرگەن ئېدىم ، ئەمما ‹ دېھقاننىڭ بالىسى ھامان دېھقان بۇلىدۇ › دەپ ، شۇنچە تەلمۈرۈپ كۈتكەن چاقىرىق قەغىزى ماڭا ئەمەس ، بەلكى سىنىپىمىزدىكى مەندىن ئوقۇش جەھەتتە خېلىلا تۆۋەن ئۇقۇيدىغان خوشنىمىزنىڭ قىزى ئايگۈلگە كەلدى . مەن ھېچ چۈشىنەلمەي مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارسام ، مۇئەللىم بىر ئوھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن ؛
— گۈزەلئاي ، سىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپسىز ، ھېچقىسى يوق يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇسىڭىز بۇلىدۇ ،— دېدى .
بوۋام بىلەن مومامنىڭ شۇنچە جاپادا مېنى ئوقۇتقىنىنى ئويلاپ ، ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى قانداق ئېيتىشنى بىلمەي بېشىم ساڭگىلغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلسەم ، بوۋام بىلەن مومام تەڭلا ئالدىمغا چىقىپ
— ھېچقىسى يوق قىزىم ، بىز سىزنى ئەيىپلىمەيمىز ، سىز ئەسلىدە ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەن ، ئەمما ... ھەي بولدىلا قىزىم . بولغىلىق بوپتۇ . كېلەر يىلى يەنە بېرىڭ ، بىز سىزنى قاچان ئىمتىھاندىن ئۆتكىچە ئوقۇتىمىز .
ئۇلارنىڭ بۇ مېھرىبانلىقىدىن پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم .
داۋامى بار |
|
|
|
|
|
|