|
ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە ، ئۇ نەگىلا بارسا كۆكىرىپ تۇرالايدۇ . مەن ئۇزۇنغا قالمايلا بۇ شاۋقۇنلۇق شەھەرنىڭ ئۇجۇر -بۇجۇرلىرىغىچە چۈشۈنۈپ كېتەلمىگەن بولساممۇ ، ئەمما خېلىلا تۇنۇپ يەتتىم . ئۇيغۇرلارنىڭ سودا -سېتىق مەركىزى ئاتالغان دوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاۋات كوچىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى قىزلار ياتاق بىنالىرىغىچە مېنىڭ ئاياق ئىزىم بار ئېدى . 50 سوم دەسمايەم ئاستا -ئاستا يۈز سوممۇ بولدى ، يۈز سومدىن ئىككى يۈز سوممۇ بولدى ،ئەمما ھەرگىز پۇل تاپتىمغۇ دەپ بەتخەشلىق قىلمىدىم . پايپاق سېتىشتىن ئاستا كېڭىيىپ ، قىزلارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ساتتىم . بۇ جەرياندا بازار باشقۇرۇشتىكىلەرنىڭ ماللىرىمنى مۇسادىرە قىلغانلىرىمۇ بولدى . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدىم ، بۈگۈن بۇ يەردىن قوغلىسا ، ئەتىسى باشقا يەرگە باردىم ، ئىشقىلىپ سودا قىلىش ئۈچۈن ئازراق يۈزى قېلىنلىق كېتىدىكەن . كېلىۋاتقان كىشىلەرگە تارتىنىپ ، قىزىرىپ تۇرماستىنلا ماللىرىمنى ماختاپ يۈرۈپ ، يانچۇقىدىكى پۇلىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلاتتىم . سودىنى پۈتتۈرۈشتە پەقەت كىشىلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ، تاتلىق گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالماقچى بولغان نەرسىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىگە قارىتا پەرەز قىلىۋېلىپ ، ‹‹ سىزگە ماۋۇ يارىشىدۇ ، ماۋۇ ياراشمايدۇ › دەپ چۈشەندۈرەلىسىڭىز ، خېرىدارمۇ ئالغان نەرسىسىدىن رازى بۇلۇپ ماڭىدىكەن . كىچىك قۇۋۇقتىكى توپ سېتىش دۇكىنىدىمۇ مانا بۇ تاكتىكا ئارقىلىق خېلىلا پىشىپ يىتىلدىم ، جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن نۇرغۇن خېرىدارلارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرلەپ ماڭدىم . كۆزۈممۇ خېلى پىشىپ قالغان ئېدى . ئىليار بىلەن ئىككىمىز بۇ نەتىنجىمىزدىن تولىمۇ خوشال ئېدۇق . لېكىن بىر خوشاللىقنىڭ بىر خاپىلىقى بۇلىدۇ دەپ ، بىر كۈنى سەھەردە ياتىقىمنىڭ ئىشىكى شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلدى . ياتاقتىكى يەنە بىر قىز ئۇ كۈنى ياتاققا قايتمىغان بولغاچ ، ئۆزەم يالغۇزلا ئېدىم . مەن شۇنداق ئەنسىزچىلىكتە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم ھەم چۆچۈپ كەتتىم . ئالدىمدا ئىليارنىڭ ئاپىسى يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزارغان ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىغان ھالدا تۇراتتى . مەن نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەي ئىشىك تۆۋىدە داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قاپتىمەن ، ئىليارنىڭ ئاپىسى دولامدىن ئىتتىرىپلا ياتاققا بۆسۈپ كىردى ۋە ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ؛
— ۋۇ نۇمۇسسىز يىتىم ئوغلاق ، مەھەللە ئاز كەلگەندەك ، ئەمدى بۇ يەرنىمۇ سېسىتاي دەپ كەپسەن-دە ! ئەپتىڭگە بېقىپراق بىر ئىش قىلساڭ بولماسمىدى ، ئاڭلاپ قويغۇن ، سەندەك جۇۋاينىمەكنى ئىليارغا ھەرگىزمۇ ئېلىپ بەرمەيمەن . بۇ يەردە تولا نۇمۇسۇمغا تەگمەي نەگە يوقالساڭ يوقال ! — دېدى ۋارقىراپ تۇرۇپ .
مەن تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن ئەندىكىپ كەتتىم . ئىليارنىڭ ئاپىسى يەنە بىر نىمىلەرنى دەپ ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتاتتى .
— مەھەللىگە بارمىغان بولسام ، سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىۋالغىنىڭنى بىلمەي يۈرەتتۇقكەنمىز ، يىقىندىن ئىليار نېمىگە شۇنچە ئالدىراشتۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، ئەسلىدە سەن تۈلكىجىننىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ ئالدىراشكەندۇق . توۋا ، ‹ئالا كالىنىڭ بالىسى چالا قويرۇق › دەپ ،ئاتا -ئاناڭدەك ھارامدىن بالا تېپىپ ، بىزگە مەينىتىڭنى تاڭاي دەپ ئويلىغان بولساڭ ، ئۇخلاپ چۈشۈڭ . ھازىرلا بۇ يەردىن يوقال ، ئىليار بىلەن ئەمدى ئالاقە قىلىمەن دېگۈچە بولما !
مەن ئىليارنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن پىلۇمۇتتەك چىقىۋاتقان ئاھانەتلەرگە چىداپ تۇرالمىدىم ؛
— ھەدە ، سىز مېنى نېمىلا دېسىڭىز دەڭ ،مەن بۇنىڭغا رازى ، ئەمما ئاتا-ئانامنى چىشلەپ تارتمىغان بولسىڭىز ، گەرچە ئۇلارنى مەن كۆرۈپ ، بىرە قېتىم دادا ، ئاپا دەپ باقمىغان بولساممۇ ، ھەم مېنى شۇنداق تاشلىۋەتكەنلىرىگە نەپرەتلەنگەن بولساممۇ ، ئەمما ئۇلار يەنىلا مېنىڭ ئاتا -ئانام ، ئۇلار ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدى . شۇڭا ئۇلارنى ھاقارەتلىشىڭىزگە قاراپ تۇرالمايمەن . يەنە كېلىپ ، مەن سىز ئويلىغاندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان ئەخمەقلەردىنمۇ ئەمەس . مەيلى مېنى باشقىلار نېمە دېسۇن ، ئەمما مەن ئۆزەمنى قەدىرلەشنى بىلىمەن . مەيلى مەن نامرات گاداي بۇلاي ، خىزمىتىم يوق ئىشسىز بولساممۇ ، ئەمما مەن ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق بۇلۇپ يارىلىپ قېلىشىمدىن ئۈكۈنمەيمەن . ئاللا ئېگەممۇ بىز ئىنسانلارغا ‹‹ يارىتىشىم مېنىڭدىن بولسىمۇ يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن ›› دەپتىكەن . مەن قانداق ئادەم بۇلۇشنى ، نېمىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى پەرىق قىلالايمەن . مۇھەببەتكە بولغان كۆز قارىشىممۇ ئىنتايىن ئېنىق ، ئىليار بىلەن ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشىمىز ، مەن قانداقتۇر ئىليارغا تايىنىپ كۈن كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلمىدىم ، ھەم ئۇنىڭ يۈزى تۆكۈلدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمىدىم ، مېنى خاتا چۈشۈنىپ قالغاندەك قىلىسىز ھەدە ؟! — دېدىم كەسكىن قىياپەتتە .
— ھىم ، قىلماپتۇمىش ، ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كىلىپ ، قىلىپ يۇرگەن ئىشىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى تۆككىنىڭ بولماي نېمە ؟ مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ، تېخى مەن بىلەن جاۋاپلىشۋاتقىنىنى بۇنىڭ . سېنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭنىڭ كېرىكى يوق ماڭا ، زۇۋانىڭنى يىغىپ ، نەرسە -كېرەكلىرىڭنى يىغۇشتۇرۇپ ، بۇ يەردىن ھازىرلا يوقال !
— ھەدە ، مەنمۇ بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرالمايمەن ، ئىليارنىڭمۇ پىراكتىكىسى توشۇدىغان ۋاقتى بولدى . شۇڭا ئىككى كۈن ئىچىدە تۇرغۇدەك جاي تېپىۋالسام ، ئاندىن نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ كېتىمەن . بۇنىڭغا ماقۇل دېگەن بولسىڭىز .
— ۋۇي خېنىم ! ئۆزىڭىزنى كىم چاغلاپ قالدىڭىز ، ھېلى ماۋۇ ئىدارىگە كىرىپ بىرلا يۆتۈلۈپ باقايلا ، پۇت -قۇلۇڭنى يەرگە تەككۈزمەيلا ھەيدىۋېتىدۇ . ئۇنىڭدىن چىرايلىق ۋاقتىدىلا كېتىۋالغىنىڭ ياخشىمىكىن !
— ھەدە ، مەن بۇ يەردە تۇرغۇنىمغا ھەق تۆلەيمەن . دەسلەپتە ئىليار مېنى تۇققۇنىم دەپ نەچچە كۈن ياتقانتىم ، كېيىن كۈندە كىرىپ -چىقىدىغان بولغاندىكىن ئىليار ئىدارە رەھبەرلىرىگە دەپ ئايدا 200سوم پۇل تۆلەيدىغان بولغان . شۇڭا ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار .
— ۋاي ئۆلەي بالامنىڭ يۈزىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپسەنغۇ جۇۋاينىمەك ! مەيلى خەۋىرى بولسۇن بولمىسۇن ھازىرلا كۆزۈمدىن يوقالغىنە بىر !
ئىليارنىڭ ئاپىسى تۇرۇپلا كۆنتۇرۇللىقىنى يوقاتقان ئادەمدەك ئالدىمغا ئېتىلىپ كىلىپ مېنى ئىتتەرگىنىچە ياتاقتىن ھەيدەپ چىقىرىپ ئىشىكنىڭ ئىچىدىن ئېتىۋالدى ، مەن قانچە ‹ھەدە › دەپ ئىشىكنى چېكىشلىرىمگە ، چۈشەندۈرۈشلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى . ئەمما ئۇنىڭ
ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى مېنى ئەجەپلەندۈرۈپ قويدى . مەن ئىشىك سىرتىدا تامغا يۆلەنگىنىمچە تۇراتتىم . ئىليار ھاسىراپ -ھۆمىدەپ پەلەنپەيدىن چىقىپ كەلدى .
— گۈزەلئاي ، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟
— ياق ، ئەمما ئاپىڭىز ئۇ ...
— ئاپام ئىچىدىما ؟
— ھەئە ، ئەمما بەك يىغلاپ كىتىۋاتىدۇ ، ئاپىڭىزغا بىرە ئىش بولمىغاندۇ ؟ بايامتىن بەكلا قورقۇپ كەتتىم ، ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدى .
|
|
|
|
|
|
|