ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: مېھرىيە
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەرسىز ئۆتكەن كۈنلىرىم (پوۋىست )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

141#
ۋاقتى: 2015-7-23 12:11:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئىنكاسسىز قالارسەن خەپ تېما
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

142#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-24 16:11:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، مۇنبەردىكى تېمامغا ئىشتىراك بولغان ئەزىزلىرىم . سىلەرگە نېمە دېيىشنى بىلمىدىم ، ئىشقىلىپ تېمىنىڭ داۋامىنى ۋاقتىدا يازالماي بەك بەك سەت بولدى . مۇشۇ 3 ئاي جەريانىدا بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم ، ھەتتا مۇنبەرگە قەدەم بېسىشقىمۇ ۋاقتىم چىقماي قالدى . بەلكىم دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭلەر مۇمكىن ، 3 ئاي داۋامىدا ئالدىراشچىلىقتىن 12 كېلو ئۇرۇقداپمۇ كەتتىم . بۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قېلىۋاتىدۇ ، يەنە 20 كۈن تېرىشسام ، بۇ كۈنلەرنىمۇ ئكتكۈزۋالىمەن . شۇندىن كېيىن ئوف دەپ ئولتۇرۇپ پوۋىستنىڭ داۋامىنى ھوزورۇڭلارغا سۇنىمەن . توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئاي بەرگى گۈلۈمنىڭ كۆپچىلىكككە چۈشەنچە بەرگىنىدىن سۆيۈندىم . رەھمەت جانىم ، بۈگۈن ئازراق ۋاقتىمنى ئاجىرتىپ مۇنبەرگە قەدەم بېسىپ بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . بېشىمدا يەنە بىر مۇنچە غەم ھەم ئىشلار بىر تەرەپ قىلىشىمغا قاراپ تۇرۇدۇ . شۇڭا ككپچىلىككە چۈشەنچە بېرىپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ يۈگۈرەپلا كىردىم ، يەنە يۈگۈرەپلا ماڭماقچى

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

143#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-7-24 16:13:35 | ئايرىم كۆرۈش
gvzalnur يوللىغان ۋاقتى  2015-7-23 12:11
ئىنكاسسىز قالارسەن خەپ تېما

ئاچچىق يامانغۇ سىڭلىم ، ئىنكاسسىز قالغاندا سىزنى سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ زولاپ ئىنكاس يازدۇرىمەنغۇ تازا

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

144#
ۋاقتى: 2015-7-24 18:07:45 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە يوللىغان ۋاقتى  2015-7-24 16:13
ئاچچىق يامانغۇ سىڭلىم ، ئىنكاسسىز قالغاندا سىزنى سۆر ...

ھى ھى ھى ئىنكاس يېزىشىم ھەقسىز ھەدە قوقۇتۇپ قويدۇم سىزنى بوھ دىگەندەكچۇ



لىكىن ۋاقىت چىقسىلا داۋامىنى يېزىۋەتسىڭىز ھەدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

145#
ۋاقتى: 2015-9-7 22:28:16 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى توپا بېسىپ قاپتۇ،پۈف پۈف..........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

146#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 09:05:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-9-7 22:28
ماۋۇ تېمىنى توپا بېسىپ قاپتۇ،پۈف پۈف..........

ئەمدى بۇنى يېزىشقا ۋاقىت ئاجىرتىمەن ، پۈۋلەپ ياخشى قىلىپسىز ، دېمىسىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى ، توپىغا مىلىنىپ ياتقىلى

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

147#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 17:57:18 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-9 10:49  

قىزلار ياتىقىدىن چىقىپ ، ئالدىراپ غەربى شىمال يولىدىكى كىتاپخانىگە كىرىش ئۈچۈن 2-يول ئاپتۇۋۇزىغا ئولتاردىم ،  كۆڭلۈم تېنىگەچكىمۇ ئاپتۇۋۇز بەكلا ئاستا كىتىۋاتقاندەك بىلىنەتى . كاللامدا بولسا بۇندىن كېيىن سودىنىمۇ قىلىش بىلەن كەچلىكى كىتاپ كۆرۈپ ، ئوقۇغىدەك ئىقسات توپلىغۇچە ، ئانچە -مۇنچە بولسىمۇ ساۋاتقا ئېرىشىپ ،كۆزۈمنى ئاچقاچ تۇراي  دېگەن خىيال ، مېنى تېزراق كىتاپ سېتىۋېلىشقا ئۈندەيتتى .
مانا كىتاپخانىنىڭ ئالدىغىمۇ كەلدىم ، ئەمما ‹ ئىشتىن چۈشىمىز ، ئەتەكېلىڭ › دەپ ، مېنى ئىشكتىن كىرگىلى قويمىدى . ‹ بىردەمدىلا چىقىمەن › دەپ يالۋۇرۇپمۇ باقتىم ، ئەمما كار قىلمىدى . ئاخىرى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا  ياتاققا قايتىپ كەلدىم . كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقا كېلەيمۇ دېمىدى ، بۇ يات ، بىرە ئۇرۇق -تۇققىنىممۇ يوق بولغان شەھەردە كېيىنكى كۈنلىرىمنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تولا ئويلاپ ،ئايىقى چىقماس خىياللار بىلەن تۈننى تاڭغا ئۇلاپ چىقتىم .
سەھەردىكى بىنادىن چۈشۈۋاتقان ئۈپۇر -تۈپۈر  ئاياق تېۋىشلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئىشقا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئالدىراپ كىيىنىپ كىتاپخانىگە قاراپ يولغا چىقتىم ، چۈنكى دۇكانغا بېرىشتىن بۇرۇن كىتاپنى سېتىۋېلىشنى كېچىچە ئويلاپ قويغان ئېدىم . تەلىيىمگە كىتاپخانىگىمۇ بىردەمدىلا باردىم ھەم  ئىگىلىك تىكلەش ، ئىقسات باشقۇرۇشقا ئائىت كىتاپلاردىن سېتىۋېلىپ دۇكانغا قاراپ ئالدىراپ چاپتىم .
دۇكاندا بۈگۈن خېرىدارلار ئادەتتىكىدەك كۆپ ئېدى ، مەن بۈگۈنكى ئىشلىرىمنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولغانلىقىدىنمۇ ياكى كېچىچە ئۆزەمگە ئۆزەم  مەدەت بېرىپ ، چوقۇم تېرىشىپ ، ئارزۇيۈم ئۈچۈن ،ئىليار ئۈچۈن جاپادىن قوقماي ياشايمەن دېگەن ئوي خىياللىرىمنىڭ تۈرتكىسىدىنمۇ ئىشقىلىپ ئۆزەمنى شۇنداق يىنىك ھەم تېتىك ھېس قىلاتتىم . خۇجايىنىممۇ مەندىكى بۇ چاققانلىقتىن مەمنۇن بولغاندەك ماڭا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ قۇياتتى .
مال ئالغىلى كەلگەن خېرىدارلارغا مال سەپلەش ، خاتىرە قالدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن كۈننىڭ كەچ بولغۇنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ، بىر چاغدا خۇجايىننىڭ ئىشتىن چۈشۈمىز دېگىنىنى ئاڭلاپ ، سائەتكە قارىسام سائەت راسلا تۆتتىن ئاشقان ئىكەن ، نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىپ تۇراتتىم ، خۇجايىن ؛
— گۇلى قارىغىنە كېم كەپتۇ ؟ ،— دەپ ماڭا ئىشىكنى ئىشەرەت قىلدى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا تۇرغان ئىليارنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم . ئۇ  بۇرۇنقىدىن ئۇرۇقداپ ، قارداپ كەتكەن بۇلۇپ ، نۇر يېغىپ تۇردىغان كۆزلىرى سەل ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئېدى . ئۇنى كۆرۈپ تاسلا قالدىم خوشاللىقىمدا پاڭڭىدە يىغلىۋەتكىلى ، ئەمما خۇجايىننىڭ ئالدىدا يەنىلا ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تېرىشىپ ؛
— قاچان كەلگەنتىڭ ؟ ،- دېدىم پەس ئاۋازدا ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي .
— كەلگىلى ئىككى سائەت بولدى ، ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟ سەندىن بەكلا ئەنسىردىم گۈلۈم ...
— خۇداغا شۈكرى ، ئىككى سائەتتىن ياقى نەدە يۈردىڭ ، ئەمدى كەپسەنغۇ ،-دېدىم سەل نازلىنىپ باتناپ .
— ساڭا قاراپ تۇرغىلى ئىككى سائەت بولدى ، ئەمما سەن بۇنى سەزمىدىڭ . خۇجايىنىڭ مېنى ئاللىبۇرۇن كۆرگەن ئېدى ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ساڭا دېمەي تۇرغۇن دەپ گەپ قىلغىلى قويمىدىم .
— نېمىشقا ئەمدى ، خەپ جۇما ئەسكى !
مەن يالغاندىن باتنىغاندەك قىياپەتتە ئۇنىڭغا ھومۇيۇپ قارىدىم ، بۇ چاغدا ئىليار بىلەن خۇجايىن ئىككىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ  كەتتى . مەن بۇ قىلىقىمدىن  سەل خىجىل بۇلۇپ ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك تىرنىقىمنى تاتلاپ يەر تېگىدىن خۇجايىنغا قارىدىم . خۇجايىن ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ؛
— ھە گۇلى بولدى خاپا بولمىغىن ، ئىليار  سېنى دۇكاننىڭ سېرتىدىن  كۈزۈتۈپ  تۇرغىلى ئىككى سائەت بولدى ، ئۇ سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى كۆرۈپ باققۇسى باركەن . شۇڭا مەنمۇ ساڭا گەپ قىلمىدىم . سەن سودىغا بېشىڭچىلەپلا كىرىپ كەتكەن تۇرساڭ ، ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئاشىقىڭغا قارايدىغان نەدىكى چولاڭ بولسۇن  ھا ھا ھا !
خۇجايىننىڭ كۈلكىسى بىلەن مەنمۇ ،ئىليارمۇ تەڭلا كۈلۈپ كېتىشتۇق . توۋا ، مۇھەببەت دېگەن شۇنداقمۇ ، قەلىپلەردىكى تۈگۈن ، يېتىرقاشلار بىردەمدىلا ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن يېشىلىپ ، ئىسسىق سېزىم دىللارنى ئىللىتىپ ،كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن . خۇجايىنىمنىڭ چېھرىسىدىكى ئىللىق تەبەسسۇمدىنمۇ ،بوۋام -موماملارنى كۆرگەندەكلا تەسىراتقا كېلىپ قالدىم . كۈلكىسىنى توختاتقان خۇجايىنىم ؛
— گۈلى  ، ئىليارمۇ ھېرىپ -ئېچىپ كەلدى .  بۈگۈن سېلەرنى مەن مىھمان قىلاي ،— دېدى خۇددى ئەركەكلەردەك مەيدىسىگە قۇلىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ .
— رەھمەت خۇجايىن ، كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى ، بىز سىزنى مېھمان قىلايلى ،-دېدى ئىليارمۇ بوش كەلمەي .
— ھوي بالاڭزا ، ئېشىپ -تېشىپ تۇرغان پۇلۇڭ بولسا گۇلىغا بەرگىن ، ياكى بولمىسا ئوقۇشىڭغا ئىشلەتكىن . مەن دېگەن خۇجايىن ، پۇل دېگەننى خەجلەيدىغان يەردە خەجلەيمىز . گۇلى بەك ئوبدان قىز ، سۇدىغىمۇ خېلىلا پىشىپ قالدى ، ئۇنى ئۆز قىزىمدەكلا كۆرۈمەن . شۇنداق بولغان يەردە سېنىمۇ ئەلۋەتتە كۈيئوغلۇم ئورنىدا كۆرىشىم كېرەكتە ھى ھى ھى شۇنداقمۇ گۈلى ،- دېدى مۇرەمگە شاپىلاقداپ تۇرۇپ .
مەن سەل خىجىللىق ئىچىدە خۇجايىنغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم . ئىليارمۇ ‹ رەھمەت ، رەھمەت › دەپ خۇجايىنغا تەكەللۇپ قىلدى . خۇجايىن ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي بىزنى بىر پوزۇر بېزەلگەن ئۇيغۇرلار ئاشخانىسىگە باشلاپ كىردى ،ھەم بولدى دېگەنگە ئۇنىماي بىرمۇنچە قورىمىلارنى بويرۇتتى . جوزىدىكى مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئېسىل تائاملارغا چوكا سېلىشتىنمۇ ئەيمىنىپ ئولتۇراتتىم ، خۇجايىنىم بۇنى چۈشەندى بولغاي ؛
— ھە قېنى ئېلىڭلار ، تارتىنماي يەڭلا . مېنى بۇ يەردە خۇجايىن ئورنىدا كۆرمەي يىقىن تۇققىنىم دەپ كۆرسەڭلارلا بۇلىدۇ .  مېنىڭ بۈگۈن سىلەرگە دەيدىغان گېپىم بار . ئالدى بىلەن تاماق يەڭلار ئاندىن دەيمەن .
خۇجايىننىڭ بۇ گېپىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشىپ ، بىر -بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق .
تاماقمۇ يىيىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە خۇجايىن ؛
— بۈگۈن مۇشۇ ۋاقىت مۇشۇ چاغلاردا ئىككىڭلارنى يالغۇز قويسام ، ئاراڭلارغا قىسىلۋالمىسام ياخشى بۇلاتتى . ئەمما سىلەرگە دېمىسەم بولمايدىغان گەپلىرىم بار . مېنىڭچە بۇ گەپلىرىم سىلەرگە پايدىلىق دەپ قارايمەن . گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي ئۇدۇللا دەي ، ئىليار گۈزەلئاينى ھەقىقىي ياخشى كۆرەمسەن ؟ ئۇنى بەختلىق قىلالايدىغانغا ئىشەنچىڭ بارمۇ ؟ گۈزەلئاي سېنىڭچۇ ؟
خۇجايىننىڭ ئاغزىدىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن ، ھەيرانلىق ئىچىدە ئىليارغا قارىدىم ، ئىليارمۇ سەل تاسادىبىلىق ھېس قىلدى بولغاي  ماڭا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن ؛
— فاڭ ئاچا ، بىز بىر-بىرمىزنى ياخشى كۆرگەچكە يۇرتنى تاشلاپ گۈزەلئايمۇ مۇشۇ يات بىر شەھەردە يۈرىۋاتىدۇ ، مەن ئۇنىڭ مېنى دەپ قىلغان بۇ قارارىدىن تولىمۇ سۆيۈنىمەن . ئەمما ئۇنى جاپادا قويغىنىمدىن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن . لېكىن سىزنىڭدەك بىر ياخشى خۇجايىننىڭ قۇلىدا ئىشلەپ قالغىنى ھەر ئىككىمىزنىڭ تەلىيى ، ئالدى بىلەن سىزگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ئاندىن قالسا گۈزەلئايغا رەھمەت . ئۇنىڭ مېنى قوللاپ ،توغرا چۈشەنگەنلىكىگە رەھمەت . ناۋادا ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا قىز بولغان بولسا ، مۇشۇنداق بىر نەچچە ۋاقىت ئۈنتىنسىز يوقاپ كېتىپ ، قايتىپ كەلسەم بەلكىم يۈزۈمگە قارىمىغان بۇلاتتى ،— دېدى كەسكىن قىياپەتتە .
خۇجايىن ئىليارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن ماڭا قارىدى ، ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن ‹ سېنىڭ پىكرىڭنىمۇ ئاڭلاپ باقاي › دېگىنى چىقىپ تۇراتتى . شۇڭا مەنمۇ تارتىنماستىنلا ؛
— مەن بىر يىتىم قىز ، ئاتا -ئانامنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ ، ئەمما مۇشۇنچىلىك بولغۇچە بوۋام ، مومام ، ئىليار ،مەمەت بوۋاملارنىڭ غەمخۇرلىقىدا چوڭ بولدۇم ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ھېچنىمەم قالمىغاندىمۇ ئىليار ماڭا يار -يۈلەك بولدى ، مانا ئەمدىلىكتە سىزدەك ياخشى خۇجايىننىڭ قۇلىدا ئىشلەپ قالدىم ، بەلكىم بۇمۇ ئاللا ئىگەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدۇ ، ئىليارنىڭ ئۆيىگە كىلىشمەسلىك كەلگەندە مەن بۇنى توغرا چۈشەنمىسەم بولماس ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى ئەيىپلەپ كىلىۋاتسام ، ئىليار سەن نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن . مەن ساڭا دېگەن ، پەقەت سەنلا بولساڭ ، مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن . تەغدىر ھازىر بىزنى سىناۋاتىدۇ ئىليار ،- دېدىم ئىليارغا ئۈمۈتلۈك كۆزلىرىمنى تىكىپ تۇرۇپ .
فاڭ ئاچام ھەر ئىككىمىزنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن خۇددى سوتچى خادىم سوتنىڭ نەتىنجىسىنى ئېلان قىلغاندەكلا ( كىنولاردىن كۆرۈۋالغان ئېدىم بۇنى ) ھەر ئىككىمىزگە كەسكىن قىياپەتتە ؛
— چۈشەندىم ، ئىككىڭلارنىڭ بىر -بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلار چىڭ ئىكەن . ئەمما بۈگۈنكى گېپىمنىڭ مېغىزلىق يېرى شۇكى ، ھەرقانداق بىر ئىش ۋاقتى -سائىتى توشقاندا بولغىنى ياخشى . شۇڭا ھەرقانداق ئىشقا ئالدىراقسانلىق قىلىپ ئۈمۈر بۆيى پۇشايماندا قالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار . گۈلىدىن ئاڭلىسام ئىليار ، ئاپاڭ ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدىكەن ، ھەم كېسەلچان بۇلۇپ قالدى دەيدۇ ، ھازىر ئەھۋالى قانداقراق ؟
— ھازىر خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى ، بىر يىقىلغان بىلەن يېرىم پالاچ بۇلۇپ قالغان ئېدى ، دوختۇرلار كۆپ ھەركەت قىلىپ بەرسۇن دەپتى ، شۇ بويىچە ھەركەت قىلىپ ، ھازىر ماڭالايدىغان بولدى ، قان بېسىمىمۇ ، كەيپىياتىمۇ نورماللاشتى ،  . شۇڭا مەنمۇ مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن كەلدىم . ئەمدى قايتمىسام مەكتەپتىن مەكتەپ پۈتتۈرۈش كىنىشكەمنى بىر يىل كېچىكتۈرۈپ قويغۇدەك .
— ھە مۇنداق دېگىن . ئەمىسە ياخشى بوپتۇ ، مەكتىۋىڭمۇ پۈتۈشكە ئاز قالدى . مەكتەپ پۈتكەندىن كېيىن مۇشۇ ئۈرۈمچىدە قالىسەنغۇ دەيمەن . گۈلىدىن ئەنسىرمىگىن . ھېلى بېرىپ كۆرۈسەن ئۇنىڭ چىرايلىق ھۆجۇرسىنى . گۈلى ھەقىقەتەن تېرىشچان ئىكەن ، قارىمامسەن ئۇنىڭ سومكىسىدىكى كىتاپلارنى . بىكار ۋاقتى بولسىلا كىتاپ كۆرىدۇ . يەنە كىلىپ مەن بىر تارماق دۇكان ئاچايمىكىن دەپ ئويلاشقان . ناۋادا بۇ خىيالىم ئەمەلگە ئېشىپلا قالسا ، ئۇنى شۇ دۇكانغا مەسئۇل قىلىپ قۇيۇمەن . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ كۆزى پىشسا ، كېيىنچە دۇكان ئايرىپ خۇجايىن بۇلۇپ كېتىدۇ دېگىنە . شۇ چاغدا ئويدىكىلىرىڭمۇ توي ئىشىڭلارغا قوشۇلماي قالماس . لېكىن يەنە دېسەم يەنە شۇ ، مۇھەببەتنى ئۇيۇن ئورنىدا كۆرمەڭلار . ھازىرقى ياشلاردا شۇنداق كېسەل بەكلا ئېغىر ، ئازراق ئۆتكەللەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئايرىلىپ كېتىپ ئۆمۈر بويى پۇشايماندا ياشايدۇ . ‹‹كېيىنكى پۇشمان ئۆزگە دۇشمان ›› دېگەن گەپ بار .شۇڭا سىلەرنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىڭلەرنىڭ خوشال ئۆتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . بەلكىم ئىككىڭلار ھەيران قېلىۋاتىسىلەر ، بۇ فاڭ خۇجايىنغا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ دەپ . گەرچە مەن خەنزۇ بولساممۇ ، بىزنىڭ خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشىلىققا ياخشىلىق يانىدۇ دەيدىغان گەپ بار . يەنە كېلىپ گۈلىنىڭ تېرىشچانلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى ، ئۇ دۇكىنىمغا كىرگەندىن بويان سوداممۇ بىر ھەسسە كۆپەيدى . پايدىنى كۆرۈپ شۇنداق قىلىۋاتقىنىم يوق ، ئۇنىڭدەك بىر ياقا -يۇرتتىن كەلگەن بىر قىزنىڭ ئۈرۈمچىگە سىڭىپ كېتىشى ئاسان ، ئەمما قانداق سىڭىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق . گۈلى قاراپ باقسام تېرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم بىر چوڭ سودىگەر بۇلۇپ سىڭىپ كېتىدۇ .بۇنىڭغا كۆزۈم يەتكەنلىكتىن ، سىلەرگە ياردەم قىلغۇم كەلدى . باشقا مەقسىدىم يوق . ‹‹گۆھەر ياتىدۇ سايدا ، تۇنىمىساڭ نېمە پايدا  ›› دەيدىغان سىلەرنىڭ بىر ماقال -تەمسىلىڭلارمۇ بار . شۇنىڭدەك مەن ئۇنىڭ بۇنداقلا  توپىغان كۆمىلىپ قېلىشىنى خالىمىدىم . ئەمما بۇنىڭغا سەنمۇ ياردەم قىلمىساڭ بولمايدۇ ئىليار ، سەن دېگەن گۈلىنىڭ يۈرەك دورىسى ھى ھى ھى
فاڭ ئاچامنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە ياشلار كىلىپ كەتتى ، كۆز ياشلىرىمنى كۈلكۈمگە يۈشۈرۈپمۇ يۇشۇرۇپ ئالالمىدىم . مەندەك بىر يىتىم قىزغا ئاتىدارچىلىق قىلىۋاتقان بۇ ئايالغا ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى .
— رەھمەت فاڭ ئاچا ،— دېدى ئىليارمۇ ھاياجاندىن - سىز بىزگە بەكلا چوڭ ياردەمدە بولدۇڭىز ، ئەينى چاغدا سىز گۈزەلئاينى دۇكىنىڭىزغا ئالمىغان بولسىڭىز ، ھازىر بىز نەلەردە تەمتىرەپ يۈرەتتۇق بۇنى بىر ئاللا ئېگەم بىلىدۇ . شۇنداقلا مەن يوق چاغلاردا ئۇنىڭ ياتاق مەسىلسىنىمۇ ھەل قىلىپ بېرىپسىز . بۇ قىلغان ياخشىلىقلىرىڭىزنى چوقۇم قايتۇرىمىز . مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەم ئەسلىدە ئۈرۈمچىدە قالماقچى بولغانتىم ، بۇ گەپنىمۇ ھازىرلا دەي . لېكىن ئاپامنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بۇ نىيىتىمدىن ياندىم ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ ، شۇ يەردە خىزمەت قىلغاچ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايمىكىن دەپ ئويلاشتىم ، بۇنىڭغا گۈزەلئاي سەن قانداق قارايسەن ؟ فاڭ ئاچا بۇ قارارىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلەلمەي قالدىم ، گۈزەلئاينى دېسەم ئۈرۈمچىدە قالغىم بار ، ئاپامنى دېسەم يۇرتقا كەتكىم بار . بېشىم قېتىپلا كەتتى بۇ ئىشقا . لېكىن يۇرتقا قايتقان ھالەتتىمۇ گۈزەلئاي سېنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايمەن . بۇنىڭغا ماڭا يۈز پىرسەنت ئىشەنسەڭ بۇلىدۇ .
ئىليارنىڭ بۇ سۆزىگە دەماللىققا بىر نېمە دىيەلمىدىم . بۇ چاغدا فاڭ ئاچام باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ ؛
— يارايسەن ئىليار ، ئوغۇل بالا دېگەن ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلىشى كېرەك .‹‹ ئاتاڭ رازى خۇدا رازى ›› دەپ ،ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالالىغان ئەر  ئايالىنىمۇ رازى قىلىشنى بىلىدۇ دەيدۇ . مەيلى سەن نەدىلا خىزمەت قىلغىن ، بىر -بىرىڭلارغا بولغان مۇھەببىتىڭلار چىڭ ، مۇستەھكەم بولسا ، بىر -بىرىڭلارغا ئىشەنسەڭلار ، ئاراڭلاردىكى ئارىلىق يىراق بىلىنمەيدۇ . ئەمما مېنىڭ تەكلىۋىم ، سەن يۇرتۇڭغا قايتساڭمۇ قايتقىن ، گۈلى يەنىلا مۇشۇ يەردە ئىشلەپ ، ئىگىلىك تىكلەپ بولغاندىن كېيىن قايتسۇن ، شۇ چاققىچە ئىككىڭلارنىڭ ئىرادىسى چىڭ بولسا ، كىيىن چوقۇم توي قىلىپ ،بەختلىك بۇلالايسىلەر  ،— دېدى قەتئىلىك بىلەن . مەن فاڭ ئاچامنىڭ سۆزلىرىدىن سەل تېتىكلىشىپ قالغان بولساممۇ ئەمما قەلبىمنى بىر خىل قورقۇش ، ئەنسىرەش ئېگىلەپ چىرايىمغا تەپمەكتە ئېدى . بۇ ئەندىشەمنى يەنىلا فاڭ ئاچام سېزىۋالدى ۋە ؛
— گۈلى ، ئەنسىرمىگىن ، بۇ يەردىكى ئىشلىرىڭغا مەن بار ، بايام دېگەندەك ساڭا چوقۇم ياردەم قىلىمەن . ئەمدى ئىليار بىلەن بولغان ئىشىڭلارغا كەلسەم ، يۈرۈكىڭنى تۇتۇپ بېقىپ ئۆزەڭگە جاۋاپ بەرگىن بۇلامدۇ ؟ ناۋادا ئىليارنى ئۈرۈمچىدە قال دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ كېيىنچە ئالىمادىس بىرە ئىش يۈز بېرىپ قالسا ، ئىليارنىڭ ئالدىدا ئۆزەڭنى خۇددى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ بىر ئۆمۈر ئۆزەڭنى ئەيىپلەپ ئۆتىسەن . ناۋادا ئىليار دېگەندەك ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقى مۇشۇ شارائىتتا يۇرتۇڭغا كەتسەڭ ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى چوقۇم ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا قوشۇلمايدۇ . بۇ چاغدا ھەر ئىككىڭلار ئازاپتا قالىسىلەر . شۇڭا كىيىنكى كۈنلىرىڭلارنىڭ خوشال ئۆتىشى ئۈچۈن سەن ھازىرچە قۇربانلىق بەرگىن ، ئىليار سېنى ساقلىسۇن . سەنمۇ ئۇنى ساقلىغىن . قانچە يىل ساقلاشقا توغرا كەلسىمۇ چوقۇم بۇ كۈنلەرنى يېڭىشىڭلار كېرەك ، ئاسان قولغا كەلگەن بەخت ئاسانلا توزۇپ كېتەمىش ، شۇڭا بىر -بىرىڭلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشۈپ ، مىرات -مەقسەتلىرىڭلارغا يېتىمىز دەيدىكەنسىلەر ، بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشىڭلار كېرەك . مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن چوقۇم بۇنى قىلالايسىلەر ! ھەقىقي ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك دوزاق ئوتىمۇ كۈيۈك ئۆتىنىڭ ئۇچقۇنىچىلىك بىلىنمەيدۇ ، كۈيۈك ئازابى شۇنچە دەھشەت بولسىمۇ ، خۇددى پەرۋانە يالقۇندا كۆيۈپ ۋىسال تاپقىنىدەك ئاشىق -مەشۇقلار  ئۈچۈن لەززەت بىلىنىدۇ ...  
فاڭ ئاچام بۇ سۆزلەرنى شۇنداق ئۇرغۇلۇق ئاۋازدا سۆزلىدى ، مەن ئىليارغا قارىدىم ، ئۇنىڭ  كۆزلىرىدىن ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى ، فاڭ ئاچامدەك ھېچقانداق  بىر قانداشلىق مۇناسىۋىرتىمىزمۇ يوق ئايالنىڭ بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك كۈچەپ ، خۇددى ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلغاندەك گەپلەرنى قىلىشىنى ھەر ئىككىمىز ھەتتا چۈشۈمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق .  كىتاپلاردىن دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەل دېسە ئانچە ئىشىنىپمۇ كەتمىگەنتىم . مانا بۈگۈنكى فاڭ ئاچامنىڭ بىزنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ، ئەقلىمىزنى جۆرۈپ يول كۆرسىتىشلىرىدىن ، ئەسلىدە دۇنيادىكى مېھرى -مۇھەببەتنىڭ ياتلارنى تۇققان ، يىراقنى يىقىن قېلىدىغان سېھرى كۈچىنىڭ بارلىقىنى  تۇنجى بۇلۇپ ھېس قىلىشقا باشلىدىم . بەدەنلىرىم ھاياجاندىن تىترەپ ، ئالدىمدىكى بۇ ئايالغا نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنىمۇ بىلمەي قالدىم .
بۇ چاغدا ئىليار يۈگۈرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ فاڭ ئاچامنىڭ قۇلىنى چىڭ چىقىپ تۇرۇپ ؛
— رەھمەت  ، بىزنى ئۆزبالىڭىزنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ ، بىزگە يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت . بىز چوقۇم سىزنى نائۈمۈتتە قويمايمىز ، چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىمىز ، شۇنداققۇ گۈزەلئاي ؟
— شۇنداق فاڭ ئاچا ، كىيىنكى كۈنلىرىمىزنىڭ بەختلىك بۇلىشى ئۈچۈن ، مەن چوقۇم  تېرىشىمەن ، ھەم ئىليار سېنىڭ تاللىشىڭنىمۇ قوللايمەن ،
ئوقۇشۇڭ تاماملانغاندا يۇرتقا قايتىمەن دېسەڭ مەيلى ، مەندىن ئەنسىرمىگىن . فاڭ ئاچامنىڭ ئەمدى پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان . مېنى كەت دەپمۇ كەتكۈزەلمەيدۇ شۇنداقمۇ فاڭ ئاچا ؟
— ھى ھى ھى ، مانا ئەمدى مېنىڭ قىزىمدەك گەپ قىلدىڭ گۈلى . بولدى ئەمىسە گەپ مۇشۇنداق بولسۇن ، بۈگۈندىن باشلاپ گۈلى مېنىڭ تۇتۇق قىزىم ، ئىليار سەن ئۇنى بوزەك قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلمىغىن ، كېيىن توي قىلغاندا ئۇنى مېنىڭ ئۆيىمدىن كۆچۈرۈپ ماڭىسەن !
— ھا ھا ھا ، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەندە فاڭ ئاچا، ئەمىسە گۈلىنى سىزگە تاپشۇردۇم ، شۇنداق قىلسام مەنمۇ خاتىرجەم مەكتىۋىمگە ماڭىمەن . رەھمەت سىزگە ، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنتىمايمەن !
— بولدى بولدى ، تەكەللۇپلىرىڭ كېرەك ئەمەس ، ماڭا كېرىكى سېنىڭ گۈلىنى بەختلىك قىلىشىڭ . ئەمما بەخت دېگەن نەرسىنى كوچىدىن تېرىۋالغىلى بولمايدۇ ، ئۆزەڭلارنىڭ تېرىشچانلىقىغا باغلىق .  سېلەر تېخى كىچىك ، توي قىلىشقا ئالدىرمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ . بۇ يېشىڭلاردا سىلەرگە مۇھىمى ئوقۇش ، بىلىم ئېلىش ! بىلىم دېگەن ئادەمنىڭ كۈچ قۇۋىتىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدىغان خورىماس ئېنىرگىيە ، ئادەم بۇ ئېنىرگىيەنى قانچە كۆپ قۇبۇل قىلسا شۇنچە تاكامۇللىشىدۇ . شۇڭا سىلەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپەڭلەر بىلىم بىلەن قوساقنى تولدۇرۇش . گۈلىگىمۇ ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمەن . شۇندىلا ئۇمۇ سودىنىڭ ئۇجۇر -بۇجۇرلىرىنى تېخىمۇ تۇلۇق چۈشۈنىپ يىتىدۇ . ئەمىليەت بىلەن نەزىريەنى بىرگە ئېلىپ بارسا ، ئاز ۋاقىتتىلا ئۇمۇ داڭدار سودىگەرگە ئايلىنالايدۇ . بولدى تولا نەزىريە سۆزلەپ كەتتىم ، ئەمدى مەن ئۆيگە قايتاي ، سىلەرگە ئازراق ۋاقىت بېرەي ھى ھى ھى ، گۈلى كەچتە ئۆيگە چىقىپ ياتقىن ، ئۆزەم يالغۇز ئۆيدە بۇنى بېلىسەن . سېنىڭ ھۇجراڭدا ئىليار ياتسۇن .
— ماقۇل ، رەھمەت ئاچا .
— ھە ئەمىسە مەن ماڭغاچ تۇراي ، سىلەر كەينىمدىن باراسىلەر ، خوش ~
— بۇلىدۇ ، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى ، خوش .
فاڭ ئاچام بىز بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى ، ئىليار بىلەن ئىككىمىز ئۇنى ئۇزاتقاچ تەڭلا سىرتقا چىقتۇق ھەم ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە ئۈنتىنسىز قاراپ تۇردۇق !  



داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ

59

تېما

569

يازما

1647

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 725
يازما سانى:
569
تىللا:
988
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
163 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

148#
ۋاقتى: 2015-9-9 18:54:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئوف،رەھمەت ھەر نىمە بولسا ئاخىرىنى يېزىپسىز مەن مۇنبەرگە تۇنجى ئەزا بولۇپ كىرگەندە تۇنجى ئوقۇغان ئەسىرىم شۇ ئېدى.ئاخىرىنى تىزراق يېزىشىڭىزنى ئۆمۈت قىلىمەن.
كەتسەم ئەگەر يىراق جايلارغا.ئۇنۇتماڭلار ئەسەرلىرىمنى

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

149#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-11 17:59:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈن يېرىمىنى يازغانتىم ، يەنە ئىشىم چىقىپ قېلىپ ساقلاپ ئويدۇم . دۈشەنبىگە قالىدىغان بولدى داۋامى . ئۆزۈرلۈكمەن

0

تېما

1

يازما

9

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 917
يازما سانى:
1
تىللا:
8
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
2 سائەت
ئاخىرقى:
2015-11-11
150#
ۋاقتى: 2015-9-12 22:16:03 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ئولتۇرغانچە ھەمىنى ئوقۇۋەتتى.م ياخشى چىقىپتۇ  ئاخىرنى ساقلايمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:28 , Processed in 0.153812 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش